زەمران
ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ ئوتتورا شەرىقتىكى كىچىك ئەزاسى سېپىرۇسقا تۈركىيەنىڭ 50مىڭ كىشىلىك قوشونى تاجاۋۇز قىلىپ كىردى
سىپرۇس جۇمھۇرىيىتى گرىك تىلىدا: سىپرۇس، تۈرك تىلىدا: كۋېبر، قىسقارتىلىپ سىپرۇس دەپ ئاتىلىدۇ، ياۋروپا بىلەن ئاسىيا چېگرىلىنىدىغان جايغا جايلاشقان ئارال دۆلەت بولۇپ، ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، كۆلىمى 9251 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. سىپرۇس جۇغراپىيەلىك ئورۇن جەھەتتە ئاسىياغا تەۋە، لېكىن مەدەنىيەت، سىياسىي جەھەتتە يەنە ياۋروپانىڭ بىر قىسمى.
سىپرۇس ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنىڭ غەربىي ئاسىيا رايونىغا كىرىشتىكى مۇھىم ئۆتكىلىگە جايلاشقان بولغاچقا، مىلادىدىن بۇرۇنقى 1500ـ يىلى قەدىمكى گىرىكلەر سىپرۇس ئارىلىغا كۆچۈپ بارغان. كېيىن ئاسسۇرىيە ئېمپىرىيسى، قەدىمكى مىسىر، پارس(پېرىسىيە) ئېمپىرىيسى، قەدىمكى رىم ۋە ۋىزانتىيە ئىمپىرىيەلىرى تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان.
مىلادىدىن ئىلگىرىكى 333ـ يىلى ئېمپىراتور ئالېكساندر پارسلارنىڭ قولىدىن بۇ ئارالنى ئۆتكۈزۈۋالغان. مىلادىيە 7-ئەسىردە ئەرەپ ئېمپىرىيەسى ۋە ئابباسىيلار خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1571ـ يىلى ئوسمان ئىمپېرىيەسى تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىنغان. 1878ـ يىلى ئەنگلىيەگە بۆلۈپ بېرىلگەن، 1925ـ يىلى رەسمىي ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلانغان. 1960ـ يىلى 8ـ ئاينىڭ 16ـ كۈنى مۇستەقىللىق جاكارلاپ، 1961-يىلى ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىگە ئەزا دۆلەت بولغان.
سىپرۇس مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ئاساسلىق مىللەت گىرىكلەر بىلەن ئاز سانلىق مىللەت تۈركلىرىنىڭ ئاندا ـ ساندا توقۇنۇشى ئۈزۈلمىدى 1974ـ يىلىغا كەلگەندە ئېغىر ئىرقىي قانلىق توقۇنۇش يۈز بەردى. ئاساسلىقى بۇ ئارالنىڭ شىمالىدا ئولتۇراقلاشقان تۈركلەر تۈركىيەنىڭ ئارىلىشىشى ۋە قوللىشى ئارقىسىدا شۇ جايدا ئايرىم ھاكىمىيەت بولغان شىمالىي سىپرۇس تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى.
ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويۇپ داۋاملىق مەزمۇن كۆرۈڭ
شۇڭا سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇنىي ئىگىلىك ھوقۇقى سىپرۇس ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكى بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۈنۈملۈك ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان رايون ئارالنىڭ جەنۇبى بولۇپ، پۈتۈن ئارال كۆلىمىنىڭ 63% ئىنى ئىگىلەيدۇ.شىمالىي سىپرۇس سىياسىي ئەمەلىي گەۋدە بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيە تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. سىپرۇس ئوتتورا شەرىقتىكى ئىسرائىلىيە بىلەن بىر قاتاردىكى تەرەققىي قىلغان كاپىتالىستىك دۆلەت بولۇپ، 2004ـ يىلى 1ـ ماي ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كىرگەن
يېقىندا تۈركىيەنىڭ سېپىرۇسنىڭ شەرقىي قىسىم دېڭىز تەۋەلىكىدە چارلاش ئېلىپ بېرىشنى باھانە قىلىپ سېپرۇسنىڭ ئالاھىدە ئىقتىسادى رايونىنى بېسۋېلىشى ۋە شىمالى سېپرۇستا 50مىڭ كىشىلىك قوشۇن تۇرغۇزۇشىغا قارىتا گېرمانىيە سىپرۇسقا تۈركىيەگە جازا قوللانمايدىغانلىقىنى ئېيتتى گېرمانىيە ئەمەلدارى سىپرۇس ھۆكۈمىتىگە تۈركىيەنىڭ گىرېتسىيە ۋە سىپرۇسقا تاجاۋۇز قىلغانلىقى ئۈچۈن جازاغا ئۇچرىشىنىڭ ئانچە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئېيتتى، بۇ مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: گەرچە تۈركىيە دېڭىز تەۋەلىكى ھەربىي پاراخوت ئەۋەتىپ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەتلىرىنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن گېرمانىيە بۇ سەۋەبلىك تۈركىيەگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك جازا قوزغىمايدۇ.
سىپرۇس ھۆكۈمىتى بولسا گېرمانىيە ئەمەلدارلىرىغا: ئەگەر بېلارۇسىيەنى جازالاش بۇ ئىش بىلەن ئالاقىسى بولمىسا، سىپرۇس بېلارۇسىيەنى جازالاش ھەركىتىگە قاتناشمايدۇ ، دېدى. بۇندىن ئىلگىرى گېرمانىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرا يەر دېڭىزى مەسىلىسىدە ئۇچراشقان ئىدى گېرمانىيە ئەمەلدارى: جازالاش زور تەسىر پەيدا قىلمىدى، دېدى.بۇ تۈركىيەگە تىز پۈكۈش ئەمەس، بەلكى تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىش ئىستراتېگىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئەكسىچە تۈركىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ ھەم تۈركىيەنى تېخىمۇ رادىكال دەرىجىگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ، دېدى سىپرۇس تەرەپ.
گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت گىرېتسىيە ۋە سىپرۇسقا قارىتا كىرىزىس قوزغاش مۇمكىنچىلىكىنى داۋاملىق يېنىكلەتتى. سىپرۇس گېرمانىيەدىن كەلگەن بارغانسېرى زور بېسىمغا دۇچ كەلمەكتە، گېرمانىيە تۈركىيەنىڭ تەتقىقات پاراخوتىنى سىپرۇس دېڭىز تەۋەلىكىدىن چېكىندۈرۈشنى بىر تۈرلۈك قارار قىلىشقا قوشۇلدى، ئاندىن بېلورۇسىيەنى جازالىدى.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىدە: تۈركىيەنىڭ ئەسكەر چېكىندۈرۈشى سىپرۇسنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش مەيدانى بولالايدۇ دېيىلدى.سىپرۇس ھەربىي كۈچى نامايان قىلىندى، سىپرۇس دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: گىرېتسىيە بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەندىلا، خەلقارا جەمىيەت ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىدۇ، بۇ مەزگىلدە، تۈركىيەنىڭ سىپرۇسقا تەۋە مەخسۇس ئىقتىسادىي رايونغا تاجاۋۇز قىلىشى ئاساسىي جەھەتتىن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىيالمىدى، سىپرۇس تەرەپ سىپرۇسنىڭ ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىنىدا، تۈركىيە قانۇنسىز سايلام ئۆتكۈزۈشتىن ئىلگىرى، خەلقارا جەمىيەتبولۇپمۇ ياۋروپا چوقۇم تۈركىيەنى قول سېلىپ توسۇشى كېرەك.سىپرۇس تۈركىيە سىپرۇس ۋەزىيىتىگە ئارىلاشتى دەپ ھېسابلىدى، بۇ خەلقارا جەمىيەتنىڭ بولۇپمۇ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغايدۇ.
سىپرۇسنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى نىكوس كىرىستودۇردىس مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«سىپرۇس مەسىلىسىنى خەلقارا قانۇن رامكىسى ئاستىدا ھەل قىلىش كېرەك» دېدى. گېرمانىيە بولسا، سىپرۇس تۈركىيەنى جازالاشنى تەلەپ قىلىش تەلىپىدىن ۋاز كېچىشى كېرەك، دەپ ھېسابلىدى ھازىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىئو گۇتېرىس ئېلان قىلغان ئىشغال قىلىۋېلىنغان زېمىندىكى سايلام دىن كېيىن سىپرۇس مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتنى دەرھال ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى نەزەردە تۇتۇش كېرەك، ھەمدە بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە، جازالاش تىزىملىكىگە بەزى ئىسىملارنى كىرگۈزۈش تۈركىيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكىنى كۈچەيتىۋېتىدىكەن، بۇ سۆھبەت ئۈستىلىدە مەسىلە پەيدا قىلىشى مۇمكىن ئىكەن. ھازىر بولسا، تۈركىيە سىپرۇس رايونىدا ئاز دېگەندىمۇ 50 مىڭ كىشىلىك قوشۇن تۇرغۇزدى ھەمدە شىمالىي سىپرۇس جۇمھۇرىيىتىنى يۆلىدى، بۇخىل ئەھۋال بۇ رايون ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن قالايمىقان بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ياۋروپانىڭ ھازىر ئەزەربەيجان ئىشغال قىلىۋالغان بارلىق زېمىننى تىلغا ئېلىشى ئانچە مۇمكىن ئەمەس، ئەرمېنىيە بولسا ھازىر ماھىيەتتە ئەزەربەيجاننىڭ زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالدى، دەپ قارىلىدۇ چۈنكى ئەزەربەيجان تۈركىيەنىڭ يېقىن ئىتىپاقدېشى روشەنكى، ياۋروپا ئىتىپاقى ئەرمىنىيە-ئەزەربەيجان توقۇنىشىدا تۈركىيىنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئەزەربەيجان تەرەپتە تۇردى.
تۈركىيەنىڭ ئىلمىي تەكشۈرۈش پاراخوتى ھازىر ئوتتۇرا يەر دېڭىزىنى خالىغانچە چارلايدۇ ، تۈركىيەنى رازى قىلىش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتىپاقىمۇ بۇلارغا كۆز يۇمىۋالدى، شۇڭا تۈركىيەنىڭ سېپىرۇسقا ئەسكەر كىرگۈزىشىمۇ ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ كۆزىنى يۇمۇۋېلىشىغا ئۇچۇرىدى، تۈركىيەنىڭ كەلگۈسىدە مۇمكىن بولىدىغان ۋەزىپىسى سىپرۇستىكى گىرېكلەر ئىگىلىۋالغان زېمىنغا كەڭ كۆلەمدە كىرىش، بۇ سىپرۇس دۆلەت مۇداپىئە لىنىيەسىنىڭ مۇكەممەللىكىنى بۇزۇپ، شىمالى سېپىرۇس نىڭ سېپىرۇس جۇمھۇرىيتىگە يەنىمۇ ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتى ئۈچۈن كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى يارىتىپ بېرىدۇ ھەمدە سىپرۇستىكى گىرېكلار رايونىنى كۆڭۈلدىكىدەك كونترول قىلىدۇ. بۇ ئىنىقكى تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتى. مەزمۇندىن رازى بولغان بولسىڭىز ئەڭ ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