ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختاتقان كۈنى، يەر ئاستىدىن 12 مىڭ خاماس پەيدا بولدى، نىتانىياخۇنى سوتلىمىسا بولمايدۇ! 471 كۈن شىددەتلىك بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن،1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى غەززە رايونىدا ئاخىرى ئۇرۇش توختىتىلدى،
ياردەم ماددىي ئەشيالىرىنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرى رافا چېگرا ئېغىزى ئارقىلىق غەززە رايونىغا ئارقا - ئارقىدىن كىردى، پەلەستىنلىكلەر ئاخىرى ھاياتلىق ئۈمىدىنى كۈتۈۋالدى. شۇ كۈنى خاماس قوراللىق كۈچلىرىنىڭ باياناتچىسى ئۇبەيدە ئۆزلىرىنىڭ ئىنتايىن ئاددىي قوراللارغا تايىنىپ، بۇ سىممېترىكسىز ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، ئاخىرى پەلەستىننى ئازاد قىلغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇبەيدانىڭ سۆزى ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىگە بولغان ئۆچمەنلىك ۋە غەلبىگە بولغان خوشاللىققا تولدى.
471 كۈنلۈك ئۇرۇش غەززە خەلقىگە غايەت زور بالايىئاپەت ئېلىپ كەلدى:46 مىڭ 565 ئادەم ئۆلدى،109 مىڭ 660 ئادەم يارىلاندى. 2023ـ يىلى 10ـ ئاينىڭ 7ـ كۈنىدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە غەززە رايونىغا 200 مىڭ توننىدىن ئارتۇق پارتلاتقۇچ دورا ئاتتى، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۋادرات كىلومېتىرغا 540 توننىدىن توغرا كەلدى.ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر كۈنى غەززە رايونىغا 300 دىن ئارتۇق تۈرلۈك بومبا ئاتتى،217 مىڭدىن ئارتۇق ئىمارەتنى پارتلىتىۋەتتى، بۇ غەززە رايونىدىكى ئىمارەتلەر ئومۇمىي سانىنىڭ 76 %تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى. شۇڭا ئۇرۇش توختىغان بولسىمۇ، غەززە خەلقىنىڭ ئازابى توختىغىنى يوق،
بولۇپمۇ ئاتا - ئانىسىدىن ئايرىلغان ئوغۇللار ۋە پەرزەنتلىرىدىن ئايرىلغان ئاتا - ئانىلار، شۇنداقلا ھازىر ياشىغاندىن ئۆلگەنگە يەتمەيدۇ. ئەلۋەتتە، ھازىر ئۇرۇش توختىغان ئىكەن، چوقۇم ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە رىئايە قىلىش كېرەك، ئەمدى قايتۇرما زەربە بېرىشكە بولمايدۇ، يەنە كېلىشىم بويىچە تۇتقۇنلارنى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆلۈپ كەتكەن تۇتقۇنلارنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىش كېرەك. ئەمما 1 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئۇرۇش توختىتىلغان كۈنى، ئەسلىدە ئەتىگەن سائەت 8 يېرىمدا ئۇرۇش توختىتىش پىلانلانغان ئىدى، بىراق ئىسرائىلىيە خاماسنى تۇتۇپ قېلىنغان ئۈچ ئادەمنىڭ تىزىملىكىنى ۋاقتىدا قويۇپ بەرمىدى دېگەننى باھانە قىلىپ، غەززە رايونىغا داۋاملىق ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، قىسقىغىنە ئىككى سائەتتە 13 پەلەستىنلىكنى ئېتىپ ئۆلتۈردى،
يەنە 30 ئادەم يارىلاندى. ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى يەڭگەندەك قىلسىمۇ، لېكىن ئاتالمىش «خاماسنى تەلتۆكۈس يوقىتىش» نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى، ئىسرائىلىيە خاماسنىڭ ئاساسىي كۈچىنى ۋەيران قىلدى، خاماسنىڭ رەھبىرى ھانىيە بىلەن سىنۋالنىڭ كاللىسىنى ئالدى،1560 مىڭ غەززە خەلقىنى ئۆلتۈردى ۋە يارىلاندۇردى. ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىن چېكىنىۋاتقان پەيتتە،19 - يانۋار تولۇق قوراللانغان 12 مىڭدىن ئارتۇق خاماس قوراللىق خادىمى لەخمىدىن چىقىپ، قايتىدىن يورۇقلۇققا چىقتى، ئۇلار غەززە خەلقى بىلەن بىرلىكتە، كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ، ئۆز ئارا قۇچاقلىشىپ، غەلىبىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى. بۇ كۆرۈنۈشكە پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، جەمئىي 30 مىڭغا يەتمەيدىغان خاماس قوراللىق خادىملىرىنىڭ تەخمىنەن %45 جەڭگىۋارلىقىنى تولۇق ساقلاپ، نىتانىياخۇنىڭ يۈزىگە قاتتىق ئۇردى.
ئەمەلىيەتتە نەتىجىگە قارىمىسىمۇ بولىدۇ،1 - ئاينىڭ 15 - كۈنى قاتار، مىسىر ۋە ئامېرىكا بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن خاماسنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ھازىر خاماسنىڭ يەنە شۇنچە كۆپ قوراللىق خادىملىرىنىڭ ساق - سالامەت ئىكەنلىكىنى كۆردۇق، «ئىسرائىلىيە ۋاقىت گېزىتى» بۇ ئۇرۇشتا ئىسرائىلىيە ئۇتتۇرۇپ قويدى، خاماس يەڭدى، خاماسنىڭ غەززەدە قايتا قۇرۇش ھەربىي ئىقتىدارى بار، دېدى. بىزگە ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇرۇش توختىغان بولسىمۇ، لېكىن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى ئۆچمەنلىك ۋە غەزەپ دەرھال يوقالمايدۇ. غەززەدە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى كۈچكە ئىگە بولغان ئىكەن، چوقۇم مۇكەممەل، ئۇدا ئىجرا قىلىنىشى، پەلەستىن خەلقىگە تىنچ ئاسمان قايتۇرۇپ بېرىلىشى كېرەك. ئىسرائىلىيە ئەگەر خاماسنى پۈتۈنلەي گۇمران بولمىدى، ئىستراتېگىيىلىك مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى دەپ قاراپ، ھېلى ئۇنداق، ھېلى ئۇنداق قىلىپ، جاللاتلىق قىلىچىنى قايتا تېرىۋالماقچى بولسا، مۇقەررەر ھالدا پۈتۈن دۇنيا خەلقىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدۇ!