پايتەخىت يەنە بۇمباردىمان قىلىندى!ئاۋازدىن تىز ئۇچىدىغان بۇمبا ش

文摘   2025-01-20 22:00   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان بومبا ئاسماندىن چۈشتى، پايتەخت يەنە بومباردىمان قىلىندى، ئىسرائىلىيە بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى:


ئاز ئۇچرايدىغان نەچچە مىڭ ئەسىرنى قويۇپ بېرىش يېقىندا بۇ ئىش ھەقىقەتەن بەك چوڭىيىپ كەتتى. ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۇيۇقسىز ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختىگە تەگدى، بۇ قېتىم ئىسرائىلىيە بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى. گەرچە ئاغزىدا جاھىللىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىي ھەرىكەتتە سەل «يۇمشاق قوللۇق» قىلىپ، نەچچە مىڭ غەززە ئەسىرلىرىنى بىۋاسىتە قويۇپ بەردى، بۇ يارىشىش سىگنالى بەرگەنلىك ئەمەسمۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى يەنە ئىسرائىلىيەنىڭ پايتەختى تېل ئاۋىفقا قول سالغان، پەلەستىننىڭ 2 تىپلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى ۋە يىراق مۇساپىلىق تۆت ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئاسماندىن چۈشۈپ، ئىسرائىلىيەنى ئېغىر زىيانغا ئۇچراتقان،

يەنە كېلىپ كىشىلەرنى ساراسىمىگە سالغان. قۇسەي قوراللىقلىرىدىن ئىبارەت بۇ يامان يۇقىرى دەرىجىلىك بومبا ئالدىدا، تېل ئاۋىفتىن ئىبارەت بۇ چوڭ شەھەرمۇ بىخەتەرلىكنى ساقلاپ قالالمىدى، ئىسرائىلىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ھازىر قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ بومباردىمان قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇشتا بارغانسېرى ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق بولۇپ قالدى. كۆپچىلىك شۇنى كۆرۈۋالالايدۇكى، بۇ قېتىم ئىسرائىلىيە ھەقىقەتەن يول قويۇپ، تىنچلىق سەمىمىيىتىنى كۆرسەتتى. ئەگەر ئىسرائىلىيە قايتا تەكرارلىمىسا، غەززە رايونىنىڭ تىنچلىق تاڭ نۇرى چوقۇم كېلىدۇ. لېكىن بۇ چوقۇم ئىسرائىلىيەنىڭ «ۋىجدانى» ئەمەس، ئىلگىرى نىتانىياخۇ ھۆكۈمىتى غەززە رايونىغا قارا نىيەت بولۇپ، بىر قەدەممۇ يول قويمىغان. ھازىر تۇيۇقسىز مۇشۇنداق يول قويۇپ، تۇتقۇنلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قويۇپ بەردى،

يەنە ئۇرۇش توختىتىشقا ۋەدە بەردى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا قۇسەي قوراللىقلىرى تەرىپىدىن قورقۇپ كەتتى. ئىسرائىلىيە غەززە رايونىدا ئۇرۇش توختىتىشنى باھانە قىلىپ، قۇسەي قوراللىقلىرىنىڭ ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىش سەۋەبىنى يوقىتىپ، ئومۇميۈزلۈك ئۇرۇش توختىتىپ، قىزىل دېڭىز يولىنى قايتىدىن ئېچىشنى ئويلايدۇ، مانا بۇ ئۇلارنىڭ ھەقىقىي ئويى. شۇنداق دېمەي تۇرالمايمىزكى، ئىسرائىلىيە بۇ قېتىم «يۇمشاقلىق» قىلىپ، «كۈرەش ئارقىلىق تىنچلىقنى قولغا كەلتۈرسە، تىنچلىق مەۋجۇت بولىدۇ» دېگەن سۆزنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى.

بۈگۈنكى كۈندە ئامېرىكا بىلەن غەرب زومىگەرلىرى زۇرلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ، ھەممىلا يەردە باشقا دۆلەتلەرنى بوزەك قىلىۋاتقان چاغدا، بۇ گەپ تېخىمۇ ھەقىقەت. ئەگەر ئامېرىكا ۋە غەرب ئەللىرىگە ھە دېگەندىلا مۇرەسسە قىلىپ يول قويساق، ئۇلار تېخىمۇ ئاچ كۆزلۈك قىلىپ كۆرەڭلەپ كېتىدۇ. پەقەت قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ئاخىرغىچە كۈرەش قىلغاندىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئىززەت - ھۆرمەت ۋە ئۆز ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.

Serlik Tabiyat
سېرلىق تەبىيەت سالۇنىمىزغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا قېرىندىشىم!
 最新文章