بىكار ۋاقتىڭىزنى پۇلغا ئايلاندۇرۇڭ…

文摘   2024-10-15 23:22   新疆  

  ھازىر چوڭ-كىچىك، ئەر-ئايال ھەممە ئادەمدە بىردىن تېلفون بار. ھەمدە تېلفوندا نۇرغۇن رەسىم ساقلاقلىق بولىدۇ، كۈندە دېگۈدەك يېڭى رەسىملەرگە چۈشۈپ تۇرۋاتىمىز. بايرامدا، قېرىنداشلار بىلەن يىغىلغاندا، دوستلار ئولتۇرىشىدا دېگەندەك. كۈنلەرنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇ رەسىملەر يىغىلىپ تېلفونمۇ بارا-بارا ئاستىلاشقا باشلايدۇ. رەسىملەرنى ئۆچۈرۋېتەي دېسىڭىز كۆڭلىڭىز ئۇنمايدۇ. يۇيدۇراي دېسىڭىز قىممەت توختايدۇ، توردا ساقلاي دېسىڭىز بىخەتەر ئەمەس ،تېلفوندا تۇرىۋەرسە تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىشىمۇ مۇمكىن، يوقاپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ نۇرغۇن رەسىم ۋە ھۈججەتلەرنىڭ ئارىسىدا ھېچكىم كۆرمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ قالىدۇ. ئۇنداقتا بۇ رەسىملەرنى ئەسلىمە قىلىپ چۈشكەننىڭ نېمە ئەھمىيىتى ؟

نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇشۇ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ يېڭى بىر تۈرنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرماقچىمەن. يەنى تېلفوندىكى نەچچە يۈز پارچە رەسىمنى سۈپەتلىك،  رەڭگى ئۆڭمەيدىغان، سۇدىن قوقمايدىغان، باھاسىمۇ ئىنتايىن يېقىشلىق بولغان ئاممىباپ تۇرمۇش ئالبومى قىلىش تۈرى. بۇ خىل ئالبومنىڭ ئارتۇقچىلىقى دەل رەسىم بىلەن ئالبوم كىتاب بىرىكىپ كەتكەن، لاھىيىلىنىشىمۇ ئۆزگىچە بولىدۇ. باھاسىمۇ ئايرىم رەسىم يۇيدۇرغاندىنمۇ ئەرزان توختايدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتە بازار سىز ئويلىغاندىنمۇ كەڭرى ھەم ئۇزۇن.

سىز پەقەت خېرىدارغا ياقتۇرغان ئالبومنى تەۋىسىيە قىلىپ ، پۇلىنى ئالسىڭىزلا بولىدۇ. تېلفوندىكى رەسىملەرنى خېرىدار سېستىما كۆزنىكىگە ئۈندىداردا تۇرۇپلا ئۆزى يوللىيالايدۇ. سىز پەقەت سېستىمىنىڭ ئاپتوماتىك بەت لاھىيىلەش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، تېلفوندا تۇرۇپلا نەچچە مىنۇت ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بىر نەچچە كونۇپكا بىلەنلا چىرايلىق ئالبوم لاھىيىسىنى خېرىدارغا تەييار قىلىپ بېرەلەيسىز. ئارقىدىن بېسىپ تۈپلەپ پوچتىدىن يولغا سېلىشقا شىركەت ئۆزى مەسئۇل بولىدۇ، سىز بۇ جەھەتتە غەم قىلمايسىز. سىزدە پەقەت بىر تېلفون بولسىلا بولىدۇ.

ۋاكالەتچى بولغاندىن كېيىن ئۆز ئالدىڭىزغا دۇكىنىڭىز ۋە ئالبوم چىقىرىش سېستىمىڭىز بولىدۇ، يېتەكچىڭىز نۆلدىن باشلاپ سىزنى بىر قوللۇق يېتەكلەپ ماڭىدۇ. قىلالماي قېلىشتىن ئەنسىرمەيسىز. نەچچە كۈندىلا تېلفونىڭىزدىن پايدىلىنىپلا ئۆز ئالدىڭىزغا مەشغۇلات قىلىپ خېرىدار ئالالايدىغان  ئالبوم ياسالايدىغان بولىسىز. ئالبومنىڭ ئوبورتى تېز، باھاسىنى ھەممە ئادەم قوبۇل قىلالايدۇ. ئەر-ئايال دەپ خېرىدار تاللىمايدۇ. كونا خېرىدارنىڭ يېڭى خېرىدار تونۇشتۇرۇش نىسپىتى ئىنتايىن يۇقىرى. شۇڭا سودىڭىز قىلغانسېرتى كېڭىيىپ ماڭىدۇ. يەنە نېمىگە ساقلاپ تۇرىسىز ؟ ! قانچە بۇرۇن تۇتۇش قىلسىڭىز شۇنچە جىق خېرىدارنى ئۆزىڭىزگە كۆندۈرىسىز.

