ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
شۇ يەر ۋاقتى 25-دېكابىر، يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، مەزكۇر قوراللىقلار «پەلەستىن -2» تىپلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلىتىپ، ئىسرائىلىيەنىڭ يافا رايونىدىكى بىر ھەربىي نىشانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك زەربە بەردى، دېدى. «پەلەستىن - 2» تىپلىق ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ( ماتېرىيال سۈرەت )
سۈرەت مەنبەسى:مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر تېرمىنالى شۇ كۈنى ئەتىگەندە، ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى يەمەندىكى قۇسەي قوراللىق كۈچلىرى قويۇپ بەرگەن بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ ئىسرائىلىيەگە كىرگەندە مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە توسۇۋېلىنغانلىقىنى جاكارلىدى. يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرى ئىسرائىلىيەگە ئىككى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى شۇ يەر ۋاقتى 25 - دېكابىر كەچتە، يەمەندىكى قۇسەي قوراللىقلىرى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىسرائىلىيە نىشانلىرىغا ئىككى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى. بىرىنچى قېتىملىق ھۇجۇمنىڭ نىشانى تېل ئاۋىفنىڭ جەنۇبىدىكى يافا رايونىدىكى بىر «سەزگۈر ھالقىلىق ئەسلىھە» بولۇپ، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان نىشانغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تەگدى؛ ئىككىنچى قېتىملىق ھۇجۇمدا ئاشكېرونغا جايلاشقان سانائەت رايونى نىشانلىنىپ، ئوخشاشلا «مۇۋەپپەقىيەت» قولغا كەلتۈرۈلدى.