ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنىڭ ئوتى يەنە بىر قېتىم يانغاندا، جىددىي ۋەزىيەت خۇددى ئوقيانىڭ كىرىچىدەك تېگىپ كەتسىلا پارتلايدۇ. ئۇكرائىنانىڭ بىر قېتىملىق يۈرەكلىك ھۇجۇمى خۇددى كۆلگە تاشلانغان قورام تاشتەك رۇسىيەنىڭ كۈچلۈك ساداسىنى قوزغىدى.
«كاللىسىنى ئېلىش» زېليانسكىي:500 مېتىرغىمۇ يەتمەيدۇ، تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۇ قېتىمقى زەربە بېرىش نىشانى ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىلا ئەمەس، يەنە ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق رايونلارمۇ بار.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا،
كىيېۋ شەھەر مەركىزىدىكى خېرېشاتىك كوچىسىدىكى بىر ھالقىلىق تىرانسفورماتور پونكىتىغا ئوت كەتكەن، ئوت ئىنتايىن كۈچلۈك بولۇپ، شۇ جايدىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماقلىرى دەرھال ئاۋاز قوشۇپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئوت ئۆچۈرگەن. بەختكە يارىشا، ھازىرغىچە ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى. ئەمما بۇ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن جاي كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى، زېلېنسكىنىڭ ئىشخانىسى بىلەن بولغان ئارىلىقى 500 مېتىرغىمۇ يەتمىدى. بۇ سىرتتىكىلەرنى ئىختىيارسىز ھالدا «كاللىسى ئېلىنغان» زېليانسكىينىڭ بارغانسېرى يېقىنلىشىۋاتقانلىقىنى پەرەز
قىلىشقا مەجبۇر قىلدى؟ مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئۇكرائىنانىڭ زۇڭتۇڭ مەھكىمىسى ۋە ھۆكۈمەت ئىش بېجىرىش رايونىنى بومباردىمان قىلدى، زېلېنسكىينىڭ ئىشخانىسىمۇ بومباردىمان قىلىنغىلى تاس قالدى. بۈگۈنكى كۈندە رۇسىيە ئارمىيەسى يەنە بىر قېتىم قول سېلىپ، ئۇرۇش ئوتىنى ئۇنىڭ ئىشخانىسىغا 500 مېتىر كېلىدىغان جايغا تۇتاشتۇردى، موسكۋا راستىنلا ئۇنى ئېلىپ قالماسلىققا بەل باغلىدىمۇ؟ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بىر قاتار ھەرىكەتلىرى قويۇق ئۆلتۈرۈش پۇرسىتىنى ئاشكارىلاپ قويدى. موسكۋانىڭ نەزىرىدە، زېلېنسكىنىڭ قىلمىشىغا چىداپ تۇرغىلى بولمايدۇ،
رۇسىيەنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتىن رۇسىيە گاز تۇرۇبىسىنى ئۈزۈۋېتىشكىچە بولغان بىر قاتار ھەرىكەتلىرى ئۆزىنى ھالاكەت گىردابىغا ئىتتىرىۋاتىدۇ. ئىسرائىلىيەنىڭ ئەمەلىي جەڭ تەجرىبىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى،
دۈشمەننىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ كاللىسىنى ئېلىش ئەڭ ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ۋاستىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ترامپنىڭ تەختكە چىقىشىغا ئەگىشىپ، زېلېنسكىنىڭ ئەھۋالى بارغانسېرى سىرلىقلاشتى. ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق رايىغا بېقىشى ۋە ئىغۋاگەرچىلىكى ئۆزىگە ئوت تۇتاشتۇرۇشنىڭ پىلتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.