يېقىندا خەلق تورى «بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىش قالايمىقانچىلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ قالماسلىقى كېرەك» ماۋزۇلۇق ئوبزور ئېلان قىلدى، ئوبزوردا مۇنداق دېيىلدى:
يېقىندا، بەزى داڭلىق، تەسىرى چوڭ رىياسەتچىلەر تور دۇنياسىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ كىرىزىسقا پېتىپ قالدى، بۇ بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشتىكى دەسلەپكى ئىپتىدائىي دەۋرنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەممە بەس-بەستە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئالدامچىلىقنىڭ چىقىش يولى يوق، سەمىمىيلىك يەنىلا داغدام يول.