باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگۈسى يوق، چۈنكى چىقىم بەك كۆپ، ھىندىستاننىڭ ئۆتكۈزگۈسى بار لېكىن ئولمپىك كومىتىتى ئۆتكۈزگىلى قويمايدۇ، بۇ قانداق ئىش.
بارلىق جۇڭگولۇقلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 2008ـ يىلىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەڭگۈلۈك ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمە بولۇشى مومكىن. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق جۇڭگو دۇنياغا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىنى نامايان قىلدى، دۇنيامۇ بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارقىلىق زامانىۋىلاشقان جۇڭگونى تونۇپ يەتتى.بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تارىختىن بۇيان ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرگەچكە، مەيلى كۆلەم جەھەتتىن بولسۇن ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن، بۇنىڭدىن كېيىن مەيلى قايسى نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى بولسۇن، ھەممىسى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ رېكورتىدىن ئېشىپ كېتەلمەيدۇ.چۈنكى سۈپەت ۋە مەبلەغ جەھەتتە ھازىرقى خەلقئارا جەمىيەتتە بۇ خىل رېكورتنى بۇزالايدىغان دۆلەت يوق.
ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى مەنپىي پايدا ئېلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى، ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش كۆپ ساندىكى دۆلەت ۋە شەھەرلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، نۇرغۇن كۈچ چىقىرىپ ھېچقانداق پايدا ئالالمايدىغان ئىش بوپ قالدى، مۇناسىپ پايدىغا ئېرىشىشكە ئەسلا ئامال يوق، ئەكسىچە يەنە ئۆزى پۇل چىقىرىشقا توغرا كېلىدۇ.شۇڭا ھازىر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىدىغان شەھەرلەر بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى ئىلگىرى جۇڭگونىڭ يەنە بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشقا نۇرغۇن قېتىم يوشۇرۇن بېشارەت بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن 2008ـ يىلى بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مىراسى تېخى پاكىز ھەزىم قىلىنمىدى، جۇڭگو ۋاقتىنچە يەنە بىر نۆۋەتلىك يېڭى ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا ئېھتىياجلىق ئەمەس.بىراق جۇڭگونىڭ قار ـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،جۇڭگو قىشلىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشنى تاللىدى.
ھازىر نۇرغۇن دۆلەتلەر ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىشنى خالىمايدۇ، لېكىن ھىندىستان ئوخشىمايدۇ.ھىندىستان جۇڭگونىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ دۇنياغا يېڭى بىر جۇڭگونى كۆرسەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، شۇنىڭ بىلەن ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلىماقچى بولدى. ھەقىقەتەن، ھىندىستاننىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ھىندىستان بىر سۇپا ئارقىلىق ئۆزىنى ئىسپاتلاشقا، دۇنياغا ئۆزىنى نامايان قىلىشقا موھتاج.
ت. 2015ـ يىلىلا ھىندىستان 2024ـ يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى ئىلتىماس قىلغان، بىراق خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى رەت قىلغان. ئىلگىرى بەزى خەۋەرلەردە ھىندىستان يەنە بىر قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن 2032ـ يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، ئوخشاشلا خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ رەت قىلىشغا ئۇچرىغان. خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتى نېمە ئۈچۈن ھىندىستاننىڭ ئىلتىماسىنى كۆپ قېتىم رەت قىلىدۇ؟
بىر قانچە جەھەتتىن قارىغاندا: ئالدى بىلەن، ھىندىستان تەنتەربىيە جەھەتتە ئانچە كۆزگە كۆرۈنمەيدۇ. ئولىمپىكنىڭ ساھىبخانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەنتەربىيە نەتىجىسىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى دېمەي تۇرايلى، لېكىن ھېچ بولمىغاندا بەك ئاجىز بولۇپ قالسا بولمايدۇ. لېكىن ھەر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى، ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ۋە ئەنگلىيە فېدېراتسىيە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەمدە باشقا چوڭ تىپتىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدىن قارىغاندا، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنتەربىيە ھەرىكىتىدە ھىندىستان تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ سىماسىنى كۆرۈش ناھايىتى تەس، ئېرىشكەن ئالتۇن مىدال سانىمۇ ناھايىتى ئاز.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغىمۇ ئىشىك بېلىتى سېتىلىدۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ تەنتەربىيە كەيپىياتى ئانچە قويۇق ئەمەس، بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتكۈزەلىگەن تەقدىردىمۇ، يەنە ھىندىستان دۆلەت ئىچىدە قانچىلىك ئىنكاس قوزغىيالايدۇ؟ يەنە قانچىلىك كىرىش بېلىتى ساتقىلى بولىدۇ؟
خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھىندىستاننى رەت قىلىشىدىكى بىر ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ھىندىستان تەنتەربىيە ھەرىكىتىنىڭ ھازىرقى تەرەققىيات سەۋىيەسى بەك تۆۋەن، ئۇلار ھىندىستاننىڭ ھازىرقى ئاساسلىق ۋەزىپىسى تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەلىك تەنھەرىكەتچىلەرنى يېتىشتۈرۈش دەپ قارايدۇ.
