غەلىبە خەۋىرى!ئۇكرائىنا ئارمىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك چېكىندى!رۇسىيە

文摘   2025-01-28 22:00   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


م1 - ئاينىڭ 27 - كۈنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى چوڭ نوۋاشىركادىن چېكىنگەنلىكىنى جاكارلىغان، رۇسىيە ئارمىيەسى ئارقىدىنلا بايراق قاداپ بۇ رايوننىڭ ئازاد بولغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بۇ قېتىمقى چېكىنىشتە غايەت زور بەدەل تۆلىدى، ئۇلار رۇسىيە ئارمىيەسى چوڭ نوۋاشىركانى بۆلۈۋەتكەندىن كېيىن، كەڭ كۆلەملىك قورشاپ يوقىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، كېچىدە كىچىك ئەترەتلەرگە بۆلۈنۈپ چېكىندى. شۇنداق بولسىمۇ، ئۇلار چېكىنىش جەريانىدا يەنىلا رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا ئۇچرىدى. مۇھاسىرە چەمبىرىكىدە يەنە قانچىلىك ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ بارلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس،

لېكىن ئۇلار رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تەدرىجىي ئاختۇرۇشىدا ئىز - دېرىكىنى ئاشكارىلايدۇ. بۇ رايوننى كىيېۋ ھۆكۈمىتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي مەسلىھەتچىسىنىڭ ياردىمىدە، ئون يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ كۆڭۈل قويۇپ ياسىغان، نۇرغۇن مۇداپىئە ئىستىھكاملىرىنى ياساپلا قالماي، يەنە ئۈچ توسما ۋە ئەتراپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەرنىمۇ ياسىغان، تەبىئىي مۇداپىئەسىمۇ ناھايىتى كۈچلۈك. لېكىن، ئۇزاق ۋاقىت كەسكىن جەڭ قىلىش ئارقىلىق، ھازىر بۇ رايون رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي قىسىم توپى تەرىپىدىن پۈتۈنلەي كونترول قىلىندى. بۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دونېتسىكنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي قىسمىدىكى بارلىق زېمىننى ئازاد قىلىش نىشانىغا يەنە بىر قەدەم يېقىنلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


Uy健身平台
。。。。。。。
 最新文章