زېلېنسكىي تەسلىم بولىدىغان بولدى!كىيېۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى تۇيۇقسى

文摘   2025-01-07 22:00   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى


ئۇكرائىنا سىياسىي سەھنىسىدە يەنە دولقۇن كۆتۈرۈلدى. زېلېنسكى ھۆكۈمىتى تارقاتقان ئەڭ يېڭى سىگنال كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، ئۇلار ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ئارقىلىق، بىر قىسىم زېمىنىدىن ۋاز كېچىش ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. بۇ بىر قېتىملىق ئادەتتىكى سىناق ئەمەس، بەلكى بىر مەيدان سىياسىي ۋە جامائەت پىكرى ئوتتۇرىسىدىكى كەسكىن ئېلىشىش. بۇ «تەسلىم بولۇش» خەۋىرى ئۇكرائىنانى قوللايدىغان غەرب دۆلەتلىرىنىمۇ ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى. كىيېۋ شەھىرىنىڭ باشلىقى كېلىچىنكو زېلېنسكىي دۆلەتنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدىغان بىر مەيدان ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ، دېدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇش كۆرۈنۈشتە دېموكراتىك تەدبىر بەلگىلەش بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە قوش بىسلىق خەنجەر.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشچە، %32 ئۇكرائىنلار زىمىن ئارقىلىق تىنىچلىقنى ئالماشتۇرۇشنى قوللايدىكەن، بىراق %60 تىن ئارتۇق خەلق ئاممىسىنىڭ پوزىتسىيىسى قەتئىي بولۇپ، دۆلەت مۇكەممەل بولسا سۆھبەتلەشكىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىكەن. بۇنداق پارچىلانغان خەلق رايى زېلېنسكىينىڭ «جاۋابكارلىقتىن قۇتۇلۇش قورالى» بولۇپ قالدى. ئەگەر ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇش ماقۇللانسا، ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئۇكرائىنا خەلقىگە ئىتتىرىپ قويىدۇ؛ ئەگەر ماقۇللانمىسا، ئۇ داۋاملىق رۇسىيەگە قارشى تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى زىددىيەتنى يۆتكىسە بولىدۇ. ئەجەبا بۇ ئاتالمىش رەھبەرلىك مەسئۇلىيەتچانلىقىمۇ؟ زېلېنسكىينىڭ چوت سوقۇشى ناھايىتى ياخشى بولدى، لېكىن خەلق ئاممىسىنىڭ قۇربان بېرىشىمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئازىيىمدۇ؟ ئۇكرائىنا ئالدىنقى سەپ ئۇرۇش مەلۇماتى كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. قايتۇرما ھۇجۇم توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، خىللانغان قىسىم ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى، خاركوف تەرەپ قايتا - قايتا جەڭ قىلىپ، قايتا - قايتا مەغلۇپ بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، رۇسىيە ھەر قەدەمدە بىر ئىستىھكام قۇرۇپ، گەرچە ئاستا ئىلگىرىلىسىمۇ، لېكىن پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى. ئۇكرائىنا جەڭ مەيدانى خۇددى بىر مەيدان ئايىغى يوق پاتقاققا ئوخشاش نۇرغۇن بايلىق ۋە ھاياتلىقنى ئۆزىگە تارتىپ كەتتى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، تىنچلىق كىشىنى چەكسىز جەلپ قىلىدۇ. لېكىن بەدەل نېمە؟ دۆلەت زېمىنىنى بۆلۈپ بېرىش، ئىگىلىك ھوقۇقىنى قۇربان قىلىش. ئۇكرائىنا تۆت كوچا ئېغىزىدا تۇرۇپ قالدى، يەنى ئوق - دورا، ئوزۇق - تۈلۈك ئۈزۈلۈپ قالغۇچە بەرداشلىق بېرىش كېرەكمۇ ياكى قىسمەن زېمىنىدىن ۋاز كېچىپ ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىش كېرەكمۇ؟ ھەرقانداق بىر تاللاش ئازابنىڭ بەدىلى. ئۇكرائىنانىڭ ۋەزىيىتى ئىچكى قىسىمغا باغلىق بولۇپلا قالماي، تاشقى ئامىلنىڭ ئىسكەنجىسىگە ئۇچرايدۇ. بېدىن ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇكرائىنانى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ، لېكىن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي يۆنىلىشى ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن. ترامپنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈشىدىن ئۈمىد بار، ئۇنىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ئىزچىل ئۇكرائىناغا ئارىلىشىشنى ئازايتىشقا مايىل. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ترامپ قايتىدىن ھوقۇق تۇتسا، ئۇكرائىنا ئەڭ كۈچلۈك يۆلەنچۈكىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ياردىمى بولمىغان بولسا، ئۇكرائىنا يەنە قانچىلىك بەرداشلىق بېرەلەيتتى؟ بۇ رېئال مەسىلىگە قارىتا، زېلېنسكىنىڭ تاللىشى بارغانسېرى قىيىنلاشتى. ئۇ ئامېرىكا سىياسىتىدىكى جىددىي ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋاتامدۇ ياكى سۇ كەلگۈچە توغان تۇتۇپ، ئۇرۇشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇۋاتامدۇ؟ جاۋابى گويا ھەممىسى ئۈمىدۋار ئەمەس. مەيلى جەڭ مەيدانىدىكى بېسىم بولسۇن ياكى ئەل رايى ئىختىلاپى بولسۇن، ھەممىسى زېلېنسكىي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئىرادىسىنى سىنايدۇ.

ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشنى تاللاش تېخىمۇ زور قۇربان بېرىشتىن دېرەك بېرىدۇ؛ سۆھبەت ئارقىلىق ئۇرۇش توختىتىشنى تاللاش خەلقنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشى مۇمكىن.

ئۇكرائىنانىڭ كەلگۈسى چوقۇم بىر مەيدان قىمار. لېكىن تارىخ شەخسىي قارا نىيىتى بىلەن يول قويمايدۇ. رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەربىي قارشىلىشىشىدىن ھالقىپ كەتتى. ئۇ كۈچ پەرقى چوڭ بولغان بىر مەيدان كۈچ سىنىشىش، شۇنداقلا ئىنسان تەبىئىتى بىلەن دۆلەتنىڭ تەقدىرى ئوتتۇرىسىدىكى بىر مەيدان كۈچ سىنىشىش.

ئۇرۇش ئوتى ئۆچمىگەن بولسىمۇ، ئۇكرائىنانىڭ ئاسمىنى يەنىلا تۇتۇق ئىدى. لېكىن جۇڭگونىڭ نەزىرىدە، بۇ ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتى ئاللىقاچان بېكىتىلىپ بولغان.

HaWaRqi BaLa
سالونىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەي .
 最新文章