ئىككىنچىدىن، بىر نۆۋەتلىك ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش كۆپ ساندىكى رايونلار ياكى دۆلەتلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، نۇرغۇن بايلىقنى ئىشلىتىشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ بۇ شەھەر رايونىدىكى دۆلەتلەردىن كۈچلۈك بايلىق تەقسىملەش ئىقتىدارى ۋە قۇرۇلۇش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. ناھايىتى ئەپسۇس ھىندىستانمۇ بۇ جەھەتتە قالتىس ئەمەس، 2010ـ يىلى ھىندىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى 2003ـ يىلى ھېندىستان يېڭى دېھلىدا 2010ـ يىللىق تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، لېكىن 2007ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئاندىن بىر قىسىم مۇسابىقە ئەسلىھەلەرنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان؛ 2007-يىلىدىن بۇرۇن ھەتتا ئۆزىنىڭ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا ھېچ ئىشتىن غەم يىمەي يۈرگەن.
ئەمىلىيەتتە بىر نۆۋەتلىك خەلقئارالىق تەنھەركەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ئۈچ بەش يىلدىن ئون يىلغىچە ئالدىن تەييارلىق قىلمىسا مۇسابىقىنى مۇۋاپىقىيەتلىك تاماملىغىلى بولمايدۇ، دۆلىتىمىزمۇ 2008-يىللىق بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە 2001-يىلىدىن باشلاپ ساق يەتتە يىل تەييارلىق قىلغان، لېكىن ھېندىستان ئۆتكۈزگىنى گەرچە كىچىك كۆلەمدىكى خەلقئارالىق مۇسابىقە بولسىمۇ ئىلتىماس تەستىقلىنىپ تۆت يىلغىچە مىدىراپمۇ قويمىغان. ھېندىستان تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى تەشكىلىي كومىتېتى 2009ـ يىلى 12ـ ئاينىڭ 31ـ كۈنىدىن بۇرۇن بىر قاتار ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تاماملاشقا ۋەدە بەرگەن بولسىمۇ، ھەتتا مۇسابىقە باشلانغان كۈنىمۇ ئۇلار تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشىنى تاماملىيالمىدى؛
ت. 56 دۆلەتتىن كەلگەن تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى دېھلىغا كەلگەنگە قەدەر، تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقە مەزگىلىدە ئارام ئالىدىغان ئولىمپىك كەنتى يەنىلا بىر پارچە ئەخلەت بىلەن توشۇپ كەتكەن، نامراتلار رايونىدىكى تاشلاندۇق يەر پېتى بويىنچە بولۇپ ھېندىستان ئەسلىدىكى پىلانلىغان ئارام ئېلىش رايۇنىنى ئۆزگەرتىشنى ئۇنتۇپ قالغانمۇ ياكى مەبلەغ يېتىشمىدىمۇ ۋە ياكى قەستەن قىلدىمۇ ئۇلار تەنھەركەتچىلەر ئارام ئالىدىغان ھېچقانداق بىر ئارام رايۇنى تەسسىس قىلمىغان. مۇشۇ سەۋەبتىن ھەتتا شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى نۇرغۇن تەنھەرىكەتچىلەر مۇسابىقىدىن چېكىنىشنى تاللىدى. شۇڭا چوڭ تىپتىكى مۇسابىقە تەشكىللەش جەھەتتە، ھىندىستان يەنە تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە توپلىشى كېرەك.
ئۈچىنچىدىن، ھىندىستاننىڭ ناچار ئىجتىمائىي ئەھۋالى ۋە مۇھىت ئەھۋالى ناھايتى ئېغىر،
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھىندىستاندا خەلقارا خەۋەرلەردە كۆرۈلگەن سەلبىي خەۋەرلەر بەك كۆپ بولدى، بولۇپمۇ كەينى ـ كەينىدىن يۈز بەرگەن ھەر خىل باسقۇنچىلىق ۋەقەلىرى قايتا ـ قايتا چەكلىسىمۇ تۈگىمىدى، يەنە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغىنى ھىندىستاننىڭ ناچار مۇھىت ئەھۋالى، تۇمان ھاۋا رايى، ئەخلەت، مەينەتچىلىك، قالايمىقانچىلىق قاتارلىقلار بولۇپ، بۇلار ھەتتا جۇڭگونىڭ ئالدىنقى ئەسىردىكى نامىرات غەرىبى رايۇننىڭ مۇھىتىدىنمۇ ناچار .
ئەگەر بۇنداق شارائىتتا ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە ئىلتىماس قىلىشنىڭ ھەممىسى تەستىقلانسا، ئۇ دەل خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ مەسۇلىيىتى. قانداقلا بولمىسۇن خەلقارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ۋەزىپىسى بولسا ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ئارقا ـ ئارقىدىن ئېسىل ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ماھارىتىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشنى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر.