ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
ترامپ ئامېرىكا زېمىنىنى كېڭەيتىمىز دەپ جار سالدى، ئوكياننىڭ ئۇ قىرغىقىدىكى فىلىپپىندا كىشىلەر ساراسىمىگە چۈشتى، سول قانات پارتىيە:ئۇرۇشقا چېتىلىپ قېلىشتىن ئېھتىيات قىلايلى! > يېقىندا سۆز دانىيە كانادا، پاناما قاتارلىق دۆلەتلەر قاتتىق ئەنسىرىدى، بولۇپمۇ دانىيە، تىرامپ گرېنلاند ئارىلىغا، ھەتتا ئوغلى ۋە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش ئالدىدا تۇرغان ئاق ساراي ئەمەلدارلىرىنى شەخسىي ساياھەت نامى بىلەن گرېنلاند ئارىلىغا ئەۋەتتى. ئويلىمىغان يەردىن تىرامپنىڭ «ھىيلىسى» ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپلا، تۇنجى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى پەيدا بولدى. بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى فىلىپپىن.
يېقىندا، فىلىپپىننىڭ ئىچكى قىسمى تىرامپنىڭ كېڭەيمىچىلىك سۆزلىرىدىن ساراسىمىگە چۈشتى. نېمىشقا ترامپنىڭ پىلانى فىلىپپىننى ساراسىمىگە سالىدۇ؟ بۇ يەردىكى مۇھىم ھالقا ئامېرىكىنىڭ بۇنداق زېمىن كېڭەيمىچىلىكى ئادەتتە ھەربىي ھەرىكەتكە ھەمراھ بولىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئالدى بىلەن زەربىگە
ئۇچراپ، توقۇنۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالىدۇ، فىلىپپىن روشەنكى بۇنداق خەتەرگە دۇچ كېلىدۇ. فىلىپپىندىكى نۇرغۇن سول قانات پارتىيەلەر بۇنىڭدىن تەشۋىشلەندى، ئۇلار تىرامپ ھۆكۈمىتىنىڭ فىلىپپىندىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كېڭەيتىشى ئەسلىدىلا ئاجىز بولغان رايون ۋەزىيىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشى، ھەتتا ئۇرۇشقا
ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ئەندىشە قىلدى. نۆۋەتتە، فىلىپپىن چېگرىسى ئىچىدە نۇرغۇن ئامېرىكا ئارمىيىسى بار، ئىستراتېگىيەلىك بازىلار، مەسىلەن سۇبىك قولتۇقى ۋە كلارك ھاۋا ئارمىيە بازىسى ھەر ۋاقىت ئېھتىيات ھالىتىدە تۇرماقتا. ترامپ قارىماققا گرېنلاندنى كۆزدە تۇتقاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە يەر شارى ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىدۇ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونى بولسا ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ھەممىگە مەلۇمكى،
جەنۇبىي دېڭىزدىكى زىددىيەتنى ئامېرىكا ئارمىيەسى بىر قوللۇق ئىلگىرى سۈرگەن ھەمدە ئۈزلۈكسىز ئوت تۇتاشتۇرغان، تىرامپنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى ئاستىدا، جەنۇبىي دېڭىز رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ زور تەھدىت پەيدا قىلىدۇ. فىلىپپىن ھازىر چوقۇم ئامېرىكا بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتىنى ئەستايىدىل ئويلىشىشى كېرەك،
باشقا دۆلەتلەر مەسىلەن ياپونىيە دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قايتىدىن تەڭشەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن جۇڭگوغا يېقىنچىلىق قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكىغا زىيادە تايىنىۋېلىش ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان بولۇشى ناتايىن، فىلىپپىن ئەگەر قارشىلىشىش ھالىتىدە چىڭ تۇرسا، ئۇ مۇقەررەر ھالدا «زەمبىرەك يېمى» گە ئايلىنىپ قالىدۇ.