تارىختىكى ئالدىنقى ئالتە كۈچلۈك ھەربىي گۇرۇھ

文摘   2024-10-22 21:19   新疆  


سايباغ سالۇنى تەرجىمىسى




دۆلەتلەر ئارا ئىتتىپاق قەدىمدىن تارتىپ بار بولۇپ، كۆپىنچە ھەربىي ئىشلارنى ئاساس قىلىپ، باشقا تەرەپلەرگە تەڭ ئېتىبار بەرگەن. مەسىلەن، ئالدىنقى قەدىمكى دەۋردىكى خۇئاڭدى بىلەن يەندىنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشى، ئەمىنىيە دەۋرىدىكى بىرلىشىشى قاتارلىقلار. بۇ ماقالىدە ئاساسلىقى يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخىدىكى بىر قىسىم مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىتتىپاقداشلار كۆرسىتىلگەن. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، مەڭگۈلۈك ئىتتىپاقداشلىق يوق دېيەرلىك، ئىككى دۆلەت ئۆتكەن ئايدا ئىتتىپاقداشلىق بولۇپ مۇشۇ ئايدىلا دۈشمەنگە ئايلىنىپ قېلىشى، ھەممىنى مەنپەئەت بەلگىلىشى مۇمكىن. ئىتتىپاق مەزگىلىدە، ئىتتىپاق ئىچىدىكى ھەر قايسى ئەزالار نەپ ئالسىلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئىتتىپاق ھېسابلىنىدۇ.

6. ئەنگلىيە ـ پرۇسسىيە ئىتتىپاقى

1756ـ يىلىدىن 1763ـ يىلىغىچە بولغان يەتتە يىللىق ئۇرۇش مەزگىلىدە، ئەنگلىيە پىرۇسىيە بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەر يەنە بىر لاگېر بولۇپ بىرلەشكەن. ئەنگلىيە ئاساسلىقى شىمالىي ئامېرىكا قىتەسىدە فىرانسىيە بىلەن ئۇرۇش قىلىپ، ئاخىرىدا ئەنگلىيەگە قاراشلىق شىمالىي ئامېرىكا مۇستەملىكىسى ( ئامېرىكىنىڭ ئاساسى ) بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيەنى ئۈزۈل ـ كېسىل مەغلۇپ قىلىپ، فىرانسىيەنى شىمالىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇرلىغان. ئەنگىلىيە غەلىبە قىلدى. پىرۇسىيە بولسا ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا فىرانسىيە، ئاۋسترىيە، رۇسىيە قاتارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەر بىلەن ئۇرۇش قىلدى، ئەنگلىيە پەقەت مالىيە جەھەتتىن قوللىدى، ئاخىرىدا رۇسىيە ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىقىپ پىرۇسىيەنىڭ غەلىبە قىلىشىغا سەۋەب بولدى. پرۇسسىيىنىڭ باش كۆتۈرۈشى ياۋروپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولدى.

5. فرانسىيەگە قارشى ئىتتىپاق

فرانسىيە بۈيۈك ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، ياۋروپادىكى ھەر قايسى پادىشاھلىق دۆلەتلەرگە غايەت زور تەھدىت پەيدا قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئەنگلىيە باش بولۇپ، ئەنگلىيە، پرۇسسىيە، رۇسىيە، ئاۋسترىيە قاتارلىق دۆلەتلەر فرانسىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ، جەمىي يەتتە قېتىم فرانسىيەگە قارشى ئىتتىپاق ئۇرۇشى قىلىپ، ئاخىر فرانسىيەنى ئۈزۈل ـ كېسىل مەغلۇپ قىلىپ، ناپالېئوننى ساينت ھېلېنا ئارىلىغا سۈرگۈن قىلغان. فىرانسىيەگە قارشى ئىتتىپاق مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، ئەنگلىيە ئەڭ چوڭ مەنپەئەتكە ئېرىشكۈچىگە ئايلىنىپ، ياۋروپادىكى بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەتلىك ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.

4. ئەنگلىيە ـ فىرانسىيە ئىتتىپاقى.

ت 1853ـ يىلى روسىيىنىڭ قارا دېڭىز رايونىدىكى كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەش ئۈچن، ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئوسمان تۈركلىرى بىلەن ئىتتىپاق تۈزدىروسىيە بىلەن قارا دېڭىز رايونىدا بىر مەيدان قىرىم ئۇرۇشى قىلدى. ئۇرۇش ئۈچ يىل ئېلىپ بېرىلىپ، ئاخىرىدا روسىيە ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى. رۇسىيەنىڭ جەنۇبقا قاراپ كېڭىيىش قەدىمى توسۇلدى.

3. ئەنگلىيە ـ ياپونىيە ئىتتىپاقى

ت 1894 ـ 1895ـ يىللىرىدىكى جياۋۇ ئۇرۇشىدا ياپونىيە بۈيۈك چىڭ سۇلالىسىنى يېڭىپ، شەرقىي ئاسىيادىكى بىرىنچى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى. ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە ئىككى تەرەپكە دو تىكتى، ئۇرۇشنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىلىدە، ئەنگلىيە ياپونىيەنى قوللاشقا تېخىمۇ مايىل بولدى. دەل ياپونىيەنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى كۆرۈپ يەتكەچكە، ئەنگلىيە ياپونىيەنى قوللاش ئارقىلىق رۇسىيەنىڭ شەرقىي شىمالىي ئاسىيا رايونىدىكى كېڭەيمىچىلىكىنى چەكلەشنى قارار قىلدى. 1902ـ يىلى ئەنگلىيە ياپونىيە بىلەن ئىتتىپاقداشلىق شەرتنامىسى ئىمزالاپ، رەسمىي ئىتتىپاق تۈزدى. 1904ـ يىلىدىن 1905ـ يىلىغىچە بولغان ياپونىيە ـ رۇسىيە ئۇرۇشىدا، ياپونىيە ئەنگلىيەنىڭ قوللىشى بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلغان ھەمدە رۇسىيەنى مەغلۇپ قىلغان. ياپونىيەنىڭ خەلقارادىكى ئورنى تېخىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، ئەنگلىيە بولسا رۇسىيەنىڭ يىراق شەرقتىكى كېڭەيمىچىلىكىنى توسۇپ قالدى. 1922ـ يىلى ئەنگلىيە ـ ياپونىيە ئىتتىپاقى ئاخىرلاشقان.

2. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى ئانتانتا دۆلەتلەر گۇرۇھى.

1. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى فاشىزمغا قارشى ئىتتىپاق.

ئامېرىكا، سوۋېت ئىتتىپاقى، جۇڭگو، ئەنگلىيە قاتارلىقلار ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئاخىرىدا گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە ئوق مەركىزى دۆلەتلەر گۇرۇھىنى مەغلۇپ قىلدى.



 ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹









zemran
تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ئىشەنچىلىك سۈپەتلىك بىخەتەر خەۋەرلەر كۈندە ھوزۇرىڭىزدا بولىدۇ
 最新文章