ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ! دەرھال توختىتىڭلار!

文摘   2024-10-20 23:39   新疆  

ھەرگىز قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ! دەرھال توختىتىڭلار!

 10-ئاينىڭ 11-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ قەرەللىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىمىنىڭ بازىسى ۋە قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق قىسىمىدىكى خادىملارنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى توغرىسىدا سوئال سورىدى.

ماۋ نىڭ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىنىڭبىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىمىنىڭ بازىسى ۋە قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلغانلىقى ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىمىدىكى خادىملارنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىغا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىغا قەستەن ھۇجۇم قىلىدىغان ھەرقانداق قىلمىش خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك قانۇنى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 1701-نومۇرلۇق قارارىغا ئېغىر خىلاپ، ئۇنى قەتئىي قوبۇل قىلىشقا بولمايدۇ، جەزمەن دەرھال توختىتىش كېرەك. بىز ۋەقەنى تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار خادىملارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ، قايتا يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلىمىز. توقۇنۇشۇۋاتقان ھەرقايسى تەرەپلەر جەزمەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋاندا تۇرۇشلۇق ۋاقىتلىق قىسىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بارلىق خادىملىرى ۋە مۈلكىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئالاقىدار تەرەپلەرنى، بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنى دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ۋەزىيەتنى پەسەيتىشكە تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ساقلاش خادىملىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، توقۇنۇشنىڭ يەنىمۇ كېڭىيىپ كېتىشى، ھەتتا كونتروللۇقىنى يوقىتىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەنبە: خەلق تورى

 بېكىتكۈچى: مىجىت ئابلا، ئابلىمىت بارى

 مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت



zemran
تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك سۈپەتلىك بىخەتەر خەۋەرلەر كۈندە ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章