ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيەنى كۈچەپ كۆرسەتتى، ئەمما ئىچكى قىسىمدىن يەنە بىر شۇم خەۋەر كەلدى، ئىككى چوڭ ئىش ئوخشاش بىر كۈندە يۈز بەردى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئەجەللىك ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلىدى، رۇسىيە ئۇرۇش قىلمايلا غەلىبە قىلالىشى مۇمكىن؟ ھەممىمىزگە ئايان ئۈچ يىل داۋاملاشقان رۇسىيە - ئۇكرائىنا توقۇنۇشى ھازىر پۈتۈنلەي غەرب دۇنياسى بىلەن رۇسىيەنىڭ كۈچ سىنىشىشىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ ئۈستىگە «شاھمات ئۇرۇقى» بولغان ئۇكرائىنا گەرچە غەربنىڭ ئۈزۈلمەس ھەربىي ياردىمىگە تايىنىپ ئالدىنقى سەپتە قاتتىق تۇرۇۋالغان بولسىمۇ، لېكىن ھېچقانداق ئۈنۈملۈك نەتىجىگە ئېرىشەلمىدى. بۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىمۇ ئولتۇرالماي قالدى، كۈچ چىقىرىپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. شىنخۇئا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «قەتئىي ئۇچار خەنجەر - 2025» ناملىق مانېۋىرى يېقىندا رۇمىنىيەدە باشلانغان بولۇپ،
بۇ مەزگىلدە يېڭى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمى مانېۋىر قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئاخبارات باشقارمىسى، بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ياۋروپا ئىتتىپاقداش ئارمىيەسى ئالىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ پىلانى بويىچە، بىرلەشمە مانېۋىر ئارقىلىق ئىتتىپاقداش ئارمىيەنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمىنىڭ «شەرقىي ياۋروپادىكى نەچچە مىڭ كىلومېتىر دائىرىدىكى ھەر قانداق ئەھۋالدا مۇرەككەپ ھەرىكەتنى تاماملاش ئىقتىدارى» بارلىقىنى نامايان قىلغانلىق، دېدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا توققۇز دۆلەتتىن كەلگەن تەخمىنەن 10 مىڭ ھەربىي قاتناشقان بولۇپ،17 دېڭىز ئارمىيە پاراخوتى،20 دىن ئارتۇق ئايروپىلان ۋە 1500 دىن ئارتۇق ھەربىي قورال - جابدۇق ئىشلىتىلگەن. كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقىدىن باشقا، يەنە بىر نۇقتىغا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك، ئۇ بولسىمۇ بۇ قېتىمقى مانېۋىردا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ يېڭى تېز ئىنكاس قايتۇرۇش قىسمى ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ. بۇ بۇ قىسىمنىڭ بۇلتۇر 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق مانۋېرى. مانېۋىر كۆرۈنۈشىدە بولسا «كۈچى تەڭ كېلىدىغان رەقىب بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش» ئەھۋالى تەقلىد قىلىنغان.
بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىزكى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نىشانى ناھايىتى روشەن. قانداقلا بولمىسۇن بۈگۈنكى دۇنيادا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى تەرىپىدىن «كۈچى تەڭ كېلىدىغان رەقىب» دەپ قارالغان ھەمدە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن قارشىلىشىش ھالىتىدە تۇرۇۋاتقان رەقىبلەردىن پەقەت رۇسىيەلا بار. ئەمەلىيەتتە، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ پىرىنسىپى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا رۇسىيەنى چەكلەش ئۈچۈندۇر، ئالدىدا بىز ئۇكرائىنا ئالدىنقى سەپتە جەڭ نەتىجىسىگە ئېرىشەلمىگەنىكەن، ئۇنداقتا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئۆزى ئوتتۇرىغا چىققاندىلا ئاندىن رۇسىيەنى چەكلەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ، دەپ تىلغا ئالدۇق. شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئېيتقاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى دەل رۇسىيەگە قارىتىلغان، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىچكى قىسىمدىن يەنە بىر شۇم خەۋەر كەلدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ «ئۇچار خەنجەر - 2025» ناملىق مانېۋىرى باشلانغان كۈنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى رۇتتېمۇ ئەزا دۆلەتلەرنى «قورقۇتۇش» سالمىقىنى زورايتتى. ئۇ تىرامپنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ھەربىي خىراجەت چىقىمىنى كۆپەيتىشكە دەۋەت قىلىش تېمىسى بويىچە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ، يا ھەربىي خىراجەت چىقىمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇش، يا ھازىردىن باشلاپ رۇس تىلى ئۆگىنىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
بۇ گەپ ناھايىتى بىۋاسىتە ئېيتىلغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى ئۇلتىماتۇم تاپشۇرغانغا باراۋەر ئىدى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نەزىرىدە، رۇسىيە ئالدىدا پەقەت بىرلا تاللاش بار، ئۇ بولسىمۇ جان تىكىپ ئېلىشىش، بولمىسا رۇسىيەنىڭ «تاجاۋۇزچىلىقى» غا ئۇچراشنى كۈتۈپ تۇرۇش، رۇس تىلى ئۆگىنىش «مۇستەملىكە قىلىنىش» بىلەن باراۋەر. بۇ بەلكىم ئاشۇ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئۆزىگە خاس لوگىكىسى بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا ئۇلار رۇسىيەنىڭ نېمە دېگەنلىكىنى زادىلا ئاڭلىمايدۇ، پۇتىن بۇنىڭدىن ئىلگىرى رۇسىيەنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇرۇش قوزغىمايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىشنى خالىمايدۇ. بىراق ئۆز گېپىمىزگە كەلسەك، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى رۇسىيە بىلەن جاھىللىق بىلەن قارشىلاشقانىكەن ھەمدە تىغ ئۇچىنى رۇسىيەگە قاراتتى.
لېكىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى ئاشكارىلاندى، ئۇ بولسىمۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا خېلى چوڭ مەسىلە ۋە ئىختىلاپ مەۋجۇت. تىرامپ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردىن دۆلەت مۇداپىئە چىقىمى نىسبىتىنى %5 كە ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغانغا ئوخشاش، بۇ سان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتىكى نىشانىدىن بىر ھەسسىدىن كۆپرەك يۇقىرى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر خامچوتنى قىسىش مەسىلىسىگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ دېمەيلا قويايلى، ھەربىي خىراجەتنى كۆپەيتىش ھەقىقەتەن ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق، ئامېرىكىمۇ تىرامپ تەلەپ قىلغاندەك قىلالمايدۇ. شۇڭا، رۇت «يا پۇل قوشۇپ بېرىش، يا رۇس تىلى ئۆگىنىش» نى ئاگاھلاندۇردى، ئەمەلىيەتتە بۇ چەمبەر چىڭىتىش ئەپسۇنىنى ئوقۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى تاللاشقا مەجبۇر قىلدى.