زىلنىسكىنىڭ كاللىسى ئىلنامدۇ!24 سائەتتە پۈتۈن قوشۇن ھالاك بۇلدى…

文摘   2024-12-23 20:10   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


قىسقىغىنە 24 سائەتتە پۈتۈن قوشۇن ھالاك بولدى! ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئالاھىدە قىسمى پۈتۈنلەي يوقىتىلدى،560 مىڭ ئەسكەر قانغا يىقىلدى! پۇتىننىڭ چىدىغۇچىلىكى قالمىدى، زېلېنسكىينىڭ «كاللىسى» ئېلىنامدۇ؟


ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرىي كۈچى، قورال - ياراغلىرى ئېغىر دەرىجىدە كەمچىل بولغان ئەھۋالدا، ئەسلىدە ئۇ ھۇجۇمنى ئاستىلىتىدۇ دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ يەنىلا چىڭ تۇرۇپ، ھەتتا رۇسىيە زېمىنىغا كاللىسىنى ئېلىپ زەربە بېرىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى.

موسكۋا كوچىلىرىدىكى بىر ئاۋاز پۈتۈن يەر شارىنى زىلزىلىگە سالدى،

رۇسىيە رادىياتسىيە، خىمىيە ۋە بىئولوگىيەلىك مۇداپىئە قىسمىنىڭ مەسئۇلى گېنېرال لېيتېنانت ئىگور كىرىلوف پاجىئەلىك ھالدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋەقە روسىيەنى تەزىيە ئىچىگە چۆمدۈرۈپلا قالماي، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ رايون بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشىسىنى يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈردى.

رۇسىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ پاش قىلىشىچە، بۇ قېتىمقى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشنى ئۇكرائىنا ئالاھىدە خادىملىرى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلىغان بولۇپ، ئۇلار بىر خىل يوشۇرۇن ھەم رەھىمسىز ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش شەكلىدىكى ۋاسىتە قوللانغان.

مېدۋېدېف ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنانىڭ ئەڭ ئالىي ھەربىي، سىياسىي رەھبەرلىك قاتلىمىدىن ئۆچ ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى، بۇ ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە ـ ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىنىڭ «قىزىل سىزىقى» نى بۆسۈپ ئۆتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇشى كەسكىن بولغان بولسىمۇ،

لېكىن قارشى تەرەپنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرمىگەن ئىدى. ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ بۇ ھەرىكىتى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنانىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرىگە قارىتا «كاللىسىنى ئېلىش ھەرىكىتى» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، زېلېنسكىيمۇ بىخەتەر بولماسلىقى مۇمكىن. گەرچە رۇسىيەنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى تېخى ئېنىق بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ ئىزچىل ئىستىلى بىلەن،

«ئورمان ياڭىقى» ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى بىۋاسىتە ئىشلىتىپ، ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانىدىكى تەدبىر بەلگىلەش ئورگىنىنى قارىغا ئېلىشى مۇمكىن. زېلېنسكىي، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقە كۆۋرۈكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ھامان، ئۇنىڭ «ئىتتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى» گە زور زەربە بولىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، رۇسىيە زېلېنسكىيدىن ئەيمىنىشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئۇكرائىنانىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى رۇسىيەگە يېتەرلىك ئاساس يارىتىپ بەردى. ئەمدى ئۇرۇگۋاينىڭ يۇقىرى قاتلام رەھبەرلىرى سىرتقا چىقىشتىمۇ دەككە

- دۈككىگە چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. ئالدىنقى سەپتە رۇسىيە ئارمىيەسىمۇ يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ. قىسقىغىنە 24 سائەت ئىچىدە، رۇسىيە ئارمىيەسى كۈچلۈك ئوت كۈچى بىلەن زەربە بەردى، ئېغىر تىپتىكى زەمبىرەك، زىچ ھاۋا ھۇجۇمى قىلدى، رۇسىيەنىڭ ئۆچ ئېلىش ۋاسىتىسى تېز ھەم كۈچلۈك بولدى، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ كىچىك قىسىملىرى 24 سائەت ئىچىدە پۈتۈنلەي ھالاك بولدى. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 70 نەچچە ئەسكىرىنى يوقاتقانلىقىنى، تۆت بىرونېۋىكنى قولغا چۈشۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى. 2024 - يىلى مەزگىلىدە، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ 560 مىڭ ئەسكىرىنى تالاپەتكە ئۇچراتتى ھەمدە ئۇكرائىنا ئارمىيەسى ۋە غەرب ياردەم بەرگەن 58 مىڭدىن ئارتۇق قورال - ياراغنى پاچاقلاپ تاشلىدى.

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:ئۇكرائىنا قوراللىق قىسمىنىڭ جەڭگىۋارلىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، بولۇپمۇ كۇرسىك ئۇرۇش سېپىدە ئېغىر زىيان بولدى،40 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر قازا قىلدى ۋە يارىلاندى. ئۇرۇش بېسىمىغا قارىتا،

ئۇكرائىنا ئارمىيەسى زاپاس قوشۇننى ئىشقا سېلىشقا ھەمدە مۇداپىئە تاكتىكىسىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى، ئالدىنقى سەپتىكى ئۇرۇش قىلغۇچى خادىملارنىڭ سەپلىنىش نىسبىتى ئومۇمىي ئەسكىرىي كۈچنىڭ %45 تىن %50 كىچە بولۇپ، ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زور دەرىجىدە ئاجىزلاپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما روسىيەنىڭ ئەسكەر تولۇقلاش سىستېمىسى كۈچلۈك ئەسلىگە كېلىش كۈچىنى نامايەن قىلدى. 2024 - يىلىغىچە، رۇسىيە يېڭىدىن قوبۇل قىلغان پىدائىي ئەسكەر 420 مىڭغا يېتىپ، ئارمىيەنىڭ ئۈزلۈكسىز ئەسكەر تولۇقلىشىغا كاپالەتلىك قىلدى. ئۇكرائىناغا سېلىشتۇرغاندا، رۇسىيە ئەسكىرىي كۈچ سەرپىياتى ۋە تەمىنات جەھەتتە تېخىمۇ ئەۋرىشىملىكىنى نامايان قىلدى. زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئاشكارىلىشىچە، رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ھەر ئايدا تەخمىنەن 1200 ئادەم تالاپەتكە ئۇچرايدىكەن،

ئۇكرائىنا ئارمىيەسىدىن ئۆلۈش - يارىلىنىش ئەھۋالى بۇ ساندىن كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كەتكەن. قورال - ياراق جەھەتتە ئۇكرائىنا ئارمىيىسىنىڭ زىيىنىمۇ ئوخشاشلا ئېغىر بولدى. 86 دانە «بوران سايىسى» ۋە «سىكالپ» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ 215 تاكتىكىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىسى، شۇنداقلا 1629 دانە «خەيماس» ناملىق راكېتا بومبا رۇسىيە ئارمىيەسى تەرىپىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلدى. بۇنىڭدىن باشقا يەنە 27 مىڭدىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايرۇپىلان ۋەيران قىلىندى. تېزدىن غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، رۇسىيە ئارمىيەسى يېڭى بىر ئۇرۇش قىلىش قىسىم تۈرى - «ئادەمسىز سىستېما» قىسمى تەشكىللەشنى تېزلەتمەكتە،2025 يىلى 3 پەسىلدە تەشكىللەشنى تاماملاش پىلانلاندى.

HaWaRqi BaLa
سالونىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەي .
 最新文章