دۆلىتمزئۇچقۇچسى ياڭ لىۋىي ئالەمگەچققاندانىمشقاقورال ئىلۋالغان

文摘   2024-11-02 21:45   中国  

سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى


ئەسلى تېمىسى: دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىسى ياڭ لېۋى  ئالەمگە ئۇچقاندا ، نېمىشقا قورال ئېلىۋالغان؟  بۇنىڭ ھەممىسى ئىلگىرىكى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ تەجرىبىسىدىن كەلگەن .

جۇڭگونىڭ تۇنجى بولۇپ ئالەم بوشلۇقىغا چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى ياڭ لىۋىي بولۇپ، 2003ـ يىلى 10ـ ئاينىڭ 15ـ كۈنى ياڭ لىۋىي ئۇزۇن سەپەر 2ـ نومۇرلۇق F راكىتاغا ئولتۇرۇپ توشۇغان خاسىيەتلىك كېمە 5ـ نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى  بىلەن تۇنجى قېتىم ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا يەنە غايەت زور بۆسۈش ھاسىل قىلدى، ياڭ لىۋىيمۇ دۆلەتنىڭ ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىغا غايەت زور تۆھپە قوشتى، شۇڭا پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

ئەينى چاغدا ياڭ لىۋىي  ئالەم بوشلۇققا چىققاندا ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن يېنىدا بىر تاپانچا ئېلىپ يۈرگەنىدى، نۇرغۇن كىشىلەر چۈشەنمەيتتى، ئەجىبا ئالەم بوشلۇقىدا راستىنلا تاشقى پىلانت ئادىمى بارمىدۇ؟بۇ تاپانچىنى نېمىگە ئىشلىتىدۇ؟بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، سوۋېت ئىتتىپاقى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئىنتايىن ئېچىنىشلىق ساۋاققا ئىگە بولغان.


1965-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقارغان، ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ۋەزىپىنى ياخشى تاماملىغان، قايتىپ كەلگەندە  ھاۋا يولى  سانلىق مەلۇماتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن، ئادەمسىز ئورمانلىققا قونغان،  ئالەمگە ئۇچۇش  ئەسلىدىلا ئاسان ئەمەس ئىدى، شۇنداق قىلىپ  دۆلەت بىر ئاۋىئاتسىيە خادىمىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىشنى قارار قىلغان،  شۇنى بېرىش كېرەككى ئاۋىئاتسىيە خادىملىرىنى نەچچە يىللىق تەربىيلەش،  سىناقتىن  ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ.


بۇ ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئادەمسىز ئورمانلىققا كەلگەندە ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن بولۇپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرىنى ساقلاش سەپىرىدە بۇ ئىككى ئالەم ئۇچقۇچىسى ئېيىقنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، بەختكە يارىشا ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ئالەم ئۇچقۇچىسى بىر تاپانچا ئېلىۋالغاچقا، ئېيىقنىڭ ھۇجۇمىدىن قۇتۇلۇپ قالغان، كېيىن سوۋېت ئىتتىپاقى ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى ساۋاق ئالغان، شۇڭا بۇمۇ ياڭ لىۋىينىڭ تاپانچا ئېلىپ يۈرۈشىدىكى تۈپ سەۋەب بولغان.




ئېلىمىزنىڭ تۇنجى بولۇپ ئالەم بوشلۇقىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان ئالەم ئۇچقۇچىسى بولغان ياڭ لىۋىي ئالەم بوشلۇقىدا ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندىمۇ تاپانچا ئېلىپ يۈرەتتى.ئۇنىڭ رولى تاشقى پىلانېت ئادەملىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش بولماستىن، بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرىغا ئوخشاش قايتىپ كەلگەندە كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.


قانداقلا بولمىسۇن  كەلگۈسىدە ئادەمنىڭ بېشىغا قانداق كۈنلەرنىڭ كېلىدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىمىزنىڭ تۇنجى  ئالەم بوشلۇقىغا چىققان  ئۇچقۇچىسى ياڭ لىۋېي  قولىغا قورال ئېلىۋالغان ئىدى . ئۇ بىخەتەر ئالەمگە ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ ، دۆلىتىمىزنىڭ خەلقارادىكى ئورننى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، دۆلىتىمىزگە شان شەرەپ ئېلىپ كەلدى ھەربىر جۇڭگولۇق بۇ ئالەم ئۇچقۇچىسىدىن پەخىرلىنىدۇ . شۇنداقلا  زەمران سالونىمىزدىكى ھەر بىر تورداشمۇ  پەخىرلىنىش ھېسسىياتى بىلەن ، ئېلان چېكىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ  ئەلۋەتتە!


 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹








zemran
تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك سۈپەتلىك بىخەتەر خەۋەرلەر كۈندە ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章