ئاياللارنىڭ تەقدىرىنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىدە، مۇھىمى نېمىگە قاراش كېرەك؟
ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، توردا مۇنداق بىر قىزىق تېما پەيدا بولدى: ئاياللارنىڭ ھەقىقىي پىشىپ يېتىلىشى قاچاندىن باشلىنىدۇ؟ كۆپ قوللاشقا ئېرىشكەن جاۋاب مۇنداق:
باشقىلارنىڭ بىردەم سوغۇق بىردەم قىزغىن بولۇشىغا پەرۋاسىز، تاشلاپ كەتكەندە، سوغۇققان بولالايدىغان. مۇستەقىل، ئەرزىمەس ھېسسىياتتىن ۋاز كېچەلەيدىغان.
نۇرغۇن يىل تىرىشقاندىن كېيىن ئاندىن «ئاغزى تاتلىق، يۈرىكى قاتتىق بولۇش»نىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەندىم.
1.سىزنى خوراتقانلارغا قاتتىق قوللۇق قىلىپ، يۈز ئۆرۈشكە جۈرئەتلىك بولۇڭ
«ئەگەر بىرەرسى ئىزچىل سىز ياقتۇرمايدىغان ئۇسۇلدا مۇئامىلە قىلىۋەرسە، ئۇنىڭغا سىز ئىزچىل يول قويغانلىقتىن». ئاياللار «ياق»دېيىشنى ئۆگىنىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىشى كېرەك.
2.يۈرىكىڭىزدىكى يۈكنى ۋاقتىدا نۆللەشتۈرۈڭ
نۇرغۇن ئادەمنىڭ ئازابى قەلبنىڭ چارچىشىدىن كېلىدۇ. شۇڭا، ۋاقتىدا نۆللەشتۈرۈش، كەيپىياتنىڭ ئىچكى خورىشى ئىچىدە بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىق كېرەك.
3.تۇراقلاشقان تەپەككۇرغا خاتىمە بېرىپ، ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش
دارۋىن:ھايات قالىدىغىنى ئۆزگىرىشكە ئىنكاسى ئەڭ تېز تۈرلەردۇر، دېگەن. ئاياللار ئۆزىگە قاتتىق قول بولۇپ، تەپەككۇرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ تۈرتكە بولغۇچىسى بولۇشى كېرەك.
باغرى تاشلىق ئاياللارنىڭ ئەڭ ياخشى قورالى، بۇ رەھىمسىزلىك ئەمەس، بەلكى بوشاڭلىق، ئىككىلىنىشنى تۈگىتىپ. ئۆزىنى قوغداش ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشتۇر.