ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ 21 چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:ئەگەر رۇسىيە ئۇكرائىنا بىلەن رۇسىيە ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى رەت قىلسا، ئامېرىكا «رۇسىيەگە يېڭى جازا يۈرگۈزۈشى مۇمكىن».
ترامپ 21-چېسلا ئاق سارايدا يۇقىرىقىدەك ئىپادە بىلدۈردى، لېكىن قوللىنىش ئېھتىمالى بولغان جازالاش تەدبىرلىرىنى تەپسىلىي بايان قىلمىدى. ترامپ يەنە مۇنداق دېدى:يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىش مەسىلىسىنى تەتقىق قىلىۋاتىدۇ، ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇكرائىنانى قوللاش جەھەتتە تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشى كېرەك.
ترامپ مۇنداق دېدى:«بىز ( ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى ) زېلېنسكىي بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتىمىز، بىز ناھايىتى تېزلا ( رۇسىيە زۇڭتۇڭى ) پۇتىن بىلەن سۆھبەتلىشىمىز.
رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ يەنە بىر خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيەنىڭ مۇئاۋىن دىپلوماتىيە مىنىستىرى رىيابۇكوف 22ـ چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى:رۇسىيە بىلەن ئامېرىكا پۇتىن بىلەن تىرامپنىڭ ئۇچرىشىشىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلمىدى، رۇسىيە بۇنىڭ ئۈچۈن «ئىچكى تەييارلىق» قىلىۋاتىدۇ.
2024 - يىلىدىكى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ سايلىمى مەزگىلىدە، نامزات بولغان تىرامپ ئىلگىرى ئۆزى سايلانغاندىن كېيىن «24 سائەت ئىچىدە» رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. تىرامپ 20 - فېۋرال ئامېرىكا زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغان كۈنى رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ رۇسىيەگە «زور پايدىسى بار»، دېدى.