جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان يۈ خۇايىڭنىڭ بالىلارنى ئالداپ سېتىشقا چېتىشلىش دېلوسىغا 11-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا گۈيجۇ ئۆلكىسى گۈيياڭ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى قايتا قاراپ چىقىپ 1-سوت ئاچتى.
ئىگىلىنىشىچە، قايتا قاراپ چىقىش ئارقىلىق يۈ خۇايىڭ ئالداپ ساتقان بالىنىڭ 11 دىن 17 گە كۆپەيگەنلىكى ئېنىقلانغان. يۈ خۇايىڭ ساتقان تۇنجى بالىنىڭ ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ باقمىغان.