ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
بۇ سەھەردە قاتتىق زەربە بولدى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئېغىر تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى مېھمانخانىلارنى ۋەيران قىلدى:ئەنگلىيە ئالاھىدە قىسمى ئېچىنىشلىق زەربىگە ئۇچرىدى،
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى يېقىندا قاتتىق تەدبىر قوللاندى، ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، ئۇلار ئۇكرائىناغا ھەم تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا، ھەم چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبا، يەنە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئېتىپ، ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرى، ھەربىي ئايرودۇرۇم، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاۋۇتلىرىنى بومباردىمان قىلدى ھەتتا ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ ياتىقىنىمۇ قويۇپ بەرمىدى. بۇ مەشغۇلاتتا رۇسىيە ئەمەلىيەتتە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا، بولۇپمۇ ئەنگلىيەگە ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى. ئەنگلىيە ئۇكرائىناغا ئەمدىلا 2 مىليارد ياۋرو ئۇرۇپ، ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى سېتىۋالغان ئەمەسمۇ، رۇسىيە ئەنگلىيە ئالاھىدە قىسمى تۇرىدىغان جاينى تاللاپ بومباردىمان قىلدى،
بۇنىڭ مەنىسى ناھايىتى ئېنىق:ئەنگلىيەلىكلەر، قولۇڭلار بەك ئۇزۇن بولۇپ كەتمىسۇن، سىلەر ياللانما ئەسكەر، قورال - ياراغ سوۋغا قىلساڭلار بىز چېقىلىشقا جۈرئەت قىلالمايمىز دەپ قالماڭلار، بىز ھەقىقىي چېقىلىمىز. دونباس تەرەپتە، ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي مەسلىھەتچىلەر ئۆمىكىنىڭمۇ بېشى چوڭ بولۇپ، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھۇجۇمىنى توسالمايتتى. رۇسىيەنىڭ سۇ 34 تىپلىق بومباردىمانچى ئايروپىلانى شۇڭغۇما باشقۇرۇلىدىغان بومبا تاشلاپ، دونباسنىڭ شەھەر - بازارلىرىنى تەكشى تەگلىك قازانغا ئوخشاش پارتلىتىۋەتتى.
رۇسىيە بۇ قېتىم قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئۇكرائىنانىڭ زېمىنىنى ئىگىلىۋېلىپلا قالماي، يەنە ئاشۇ مۇنبەت قارا تۇپراقنى، شۇنداقلا شەرقىي ئۇكرائىنانىڭ كونا پۇلغا يارايدىغان كان بايلىقلىرىنى ئۇزاق مۇددەت ئىگىلىۋالدى. بۇ يەر روسىيەنىڭ يىراق شەرق تەرىپىگە قارىغاندا كۆپ پۇلغا يارايدۇ.
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىدا پۇت تىرەپ تۇرىمەن دەيدىكەن، زېمىن ئىگىلەپلا قالماي، يەنە ئۇكرائىنانىڭ جەڭگىۋارلىقىنى خورىتىپ، ئۇكرائىنالىق بىر نەچچە قاۋۇل يىگىتنىڭ ئەدىپىنى بېرىشى كېرەك. رۇسىيەلىكلەر يەنە ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا كەڭ كۆلەمدە كۆچۈپ بېرىپ، نوپۇس ئالماشتۇرۇشى كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا بۇ يەرنى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسىغا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.