رۇسىيەلىك 46 ياشلىق ئەر ئوخوتسىك دېڭىزىدا 67 كۈن لەيلەپ يۈرگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك قۇتقۇزۇۋېلىندى. رۇسىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 9-ئاۋغۇست بۇ ئەر ئاكىسى ۋە 15 ياشلىق جىيەنى بىلەن كىت كۆرۈش ئۈچۈن كىچىك پاراخوتقا ئولتۇرۇپ ساخالىن ئارىلىدىن يولغا چىققان، قايتىش سەپىرىدە ئېغىر بوران-چاپقۇنغا ئۇچراپ، دېڭىزدا لەيلەپ يۈرۈشكە مەجبۇر بولغان.
پاراخوتتا پەقەت ئاز مىقداردىكى يېمەكلىك ۋە 20 لىتىر ئىچىملىك سۇ بار بولۇپ، ئۇ مۇشۇلار بىلەن جان ساقلىغان. 14-ئۆكتەبىر بىر بېلىقچىلىق كېمىسى كامچاتكا دېڭىز قىرغىقى ئەتراپىدا ئۇنى بايقىغان، ئۇنىڭ ئاكىسى ۋە جىيەنى بەختكە قارشى قازا قىلغان، بۇ ئەر بايقالغاندا تېنى ئاجىزلاپ، 50 كىلوگىرام ئورۇقلاپ كەتكەن بولۇپ جىددىي دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان.