ئالما16ئۈندىدارنى قوللىماسلىقى مۈمكىن…ئالما جۇڭگو جاۋاپ قايتۇردى

文摘   2024-09-05 22:01   新疆  



                                     مەزمۇن

ئەگەر سالۇنىمىزدىكى مەزمۇنلارسىزنىڭ نەشىر ھوقۇقىڭىزغا دەخلى-تەرىزى بولغان بولسابىزبىلەن ئالاقىلشىڭ ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلىدۇ

توردا «iPhone   16بەلكىم ئۈندىدارنى قوللىماسلىقى مۇمكىن» دېگەن خەۋەر تارقالدى،
بۇنىڭغا قارىتا مۇخبىر ئالما شىركىتىنىڭ ئورگان تەرەپ قىزىق لىنىيەسىگە تېلېفون قىلدى، ئالما شىركىتىنىڭ جۇڭگودىكى تېخنىكا مەسلىھەتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۈچىنچى تەرەپ iOS سىستېمىسى ياكى ئالما ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ئۈندىدارنى قايتا ئىشلىتەلەيدىغان-ئىشلىتەلمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ئىپادە بىلدۈردى، جۈملىدىن ئۈندىدارنىڭ ئالما ئەپ دۇكىنىدا داۋاملىق تۇرىشى ياكى چۈشۈرۈلۈش-چۈشۈرۈلمەسلىكى ئالما بىلەن تېڭشۈن ئوتتۇرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق، ئاندىن كېيىنكى ئەھۋالنى بېكىتكىلى بولىدۇ. بۇ تېخنىكا مەسلىھەتچىسى ئالما دۇكىنىدىكى يۇمشاق دېتال جازىسىدا، ئاچقۇچىلار ئالما شىركىتىگە بەلگىلىك ھەق تۆلىگەندىن كېيىن ئاندىن جازىغا قويغىلى ياكى چۈشۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

«ئەپ ئاچقۇچىلار ئالما ئەپ دۇكىنىغا يۇمشاق دېتال قويىدۇ، يۇمشاق دېتال مەلۇم مىقداردا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىشلەتكۈچى بۇ يۇمشاق دېتالنى بىر قېتىم چۈشۈرسىلا، ئاچقۇچى ئالما شىركىتىگە بەلگىلىك ھەق تۆلەيدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە،
ئالما شىركىتى تېڭشۈن شىركىتى بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىپ، تېڭشۈننىڭ ئالما ئەپ دۇكىنىنى داۋاملىق يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ياكى تەمىنلىمەيدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈردى.


ئەمما، ئۈندىداردا بىر قەدەر ئومۇملاشقان يۇمشاق دېتال بولۇش سۈپىتى بىلەن،
ھەر ئىككى تەرەپ ئۆزلىرىنىڭ مۇناسىپ پايدىسىنى بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى، شۇڭا ھازىرچە ئەنسىرەشنىڭ ئورنى يوق. بۇ تېخنىكا مەسلىھەتچىسى مۇنداق دېدى: كۆپچىلىك كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۈندىدارنى بۇندىن كېيىن چۈشۈرۈپ ئىشلەتكىلى بولامدۇ-يوق، ئورگان تەرەپنىڭ ئەسكەرتىشى ئۆلچەم قىلىنىدۇ، بىز 3-تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا ھېچقانداق ھۆكۈم قىلالمايمىز، يۇقىرىقى چۈشەندۈرۈش پەقەت پايدىلىنىشقىلا بولىدۇ.

来源:财联社
ئىلاۋە:ئالمىنىڭ جۇڭگودا تەخمىنەن 250 مىليون ئابۇنتى بار، ئۈندىدارنىڭ جۇڭگودا بىر مىلياردتىن ئارتۇق ئابۇنتى بار. ئالما يانفونى پەقەت بىر قورال، ئۈندىدار بولسا ئىجتىمائىي ئالاقىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىنى ئالغىلى بولمايدىغان مەۋجۇدىيەتكە تەۋە .

ئەگەر بۇ ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، نۇرغۇن كىشىلەر ئاندرويىد يانفونىغا ئالمىشىدۇ، بۇنداق بولغاندا ئالما يانفونىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى سېتىلىش مىقدارىغا زور تەسىر يېتىدۇ.

ئەگەر ئۈندىداردا بۇنداق چوڭ كۆلەم بولمىسا، ئالما شىركىتىنىڭ%30 پىرسەنت ئايرىش بىلەن مۇرەسسە قىلىشى مۇمكىن، بۇ شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، كۈچلۈك بولغاندىلا سۆز قىلىش ھوقۇقى بولىدۇ، ئاندىن مەسلىھەتلىشىش ئىمكانىيىتى بولىدۇ.

بولمىسا، ئالما شىركىتىنىڭ ئادەتتىكى مەشغۇلاتى بويىچە، ئۈندىدارنى ئېلىۋەتسەكلا بولىدۇ، نەدە مەسلىھەتلىشىمىز. كۆپچىلىك ئۈندىداردىن ۋاز كېچىپ، ئالما ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرامدۇ ياكى ئۈندىداردىن پايدىلىنىپ ئالمىدىن ۋاز كېچىشتە چىڭ تۇرامدۇ؟


قۇللاپ ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپلا چىكەتسىڭىز بۇلدۇ قېرىندىشىم رەھمەتسىزگە


!!!دوسلار دېققەت

بىر قىسىم سېرىق مەزمۇن يوللايدىغان مەينەت،خەلىقنىڭ ئىدىيسىنى بۇلغايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 20 مىڭدىن ئاشماقتا. ئەمما بىزدەك ساغلام ،پاكىز مەزمۇن يوللايدىغان سالونلارنىڭ ئايلىق كىرىمى 2000 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ. ئاستىدىكى خەنزۇچە ئېلاننى بېسىپ قويسىڭىز بىزگە 3 مو پۇل كىرىدۇ، سىزدىن ھېچنىمە چىقىپ كەتمەيدۇ، مەينەت سېرىق سالونلارنى قوللامسىز؟!ياكى بىزنىمۇ تاللاش ئۆزىڭىزدىن!

سىزدىن بىر پۇڭ چىقىپ كەتمەيدۇ دۇستۇم ئاستىدىكى ئېلاننى چىكىپ قۇيۇپ چىقىپ كىتىڭ 👇

Serlik Tabiyat
سېرلىق تەبىيەت سالۇنىمىزغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا قېرىندىشىم!
 最新文章