ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
ۋاڭيى خەۋەرلىرى خەۋىرىگە قارىغاندا:زېليانسكىي نۇتقىدا ئۇكرائىنانىڭ قەتىي قارشىلىق كۆرسىتىش ئىرادىسىنى تەكىتلىگەن ھەمدە رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ھەربىي ياردەم ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان. بۇ «كوزىر» ئەنەنىۋى مەنىدىكى ھەربىي قورال بولماستىن، بەلكى ئۇكرائىنا بىلەن غەرب ئەللىرىنىڭ ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ياردەم بېرىش ۋەدىسى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئەنگلىيە، فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرى ئۇكرائىناغا ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا بەس - بەستە ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستامېر بىلەن زېلېنسكى يۈز يىلغا سوزۇلغان شېرىكلىك مۇناسىۋىتى كېلىشىمى ئىمزالاپ، ھەر يىلى ئۇكرائىناغا ئاز دېگەندە ئۈچ مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھەربىي ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەمدە كۆپلىگەن ساھەلەردە زىچ ئالاقە ئورنىتىدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەردى. گېرمانىيەمۇ ئۇكرائىناغا ئىلغار ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى يەتكۈزۈپ، ھاۋا مۇداپىئە
ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى پىلانلىدى. فىرانسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا ئەسكەر ئەۋەتىش مۇمكىنچىلىكىنى مەخپىي مەشىق قىلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلىنىپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي ۋەزىيەتنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈۋەتتى. زېلېنسكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى شۈبھىسىزكى، پۇتىن ۋە خەلقارا جەمىيەتكە مۇنداق بىر ئېنىق ئۇچۇرنى يەتكۈزدى:ئۇكرائىنا ئاسانلىقچە باش ئەگمەيدۇ، دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قەتىي قوغدايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ يەنە ئۇكرائىنانىڭ غەربنىڭ ياردىمىگە كۈچلۈك تايىنىدىغانلىقىنى شۇنداقلا غەرب ئەللىرىنىڭ رۇسىيە ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىكى مەيدانى ۋە پوزىتسىيىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ. ئەمما روسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپ ۋە زىددىيەتنىڭ يىلتىزى چوڭقۇر، ئۇنىڭ ئۈستىگە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ مۇرەككەپ مەنپەئەت توقۇنۇشى، تىنچ ھەل قىلىش ئىستىقبالىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى. زېلېنسكىنىڭ «ئەڭ ئاخىرقى كوزىر» نى كۆرسىتىشى ئۇكرائىنانىڭ قەتىي پوزىتسىيەسىنى ئىپادىلىگەن بولسىمۇ، ئىككى تەرەپنىڭ زىددىيىتىنى يەنىمۇ كەسكىنلەشتۈرۈپ، توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈۋېتىشى مۇمكىن. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، خەلقارا جەمىيەت ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ سۆزلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر قايسى تەرەپلەر سوغۇققان بولۇپ، چېكىدىن ئاشقان ھەرىكەت قوللىنىشتىن ساقلىنىپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا تېخىمۇ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلقارا جەمىيەتمۇ ئۇكرائىناغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئۇكرائىنانىڭ كۈرەش ئېلىپ كەلگەن خىرىس ۋە قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا ياردەم بېرىشى كېرەك. قىسقىسى، رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى ھەل قىلىشتا ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ۋە ماسلىشىشىغا توغرا كېلىدۇ. سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىقلا تىنچلىق، مۇقىملىق ۋە ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئىككى تەرەپنىڭ بۇرۇنقى ئاداۋەتلەرنى چۆرۈپ تاشلاپ، ئومۇمىيەتنى مۇھىم بىلىپ، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى مۇساپىسىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.