ئامېرىكا قورشاپ ھۇجۇم قىلىنماقچىمۇ!سابىق ئاخبارات ئەمەلدارى مۇن

文摘   2025-02-07 22:00   新疆  

微信图片_20241119172232.jpg

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


يېقىندا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سابىق ئاخبارات ئەمەلدارى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى كۆپ يىللاردىن بۇيانقى تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتى تۈپەيلىدىن، ئامېرىكا لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىش مۇمكىنچىلىكىگە دۇچ كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا جەنۇب قوماندانلىق ئىشتابى بۇ خىل ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرالمايدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى، بۇ سابىق ئەمەلدارنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان بۇ بىر قانچە دۆلەت كولومبىيە، ۋېنېسۇئېلا، پاناما، كۇبا ۋە مېكسىكا ئىكەن بۇنداق دېيىش قەستەن ۋەھىمە پەيدا قىلىشمۇ؟ مېنىڭچە بۇ سابىق ئاخبارات ئەمەلدارى ھەقىقەتەن قالايمىقان گەپ قىلمىدى، ئالدى بىلەن ئامېرىكا بىلەن زىددىيىتى ئەڭ چوڭ ئىككى رەقىبكە قاراپ باقايلى، كۇبا بىلەن ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكىنىڭ

نۇرغۇن جازالاش تەدبىرلىرىگە ئۇچرىدى، ھەتتا ئامېرىكا ئاخبارات تارماقلىرى بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئىچكى قىسمىدا رەڭلىك ئىنقىلاب پەيدا قىلغان، شۇڭا كۇبا بىلەن ۋېنېسۇئېلا ئامېرىكىنىڭ ھالسىرىغىنىنى كۆرسىلا قول سالىدۇ چۈنكى ھەرقانداق دۆلەت ئۇزاق مۇددەت باشقىلارنىڭ ئاياغ ئاستىدا قېلىشنى خالىمايدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، كۇبا بىلەن ۋېنېسۇئېلا روسىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، بىر قىسىم قورال-ياراغ جەھەتتىكى قوللاشقا ئېرىشتى، بۇ كۇبا بىلەن ۋېنېسۇئېلانىڭ ئامېرىكىغا قارشى تۇرۇش ئىشەنچىسىنى ئاشۇرىدۇ. ئەمدى كولومبىيە، پاناما ۋە مىكسىكا قاتارلىق بىر قانچە دۆلەتكە قاراپ باقايلى، ئۇلارنىڭ قول سېلىشى بىر ئاز زورمۇزور بولۇپ قالغاندەك قىلىدۇ، چۈنكى ئامېرىكا بىلەن ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى بار، ئەمما ئامېرىكىغا ئاسىيلىق قىلمايدۇ، نېمىشقا بۇنداق دەيمىز؟ چۈنكى تىرامپ تەختكە چىققاندىن كېيىن ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان نۇرغۇن پىلانلارنى تۈزۈپ چىقتى، ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ زېمىنىنى تارتىۋېلىش خىيالىمۇ بار،

بۇ «دۇنيا زومىگىرى» نىڭ بىر ـ بىرلەپ تارمار قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشنىڭ بىردىنبىر ئۇسۇلى كۆپچىلىك بىرلىشىپ زومىگەرلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇش، نېمىلا دېگەن بىلەن مۇنداق بىر ماقال ـ تەمسىل بار، دۈشمەننىڭ دۈشمىنى دوست، بۇنىڭدىن شۇنى بىلگىلى بولىدۇكى، ناۋادا ئامېرىكا كۇبا ياكى ۋېنېسۇئېلا بىلەن توقۇنۇش ھالىتىگە كىرىپ قالسا، بۇ بىر نەچچە ئىتتىپاقداش دۆلەت ئامېرىكىدىن بىۋاسىتە يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان تەقدىردىمۇ، چوڭ ئېھتىماللىق يەنىلا ئاستىرتىن ئامېرىكىغا پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ سابىق ئاخبارات ئەمەلدارى، بەلكىم رىقابەتچىسى كەم بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھازىر مەيلى كانادا ياكى دانىيە بولسۇن، ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى تىرامپ گرېنلاندىيە ئارىلىنى كونترول قىلىشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى، شۇنداقلا كانادا ئامېرىكىنىڭ بىر شىتاتى بولالايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ چاقچاق ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئۆز قولى بىلەن تاللىغان دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىلەرنى تاماملىشىغا ياردەم بەرمەكچى بولۇۋاتقاندا، ئەگەر ئەڭ ئاخىرىدا راستىنلا قورال كۈچى بىلەن قارشى تەرەپنى مەجبۇرلايدىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتسە،

ئۇنداقتا بۇ ئىككى ئىتتىپاقدىشىغا قارشى تۇرۇشقا مەجبۇر بولۇشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە، ئادەمگە زەربە بېرىدىغان گەپنى قىلغاندا، بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر يەرگە باغلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ، بۇ «دۇنيا زومىگىرى» نى يېڭەلىشى ناتايىن، لېكىن كۆپچىلىك مۇنداق بىر ئامىلغىمۇ سەل قارىماسلىقى كېرەك، دۇنيا ۋەزىيىتىدە غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى، جۇڭگو بىلەن رۇسىيە قول تۇتۇشۇپ يەر شارى تەرتىپىنى قوغداشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا لاتىن ئامېرىكىسى رايونى زومىگەرلىككە قارشى ھەرىكەت قوزغىيالىسىلا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زومىگەرلىككە قارشى دۆلەتلەرگە ئىشىنىمىز ھەممىسى بۇ «زومىگەرلىككە قارشى جەڭچىلەر» گە مەدەت بېرىشنى خالايدۇ، ئامېرىكا گەرچە قىلىشقا تېگىشلىك ئىشتىن باش تارتمايدىغان دۇنيا زومىگىرى بولسىمۇ، يەنە قانچىلىك مۇشتنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلەيدۇ.


Uy健身平台
。。。。。。。
 最新文章