پۈتۈن دۇنيا ئويلاپ باقمىغان!پۇتىننىڭ ھەقىقىي «قارا نىيىتى»ئاشكار

文摘   2024-12-23 20:10   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىن بۇيان، ئومۇميۈزلۈك قاراشتىكىلەر رۇسىيە پايدىسىز ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ، ئامېرىكا بىلەن غەرب بولسا ئارىدىن پايدا ئېلىپ، ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندەك قىلىدۇ، دەپ قارىدى. ھالبۇكى، رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنىڭ تەدرىجىي ئايدىڭلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا ۋەزىيەتنىڭ يامانلىشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى، بۇ مەيدان دۇنياۋى كۈچ سىنىشىشتا، رۇسىيە كۈتۈلمىگەندە ئەڭ چوڭ يەڭگۈچىگە ئايلاندى، پۇتىننىڭ ھەقىقىي «قارا نىيىتى» مۇ تەلتۆكۈس ئاشكارىلاندى. گەرچە ئامېرىكا بىلەن غەرب كۆپ ساھەدىن رۇسىيەنى جازالىغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ مال ـ مۈلكىنى ئاشكارا «بۇلاش» تىن باش تارتمىغان بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيەنىڭ ئۆچ

ئېلىشى ۋە قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ئۇكرائىنا زۇڭلىسىنىڭ يېقىندا ئاشكارىلىشىچە، ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ،2025 - يىلىنىڭ بېشىدا ئۇكرائىناغا تۇنجى تۈركۈمدە توڭلىتىلغان 50 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق رۇسىيە مۈلكىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى پىلانلىغان. ئامېرىكا بىلەن غەربنىڭ بۇ خىل «بۇلاڭچىلىق» قىلمىشىغا قارىتا، رۇسىيە «قانغا قان، جانغا جان» ئېلىش تاكتىكىسىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈردى. رۇسىيە مالىيە مىنىستىرى سىلۇئاننوف دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، رۇسىيە باراۋەر تەدبىر قوللىنىپ، چېگرا ئىچىدىكى غەربنىڭ مۈلكىدىن پايدىلىنىپ دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللايدۇ، دېدى. گەرچە رۇسىيە چېگرىسى ئىچىدىكى غەربنىڭ مۈلكى چەكلىك بولسىمۇ، لېكىن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى رۇسىيە غەربنىڭ رۇسىيەدىكى مۈلكىنى بىۋاسىتە مۇسادىرە قىلىشى مۇمكىن، ھەرگىزمۇ توڭلىتىپ قويماسلىقى مۇمكىن، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. بۇلتۇر، پۇتىن قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، رۇسىيەدە «تىپلىق» ئىسچوت تەسىس قىلىپ، غەربنىڭ رۇسىيەدىكى قىسمەن مۈلكىنى بۇ ئىسچوتلارغا قۇلۇپلاش ھوقۇقى بەرگەنىدى. رۇسىيە پۇقرالىرى ئەگەر مال - مۈلكىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن

توڭلىتىۋېتىلگەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلىسە، «تىپلىق» ھېساباتتىن بەلگىلىك مەبلەغ ئاجرىتىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ھەر بىر ئادەمنىڭ چېكى 100 مىڭ رۇبلى بولىدۇ. مۇشۇ ئاينىڭ 13 - كۈنىگە كەلگەندە، رۇسىيە غەربنىڭ جازالىشىغا يەنە بىر قېتىم قارشى تۇردى. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پۇتىن بۇيرۇققا ئىمزا قويۇپ، رۇسىيە نېفىتىغا قارشى تۇرۇش تەدبىرىنى 2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 30 - كۈنىگىچە ئۇزارتقان، بۇ غەربنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا قاتتىق قايتۇرما زەربە بەرگەنلىك. رۇسىيە يەر شارى ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينىماقتا، بولۇپمۇ تەبىئىي گاز ساھەسىدە غەربنىڭ ئۇنىڭغا تايىنىش دەرىجىسىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 2022 - يىلى 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن بۇيان، رۇسىيە ئىزچىل باھا يۇقىرى چېكى مېخانىزمىنى ئىشلىتىدىغان چەت ئەل قانۇنىي ئىگىلىرى ۋە شەخسلەرنى نېفىت ۋە نېفىت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشنى چەكلىدى.

