ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە سانائىتىنىڭ يۈرىكى بومباردىمان قىلىندى! ئۇكرائىنا ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا 15 رايونغا ھۇجۇم قىلدى. رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشى ئۈچ يىلغا يېقىن داۋاملاشقان جىددىي ۋەزىيەتتە ئۇكرائىنا پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان بىر مەيدان كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىدى. گرېتسىيە تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بىرلا ۋاقىتتا 120 دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بېرىپ، رۇسىيەنىڭ 15 رايونىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمىدا روسىيەنىڭ بريانسك رايونىدىكى دۆلەت مۇداپىئە مىكرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى نۇقتىلىق زەربە بېرىش نىشانى بولۇپ قالدى. ئۇكرائىنانىڭ 37 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بريانسك رايونىغا ئېتىلدى،
گەرچە رۇسىيە ئارمىيەسى توسۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئالتىسى بۇ زاۋۇتقا تەگدى. دۆلەت مۇداپىئە مىكرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى رۇسىيە ھەربىي سانائەت تارماقلىرىنىڭ «يۈرىكى» دېيىشكە بولىدۇ، ئاساسلىقى «ساۋۇت» لۇق ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، «ئىسكەندەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قاتارلىق كۆپ خىل ئىلغار قوراللارنىڭ مىكرو ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. بۇ زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىي ئەسلىھەلىرى ۋە ئىسكىلاتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋاقتىنچە توختىتىلدى، بۇ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىشى قاتارلىقلارغا شۈبھىسىزكى زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بېلارۇسىيە ئاخبارات تورىمۇ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ رۇسىيەنىڭ بريانسك ۋە ريازان زاۋۇتلىرىغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى دەلىللىدى.
بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمىدىن بۇرۇن،1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى ئۇكرائىنا ئارمىيەسى 180 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قويۇپ بېرىپ رۇسىيەنىڭ ئۆز زېمىنىدىكى نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلغان ئىدى. ھەربىي ئىشلار نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ بۇ قېتىمقى كەڭ كۆلەملىك ھاۋا ھۇجۇمى ھەربىي ئىشلار جەھەتتە بەلگىلىك ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىپ، رۇسىيەگە تېخىمۇ چوڭ بېسىم ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغاندەك قىلىدۇ. لېكىن رۇسىيەنىڭمۇ قول ياندۇرغۇدەك مادارى يوق ئەمەس،
رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوف 25-يانۋار مۇنۇلارنى جاكارلىدى:ئۆتكەن بىر كۈندە جەڭ مەيدانىدا ئۇكرائىنانىڭ 1420 ھەربىي خادىمى ۋە چەت ئەل ياللانما ئەسكىرى يوقىتىلدى. بۇ توقۇنۇشتا، بەزىلەر ئۇكرائىنا غەربنىڭ قوللىشى بىلەن ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ، دەپ قارىدى، يەنە بەزىلەر رۇسىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىدا ھەقىقەتەن يوچۇق بولغاچقا ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى، دەپ قارىدى.
رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشى زادى قايسى تەرەپكە يۈزلىنىدۇ، بۇ قېتىمقى ھاۋا ھۇجۇمى سەۋەبىدىن زور ئۆزگىرىش بولامدۇ - يوق، بۇنىڭغا خەلقئارا جەمئىيەت يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتىدۇ.
ھەر قايسى تەرەپلەر ھەربىي قارشىلىشىشنى كۈچەيتىشى كېرەكمۇ ياكى سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتىپ كېلىپ تىنچ ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەكمۇ، بۇ بىزنىڭ چوڭقۇر ئويلىنىشىمىزغا ۋە مۇزاكىرە قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان مەسىلە.