يېقىندا سەھرايى كەبىر قۇملۇقىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئاز كۆرۈلىدىغان يامغۇر ياغدى. بۇنداق قاتتىق يامغۇر نەچچە ئون يىلدىن بۇيان ئاز كۆرۈلگەن بولۇپ، بەزى جايلاردا قۇم بارخانلىرىدىن سۇ چىقىشتەك ئاجايىپ مەنزىرە كۆرۈلدى، بەزى قۇرغاق رايونلاردا ھەتتا كەلكۈن كەلدى.
ماراكەش ھاۋارايى باش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى ھۈسەيىن يۇئابېب مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ بۇيەردە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كۆپ يامغۇر ياغمىغىلى 30~50 يىل بولغان».
ماراكەش ۋە ئالجىرىيەدە قارا يامغۇر ۋە كەلكۈندە 20 نەچچە ئادەم قازا قىلدى.