بۇ سىياسەتنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇزارتىلىشى غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي جازاسىغا بىۋاسىتە ئىنكاس قايتۇرۇش، شۇنداقلا رۇسىيەنىڭ يەر شارى ئېنېرگىيە بازىرىدىكى مۇستەھكەم مەيدانىنىڭ ئىپادىسى. غەرب ئەللىرى رۇسىيەنىڭ دېڭىز تىرانسپورتىدىكى نېفىتنىڭ ھەر تۇڭىنىڭ ئېكسپورت باھاسىنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 60 دوللارغا چۈشۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئاجىزلاشتۇرماقچى بولدى. ھالبۇكى، دۇنيا بازىرىنىڭ ھەمكارلىق ھەمراھى پەقەت ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرلا ئەمەس. ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا قاتارلىق رايونلار رۇسىيەنى يېڭى ئىقتىسادىي ھەمكارلىق پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى، بولۇپمۇ ھىندىستان رۇسىيەنىڭ دېڭىز تىرانسپورتىدىكى ئەڭ چوڭ نېفىت سېتىۋالغۇچىسىغا ئايلاندى.

بۇ خىل بازار ئۆزگىرىشى رۇسىيەنىڭ غەرب بازىرىغا تايىنىۋېلىشىنى ئازايتىپلا قالماستىن، يەر شارى ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ كۆپ مەنبەلىشىشىنى يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلىدى. شۇنى بايقاش تەس ئەمەسكى، غەربنىڭ قارشى تۇرۇشى رۇسىيەنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويمايلا قالماستىن، ئەكسىچە رۇسىيەنى يېڭى بىر يولغا باشلىدى. غەربنىڭ جازالاش ھەرىكىتى قارىماققا رۇسىيە ئىقتىسادىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەندەك كۆرۈنسىمۇ،

ئەمەلىيەتتە پۇتىننىڭ كۆڭلىگە تازا ياقتى. غەرب كارخانىلىرى چېكىنسە %10 قايتۇرۇش ھەققى تاپشۇرىدۇ، ئۇلارنىڭ مال - مۈلكىمۇ رۇسىيە تەرىپىدىن مۇسادىرە قىلىنىدۇ، بۇ ھەرىكەتلەر رۇسىيەنىڭ دۆلەت خەزىنىسىگە كۈتۈلمىگەن بايلىق ئېلىپ كەلدى، ئەمما غەرب دۆلەتلىرى بولسا كۆرەڭلەپ، پۇتىننىڭ پىلانىنى مەقسەتسىز ھالدا مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى. ھەربىي ئىشلار جەھەتتىكى بېسىم رۇسىيەنىڭ ھەربىي سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى، ھەتتا رۇسىيە بېلارۇسىيەنى تېز ئىلگىرى سۈردى. غەرب دۆلەتلىرىنىڭ مەيدانى ئىزچىل ئامېرىكىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، تەۋرىنىپ كەلدى، رۇسىيەنىڭ بۇ تەدبىرلىرى ئەمەلىيەتتە ۋەزىيەت گۇمران بولۇشتىن بۇرۇنقى ئالدىن چىقىش يولى تېپىش،

يېڭى ئىقتىسادىي مەنبە تېپىش بىلەن بىر ۋاقىتتا غەربنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇش بولۇپ، كېيىنكى خەلقئارا رىقابەتتە تېخىمۇ مۇستەقىل ۋە قاتتىق دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالىدۇ. پۇتىننىڭ بۇ بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى غەرب دۆلەتلىرىنى «پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالمايدىغان» ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. رۇسىيە ئىقتىساد ۋە ھەربىي ئىشلاردىن ئىبارەت قوش ۋاسىتە ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇپلا قالماي، يەنە «دوللارلاشتۇرۇش» ۋە «يادرو قوراللىرىنى تەھدىت سېلىش» ئارقىلىق دۇنيانىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى قايتىدىن بەرپا قىلدى.

HaWaRqi BaLa
سالونىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەي .
 最新文章