ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
قىسقىغىنا بىرنەچچە يىل ئىچىدە، قادىروفنىڭ قولىدىكى ھەربىي ھوقۇق شىددەت بىلەن ئېشىپ، «رۇسىيە ئۆڭلۈك» دېگەن نامنىڭ قىممىتىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يەنە مۇشۇنداق كېتىۋەرسە، پۇتىننىڭ كەلگۈسىدىكى ئىز باسارى پەقەت ئۆز ئالدىغا ئۇنىڭ موسكۋاغا بولغان ساداقىتىنى داۋاملىق ساقلىشىدىن ئۈمىد كۈتەتتى. روسىيە مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگىنى «تۈر» نىڭ يېقىنقى بىر پارچە دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىلگىرى روسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشى داۋاملاشقان ئىككى يىل ئىچىدە، قادىروفنىڭ قول ئاستىدىكى قوراللىق كۈچلەرنىڭ شىتاتى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكىدىن ئۈچ ھەسسە ئاشقان.
[ قادىروف تەشكىللىگەن بۇ 20 قىسىمنىڭ ئەسكىرىي كۈچنىڭ كونكرېت قانچىلىك ئىكەنلىكىگە كەلسەك، ئېنىق ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتى يوق.
بۇلتۇر 1 - ئايدا، قادىروف ئاخبارات ۋاستىلىرىغا چېچىنىيەدە 21 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى ئاشكارىلىغان ئىدى. بۇ يىل 8 - ئايغا كەلگەندە، قادىروف پۇتىن بىلەن بولغان سۆھبەتتە بۇ ساننى يېڭىلىدى، يەنى 47 مىڭ ئادەم ئۇكرائىنا ئالدىنقى سېپىگە ئەۋەتىلدى، بۇنىڭغا چېچىنىيەنىڭ ئارقا سېپىدە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ۋە نېفىتلىككە قاراۋاتقان قىسىمنى قوشقاندا، تەخمىنەن 60 مىڭدىن 70 مىڭغىچە ئادەم بار ئىدى. بۇ يىل 10 - ئايدا، قادىروف بىر قېتىملىق يەرلىكتە ئېچىلغان كېڭەيتىلگەن يىغىندا، چېچىنىيەدە 70 مىڭ «تولۇق قوراللانغان» جەڭچى بارلىقىنى، بۇ سان ئاساسىي جەھەتتىن يۇقىرىدىكى مۆلچەر بىلەن ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لېكىن 70 مىڭ ئادەم قادىروفنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنىڭ يۇقىرى چېكى ئەمەس ئىدى. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى، ئۇكرائىنانىڭ بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى چېچىنىيەنىڭ مەركىزى گروزنىدىكى بىر قىسىم گازارمىسىغا ھۇجۇم قىلدى. غەزەپلەنگەن قادىروف ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا:«چېچىنىيەدىن كەلگەن 84 مىڭ رەسمىي ۋە زاپاس قىسىم ھەر ۋاقىت ئالدىنقى سەپكە بېرىپ ئۇرۇش قىلىشقا تەييارلىنىپ بولدى» دېدى.
قادىروف كېڭەيتىلگەن يىغىندا مۇنداق دېدى:چېچىنىيەدە تولۇق قوراللانغان 70 مىڭ جەڭچى بار، نوپۇسى ئاران 1 مىليون 500 مىڭ چېچىنىيەدە 70 مىڭ ئادەمنىڭ قىسىمدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىشى تولىمۇ مۇبالىغە قىلىنغان، ئويلىمىغان يەردىن قادىروفنىڭ يەنە 14 مىڭ زاپاس ئەسكىرى بار ... ئەگەر بۇ كېڭىيىش سۈرئىتى بويىچە ھېسابلىغاندا، ئەگەر چېچىنىيە كەلگۈسىدە سەپەرۋەرلىك ئېلىپ بارماقچى بولسا، قادىروف ئەڭ كۆپ بولغاندا 100 مىڭ ئەسكىرىي كۈچ چىقىرىشى مۇمكىن ئىدى.
بۇنىڭدىكى مۇھىم ھالقا قادىروفنىڭ قول ئاستىدىكى بۇ ئەسكەرلەرنىڭ يەيدىغىنى خان ئاشلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر يىلى «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش» نامى بىلەن موسكۋادىن نۇرغۇن نورمىدىن سىرت مالىيە ياردەم تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلەيتتى، ھەتتا چېچىنىيەنىڭ ساقچى ماشىنىسىمۇ ياندىكى بىر قانچە جۇمھۇرىيەتتىن نەچچە دەرىجە يۇقىرى ئىدى. كرېمل سارىيى بۇنى ئەلۋەتتە ناھايىتى ئېنىق كۆرەتتى، لېكىن ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە چېچىنىيەدە ئەڭ مۇھىمى مۇقىملىق ئىدى.