رۇسىيەنىڭ ئورمان ياڭىقى ناملىق بۇمبىسى پۈتۈن غەربنى قاپلايدۇ!لۇك

文摘   2025-02-06 23:09   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


رۇسىيەنىڭ «ئورمان ياڭىقى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى بېلارۇسىيەدە پات ئارىدا نامايان بولىدۇ، پۇتىن توسۇۋالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى!بەك خەتەرلىك…


 يېقىندا بېلارۇسىيە رەھبىرى لۇكاشېنكونىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە ناھايىتى تېزلا ئۆز چېگراسى ئىچىگە يېڭى تىپتىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىك تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا «ئورمان ياڭىقى» نى ئورۇنلاشتۇرىدىكەن. لۇكاشىنكو:بېلورۇسىيە كەلگۈسى بىر قانچە كۈن ئىچىدە بۇ خىل ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قوبۇل قىلىدۇ دېدى ھەمدە بۇنىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ھاسىل قىلغان كېلىشىمنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:بۇ ئامېرىكىنىڭ ياۋروپاغا ئورۇنلاشتۇرغان يېڭى تىپتىكى ئوتتۇرا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىغا تاقابىل تۇرۇپ، بېلارۇسىيەنىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈندۇر. ئەمما موسكۋا تەرەپ بۇ باياناتقا تېخى ئىنكاس قايتۇرمىدى.

ئۆتكەن يىلى 11 ئايدا، رۇسىيە ئۇكرائىناغا «ئورمان ياڭىقى» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن، پۇتىن ئارقىدىن غەربنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى بۇ خىل باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى توسۇيالمايدۇ دەپ جاكارلىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئېتىلىش مۇساپىسى غەربىي ياۋروپادىكى نىشانلارنى قاپلىيالايدۇ دەپ كۆرسەتكەن. بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش شۈبھىسىزكى رايون جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى، تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن، قارشىلىشىش ۋە تەھدىت سېلىش ئەمەس بەلكى تېخىمۇ كۆپ سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشقا توغرا كېلىدۇ.


Uy健身平台
。。。。。。。
 最新文章