ئەمەلىيەتتە بۇ بىر زىيان چىقمايدىغان سودا تۈرى، نېمىشقا دەمسىز؟ ۋاكالەتچىلىك ئۆمۈرلۈك كۈچكە ئىگە. ۋاكالەتچى بولغاندىن كېيىن ئۆزىڭىزنىڭ ئائىلە ئالبومىنى ياساتسىڭىز، ۋاكالەتچى باھاسىدا ئەڭ تۆۋەن باھادا ياسالايسىز. دېمەك بۇ جەرياندا نۇرغۇن ئالبوم ياسىتىدىغان پۇلىڭىز تېجىلىپ قالىدۇ. باشقىلارنىڭ ئالبومىنى ياساپ بەرسىڭىز پۇل تاپالايسىز. 

بۇ سودىنىڭ يا ۋاقتى ئۆتمەيدۇ، يا مال بېسىۋالمايسىز. تۇرمۇشىڭىزغىمۇ بېسىم ئېلىپ كەلمەيدۇ. شۇڭا دەيمەن ،بۇ سودىنىڭ ھېچ بىر خەتىرى يوق، ئەكسىچە سىزگە ئۆمۈرلۈك ياخشى بىر پۇل تېپىش پۇرستىنى ھازىرلاپ بېرىدۇ. (خېرىدارلىرىڭىزنىڭمۇ نۇرغۇن رەھمەتلىرىگە ئېرىشىپ ماڭىسىز، كۆڭلىڭىزمۇ خۇش بولىدۇ)

سېستىمىدا مەھسۇلاتنىڭ تۈرلىرى ھەرخىل بولۇپ پەقەت ئالبوملا ئەمەس. تۇرمۇشىمىزدا رەسىمگە مۇناسىۋەتلىك ، رەسىم باسقىلى بولىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك سېستىمىدىن تېپىلىدۇ، خېرىدارنىڭ تاللىشىمۇ جىق. مەسلەن: ئىستاكان، كىيىم، ياستۇق، كالىندار، تېلفون قېپى، سومكا، پورتمال، رەسىم جازىسى، رەسىملىك خرۇستال، سوۋغاتلىق، ھەرخىل ئاسقۇلار دېگەندەك نۇرغۇن-نۇرغۇن بولۇپ باھاسى يېقىشلىق، سۈپىتىمۇ شۇنچىلىك ياخشى. خېرىدار ئالبومنى ۋە ياكى باشقا مەھسۇلاتنى قولىغا ئالغان كۈنىلا سىزگە ياخشى ئىنكاس بېرەلەيدۇ. دېمەك مەھسۇلات ئۈنۈمىنى ئەڭ تېز سۈرەتتە كۆرەلەيسىز. ئەلۋەتتە ياخشى بولغان ئىنكاس سىزگە يەنە نۇرغۇن يېڭى خېرىدارلارنى تېپىپ بېرەلەيدۇ.

ئالبوم لاھىيىلەيدىغان تېلفوندىكى ئەپ سېستىمىنى ۋە بېسىپ چىقارغان ئالبوملارنى بېيجىڭدىكى   美印兔兔 دېگەن شىركەت باشقۇرىدۇ. بۇ شىركەت 2014-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ مەخسۇس خېرىدارلارغا ئالاھىدە بۇيرۇتۇپ ياساش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساس قىلىدۇ. مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەخسۇس ھەمكارلىق ئورناتقان باسما زاۋۇتلىرى بار بولۇپ، سىز ئىشلەتكەن ئالبوم ۋە ياكى باشقا مەھسۇلاتلار مۇشۇ مەخسۇس زاۋۇتلاردا بېسىپ تەييارلىنىدۇ ۋە پوچتىدىن خېرىدارنىڭ قولىغا يەتكۈزىلىدۇ. شۇڭا باھا ۋە سۈپەت جەھەتتە ئىنتايىن ياخشى ئۈستۈنلۈككە ئىگە. ئەگەر بۇ تۈرگە ھەقىقىي قىززىقسىڭىز، يېڭىچە كۆڭۈللۈك پۇل تېپىش پۇرسىتىنى قولدىن بەرمەي دەپ ئويلىسىڭىز ئۈندىدارىمنى قوشۇۋېلىڭ، بىرلىكتە بۇ چوڭ بازاردا تەڭ ئىلگىرلەيمىز. ئۈندىدار نومۇرۇم sabri83

ئەلۋەتتە، ۋاكالەتچىلەرگە قويۇلدىغان ئازراق تەلەپ بار. يەنى، دۆلەت تىلىدىن ئازراق خەۋىرىڭىز بولۇشى،ئۈندىدارنى نورمال ئىشلىتەلەيدىغان بولىشىڭىز. ھېچ بولمىغاندا تاۋباۋ، دوۋيىن دېگەنلەردىن ئۆزىڭىزگە مال سېتىۋېلالايدىغان مەشغۇلاتنى قىلالايدىغان ھالەتتە بولسىڭىزلا بولىدۇ. 


Albom相册
ئالبوم ياساش، بالىلار تەربىيىسى، تۇرمۇش ساۋاتلىرى، ئاكتىپ مەزمۇنلار، چەمبىرەك دۇردانىلىرى، گۈزەل رەسىملەر
 最新文章