ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
يېقىندا، شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشى داۋاملىق كۈچىيىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. بۇ توقۇنۇش رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئىككى دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، پۈتكۈل رايون ھەتتا پۈتۈن دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا تېخىمۇ تەسىر كۆرسەتتى. جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى يۈزلىنىش ئۈزلۈكسىز پەيدا بولۇپ، بۇ توقۇنۇشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى يەنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى، كەلگۈسىدىكى يۈزلىنىشنى مۆلچەرلەش تېخىمۇ قىيىنلاشتى. ئىشەنچلىك خەۋەردە ئاشكارىلىنىشىچە، چاۋشيەن كۆلىمى زور بىر ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىنى رۇسىيە - ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىغا ئەۋەتىشى مۇمكىن ئىكەن. بۇ خەۋەر خۇددى ئېغىر تىپلىق بومبىغا ئوخشاش،
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە خەلقئارا جەمئىيەتتە چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى. چاۋشيەن ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىنىڭ ئارىلىشىشى رۇسىيە - ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىدىكى كۈچ سېلىشتۇرمىسىنى ئۆزگەرتىپ، بۇ توقۇنۇشنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. چاۋشيەن ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمى ئۆزىنىڭ يۈكسەك جەڭگىۋارلىقى ۋە ئالاھىدە ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى بىلەن داڭلىق. تەھلىل قىلىنىشىچە، بۇ قىسىمنىڭ ئادەم سانى 10 مىڭدىن 12 مىڭغىچە بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، بۇنداق كۆلەم ھەرقانداق جەڭ مەيدانىغا نىسبەتەن سەل قارىغىلى بولمايدىغان كۈچ ئىكەن. چاۋشيەن ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمى ئۆزگىچە ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا ماھىر بولۇپ، مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان جەڭ مەيدانى مۇھىتىغا تېز ماسلىشالايدۇ ۋە ئاچقۇچلۇق رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ. ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئۇكرائىنا ھەربىي ئىشلار جەھەتتە تېخىمۇ كەسكىن خىرىسقا دۇچ كېلىدۇ. ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چاۋشيەن ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىنىڭ ئارىلىشىشى شۈبھىسىزكى ئېغىر زەربە بولدى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بۇ توقۇنۇشتا غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتتى، لېكىن چاۋشيەن ئالاھىدە ئۇرۇش
قىسمىدەك بۇنداق سەرخىل كۈچ ئالدىدا، ئۇلار ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوقتەك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئۇكرائىنا يېڭى ئىستراتېگىيە ۋە تاكتىكا تېپىپ بۇ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك، بولمىسا تېخىمۇ پايدىسىز ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن. ئەمما چاۋشيەن ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ خەتىرى يوق ئەمەس. ئالدى بىلەن، بۇنداق ھەرىكەت رايون جىددىي ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى، ھەتتا تېخىمۇ چوڭ كۆلەملىك توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئىككىنچىدىن، چاۋشيەن ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىنىڭ جەڭ مەيدانىدىكى ئىپادىسىمۇ يەر شەكلى، كىلىمات، دۈشمەن ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپ خىل ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىشى مۇمكىن. ئەگەر چاۋشيەن ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمى جەڭ مەيدانى مۇھىتىغا تېز ماسلىشالمىسا ياكى باشقا ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىسا، ئۇنداقتا ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كېتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا، چاۋشيەن ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىنىڭ ئارىلىشىشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىشى ۋە ئەيىبلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتلار روسىيە ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى تىنچلىق ۋاستىسى ئارقىلىق ھەل قىلىشنى مۇراجىئەت قىلدى، ئەمما چاۋشيەن ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىنىڭ ئارىلىشىشى تىنچلىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىر خىل قىلمىش دەپ قارىلىشى مۇمكىن. بۇ بەلكىم چاۋشيەننى خەلقئارادا تېخىمۇ يېتىم ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويۇشى،
ھەتتا تېخىمۇ قاتتىق جازالاش ۋە بېسىمغا ئۇچرىتىشى مۇمكىن.
بۇ مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، خەلقارا جەمىيەت سوغۇققان بولۇشى ۋە ئۆزىنى تۇتىۋېلىشى، سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق تىنچ ھەل قىلىش لايىھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. ھەر قايسى دۆلەتلەر خەلقئارا قانۇن ۋە خەلقئارا مىزانغا ھۆرمەت قىلىپ، زىددىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىدىغان ھەرىكەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقارا جەمىيەتمۇ رۇسىيە ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ تىنچلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق تالاش-تارتىشنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك. قىسقىسى، چاۋشيەن ئالاھىدە ئۇرۇش قىسمىنىڭ ئارىلىشىشى رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش تەس بولدى. خەلقارا جەمىيەت يۈكسەك دەرىجىدە ھوشيار بولۇپ ۋە دىققەت قىلىپ، تالاش-تارتىشلارنى تىنچلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھەل قىلىپ، رايون ۋە دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشى كېرەك.