زېلېنسكىي يىغلاپ ھوشىدىن كەتتى!زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۆزىگە قول سال

文摘   2025-01-25 22:00   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


زېلېنسكىي يىغلاپ ھوشىدىن كەتتى. زېلېنسكىي ترامپنىڭ ئۆزىگە قول سالىدىغانلىقىنى ئويلىدى، لېكىن بۇنداق تېز، بۇنداق قاتتىق قول بولۇشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى!


 زېلېنسكىي يىغلاپ ھوشىدىن كەتتى. ئۇ ئەتىگەندە يەنە ترامپقا بىر پارچە قىزغىن تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى، ئۇ مۇنداق دېدى:«ئامېرىكىنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭىنىڭ تەختكە چىقىشى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان كۈن، شۇنداقلا مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈمىد كۈنى»، نەتىجىدە چۈشتىن كېيىن شۇم خەۋەر تاپشۇرۇۋالدىم، ترامپ تەختكە چىققان تۇنجى كۈنىلا ئۇكرائىناغا ياردەم بېرىش مەبلىغىنى 90 كۈن توڭلىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ 90 كۈن ئۇكرائىناغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر كۈن بىر يىلدەك بىلىنىدۇ! زېليانسكىينىڭ كۆڭلىدە چوقۇم كاللىسىدىن ئۆتمەيدۇ:تىرامپ نېمىشقا بۇنچە تېز ئۆزىگە «قول سالىدۇ»؟ ئەمەلىيەتتە سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي. ترامپنىڭ ئىزچىل رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا تۇتقان پوزىتسىيەسى ناھايىتى ئېنىق، ئۇ ئامېرىكا بۇ ئۇرۇشقا بەك كۆپ پۇل خەجلىدى،

ھازىر ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ئىقتىسادىي بېسىمى ئېغىر، ئۇ پۇلنى ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى خەلق تۇرمۇشى تۈرىگە خەجلىمەكچى، دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تىرامپ رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تېزدىن ئۇرۇش توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئۇ ھەتتا ئۇكرائىنانىڭ يول قويىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىدۇ. بۇ قېتىم زېلېنسكىي بەك تىت - تىت بولۇپ كەتتى. ئەگەر ئامېرىكا ياردەم بەرمىسە، ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ ئىككى خىل تاللاشقا دۇچ كېلىدۇ. ئەگەر ياردەم توختىتىلسا، ئۇرۇش ئۈستۈنلۈكى چوقۇم رۇسىيەگە ئېغىپ كېتىدۇ؛ ئەگەر ئۇكرائىنانى داۋاملىق قوللىساق،

ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئەسلىدىنلا پۇل كەمچىل بولىدۇ، خەلق ئاممىسىمۇ قوللىمايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمى يەنە قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ. زېليانسكىي ئەسلىدە ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىنانى داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلاتتى، ھازىر بىردىنلا يۆلەنچۈكى قالمىدى،

ئۇ چوقۇم ئالاقزادە بولۇپ كەتتى.

زېلېنسكىي ئىلگىرى تىرامپنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش مۇراسىمىغا قاتنىشىشنى كۆپ قېتىم ئويلاپ، تىرامپتىن يۈز تۇرانە ئۆتۈنمەكچى بولغان، نەتىجىدە تىرامپ ئۇنى بىۋاسىتە رەت قىلغان. ئەمدى ياخشى بولدى، تىرامپ يۈز خاتىرە قىلمايلا قالماستىن، يەنە ئۇدۇللا مۇشۇنداق قىلدى، زېلېنسكىي گاچا مامۇرانچىن يەپ، دەردىنى ئېيتالماي قالدى.

ئۇ بەلكىم ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى ئالا - بۇلىماچ پوزىتسىيەسى ۋە ياردەم تەلەپ قىلىشىنىڭ ھازىر خۇددى ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۇرۇلغاندەك ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن. بۇ قېتىم زېلېنسكىي ھەقىقەتەن بىر بۇلۇڭغا قىستاپ كەلدى، تىرامپنىڭ بۇ تەدبىرى ئۇنى يېڭىلگىنىگە تەن بېرىشكە قىستىغانلىق ئىدى. قارىغاندا زېلېنسكىي ئېيتقان «ئۆزگىرىش كۈنى» ئۇنىڭ «قاباھەتلىك چۈش كۈنى» بولۇپ قالغان ئوخشايدۇ.


Uy健身平台
。。。。。。。
 最新文章