شۇ يەر ۋاقتى 11-ئۆكتەبىر، چاۋشيەن تاشقى ئىشلار ۋازارىتى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: كورېيە 3 -،9 -،10 -ئۆكتەبىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن پىيوڭياڭ ھاۋا بوشلۇقىغا كىرىپ، چاۋشيەنگە قارشى سانسىزلىغان تەشۋىقات ۋارىقى تارقاتتى. كورېيە چېگرا رايوندا چاۋشيەنگە قارشى تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىپلا قالماي، يەنە ھەربىي ھۇجۇمغا ئىشلىتىلىدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن چاۋشيەننىڭ پايتەخت ھاۋا بوشلۇقىغا كىردى، بۇ كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سېلىشقا، ئەپۇ قىلىشقا قەتئىي بولمايدىغان زور ئىغۋاگەرچىلىك.