تارىخچىلار
مەزمۇنلارنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!
ئەمگىكىمىزگە ھۆرمەت قىلىڭ!
تارىخچىلار سالونى تەرجىمىسى
ئازادلىق ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جياڭ جيېشى مەغلۇپ بولۇپ تەيۋەنگە قايتىپ كەتكەن، ئەمما ئەجدادىدىن تارتىپ چوڭ قۇرۇقلۇقتا ياشاپ كەلگەن جياڭ جيېشى ھەر ۋاقىت چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىپ كەلگەن.
تەيۋەندە، جياڭ جيېشى گومىنداڭنىڭ ئىچكى قىسمىنى يىلتىزىدىن تۈزەپ، بىر قىسىم زەھەرلىك ئۆسمىلەرنى يوقاتتى. يېڭى بىر تۈركۈم ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈپ، ئۇلارنى زور كۈچ بىلەن تەربىيەلەشتىكى مەقسەت كۈنلەرنىڭ بىرىدە چوڭ قۇرۇقلۇققا قايتىپ كېلىش ئۈچۈندۇر.ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى جۇڭگو ـ ھىندىستان ئۇرۇشىنى قوزغىدى، ئازادلىق ئارمىيە چىڭخەي ـ شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ھەددىدىن ئاشقان ھىندىستان ھەربىي تەرەپ بىلەن كۈرەش قىلدى.
ھىندىستان تەرەپنىڭ كۆرەڭلىكى سوۋېت ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ قورال تەمىناتىدىن كەلگەن، ئامېرىكىمۇ ھىندىستان تەرەپتە تۇرىدۇ بىراق ھىندىستان ئازادلىق ئارمىيەنىڭ چىڭخەي ـ شىزاڭ ئېگىزلىكىدىن ئۆتۈپ ئۇرۇش قىلىشىغا قارىتا ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن، بۇنداق قىيىنلىق دەرىجىسى بار يەر شەكلى ئازادلىق ئارمىيەگە ناھايىتى پايدىسىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئازادلىق ئارمىيەنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ كەتكەن، شۇڭا كۆپ قېتىم ئامېرىكىدىن ئەقىل كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغان.
ئامېرىكا تەرەپنىڭ گېنېرالى جياڭ جيېشىنى ئىزدەپ تېپىپ، ھازىرقى چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئەسكىرىي كۈچىنى يۆتكەپ ھىندىستانغا ھۇجۇم قىلىشنى مەقسەت قىلغان، گومىنداڭ تەرەپ چوڭ قۇرۇقلۇققا پۈتۈنلەي قايتۇرما ھۇجۇم قىلالايدۇ. جياڭ جيېشى ئويلانمايلا، گومىنداڭ ئارمىيەسى بۇنداق قىلمايدۇ، دېدى. ئۇنداقتا جۇڭگو ـ ھىندىستان ئۇرۇشىدا، جياڭ جيېشى قانداق تاللاش قىلدى؟ دۆلەتكە ئېغىرچىلىق سالمايدۇ، قايتۇرما ھۇجۇمدا ھەقىقەتەن غەلىبە قىلىش ئىمكانىيىتى بار، ئەمما دۆلەت قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا جياڭ جيېشى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغلىشىدۇ. ئۇ ھەرگىز قىلمايدۇ.
جياڭ جيېشىنىڭ بۇ جەھەتتىكى چۈشەنچىسى رەئىس ماۋ زېدۇڭنىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولدى، نېمە ئۈچۈن جۇڭگو ـ ھىندىستان ئۇرۇشىدا رەئىس ماۋ زېدۇڭ تەيۋەنگە قانداق تاقابىل تۇرۇشنى ئويلاشمايدۇ، چۈنكى ئەينى يىللاردا ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە جياڭ جيېشىنىڭ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ھەمكارلىشىپ ياپون باسقۇنچىلىرىغا قارشى تۇرغانلىقى جياڭ جيېشى ئومۇمىيەتنى كۆزلەشنى بىلىدىغان ئادەم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن. رەئىس ماۋ زېدۇڭ جياڭ جيېشىنىڭ ئادىمىيلىكىنى ئوبدان بىلىدۇ، ئۇنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى تېخىمۇ چۈشىنىدۇ.