ئۇكرائىنا ئارمىيسى غالجىرلاشتى!قۇرقۇنۇچلۇق قۇراللارنى ئشلىتىپ ئى

文摘   2025-01-14 22:00   新疆  

ئۈندىدار سالۇنى تەرجىمىسى

 


رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش خۇددى بىر مەيدان ئۇزۇن قىشتىكى سوغۇق كېچىگە ئوخشاش ئىككى يىلغا يېقىن داۋاملاشقان بولسىمۇ، لېكىن باشتىن - ئاخىر تاڭ نۇرىنى كۆرەلمىدى. ئۇرۇش ئوتىدا ئاياغ ئاستى قىلىنغان بۇ زېمىندا ئاليۇمىنلىق ئىسسىقلىق رېئاكتورلۇق كۆيدۈرگۈچ بومبا دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل يېڭى تىپتىكى قورال ئۆزىنىڭ قورقۇنچلۇق كۆيۈش ئىقتىدارى ۋە 2000 سېلسىيە گىرادۇسلۇق يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى بىلەن جامائەتچىلىكنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى. ئۇ پولات - تۆمۈرنى ئېرىتىپ سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرۇپلا قالماي، مۇستەھكەم ئاكوپنى كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە ئوت دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇپ، ھاياتلىقنى ئۈمىدسىزلىك ئىچىدە يوقىتىدۇ.

ئەسلىدە سانائەت ساھەسىدە ئىشلىتىلىدىغان بۇ خىل «يۇقىرى پەن ـ تېخنىكا» بۈگۈنكى كۈندە جەڭ مەيدانىدا ھاياتلىق يىغىدىغان ئۆتكۈر قورالغا ئايلاندى. ئۇكرائىنا كىچىك تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىن پايدىلىنىپ، بۇ كۆيدۈرگۈچ بومبىلارنى نىشانغا دەل تەگكۈزدى، ھەر قېتىم نىشانغا تەگكۈزۈش ھاياتلىق ۋە ئەخلاقنى قوش قىيناپ سوراق قىلغانلىق. پولات - تۆمۈرنىڭ ئېرىشى، ئاكوپنىڭ كۆيۈپ كېتىشى سانسىزلىغان ئائىلىلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى ۋە چەكسىز ھەسرەت - نادامەت بىلەن تولغان. خەلقئارا جەمئىيەت كۆيدۈرۈش قوراللىرىنىڭ ئىشلىتىلىشىگە قارىتا، بۇرۇنلا ئېنىق بەلگىلىمە چىقىرىپ، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئۈچۈن پۇقرالار رايونىدا ئىشلىتىشنى چەكلىگەن. ھالبۇكى، ئۇرۇشنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى ئاستىدا، بۇ بەلگىلىمىلەر خۇنۈك يېزىققا ئايلىنىپ، تراگېدىيەنىڭ يۈز بېرىشىنى توسۇپ قالالمىدى. ئۇرۇشنىڭ رەھىمسىزلىكى بارلىق ئەخلاق ۋە قانۇنلارنى ئاجىز ۋە كۈچسىز قىلىپ قويدى. بۇ توقۇنۇشتا،

ئامېرىكىنىڭ رولى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ بىر تەرەپتىن ئۇكرائىنانى قوللايدىغانلىقىنى داۋراڭ سالسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر قىزىل سىزىق سىزىپ چىقتى، يەنى ئامېرىكىدا ياسالغان قوراللارنى ئىشلىتىپ رۇسىيە زېمىنىغا ھۇجۇم قىلىشقا بولمايدۇ. بۇ قىزىل سىزىقنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ھەم شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ توقۇنۇشقا بىۋاسىتە ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىنىش، ھەم ئۇرۇشنىڭ يەنىمۇ كۈچىيىشىنى توسۇش ئۈچۈندۇر. ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ تىركىشىشىگە ئەگىشىپ، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى سادالاردا ئىختىلاپ پەيدا بولۇشقا باشلىدى، مۇئاۋىن پىرېزىدېنتنىڭ قاتتىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشى، ئۇكرائىنانى قوللاشنىڭ تېخىمۇ كەڭ بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىۋاتقاندەك قىلاتتى، بۇ ئىختىيارسىز كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ، ئامېرىكىنىڭ «تۆۋەن چېكى» زادى قەيەردە؟ ئامېرىكىنىڭ چوڭ سۆزلىرىگە سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئىنكاسى ئادەتتىن تاشقىرى سوغۇققان ۋە جىمغۇر كۆرۈنەتتى. ئۇلار ئۇكرائىنانىڭ ئاليۇمىنلىق كۆيدۈرگۈچ بومبا ئىشلىتىشىگە ئاشكارا قارشى تۇرمىدى ھەم قوللايدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرمىدى. بۇ خىل «تامغا مىنىش» پوزىتسىيەسىنىڭ ئارقىسىدا ياۋروپانىڭ ئۇرۇشنىڭ كۈچىيىشىدىن قورقۇشى ۋە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە بولغان ئەندىشىسى بار.

قانداقلا بولمىسۇن، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئوتى ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا پەقەت بىر قەدەملا قالدى.

بۇ توقۇنۇشتا، مەيلى رۇسىيە تەرەپ بولسۇن ياكى ئۇكرائىنا تەرەپ بولسۇن، ھەممىسى كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قوراللارنى ئىشلىتىپ، بىر - بىرىگە غايەت زور زىيان يەتكۈزدى. بۇ قوراللارنىڭ ئىشلىتىلىشى ئۇرۇش قانۇنى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك پىرىنسىپىغا خىلاپلىق قىلىپلا قالماي، خەلقئارا قانۇننىڭ ئىززەت - ھۆرمىتى ۋە نوپۇزىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن خىرىسقا ئۇچراتتى. ئۇرۇش ئەسلىدە تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ۋاسىتىسى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە ئەخلاق ۋە ئىنسان تەبىئىتىنى دەپسەندە قىلىدىغان قورالغا ئايلاندى. بىز بۇ توقۇنۇشقا نەزەر سالغىنىمىزدا، ئۇرۇشنىڭ ئەزەلدىن بىر مەيدان پاكىز ئويۇن ئەمەسلىكىنى بايقىيالايمىز. ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى پەقەت چەكسىز ئازاب ۋە ھەسرەت. ھالبۇكى، بىز قىرغۇچى قوراللارنىڭ جەڭ مەيدانىغا ئېلىپ كېلىنگەن رېئاللىققا يۈزلەنگەندە، ئىنسانلارنىڭ تۆۋەن چېكى قەيەردە؟دېگەن مەسىلىنى تېخىمۇ ئويلىنىشىمىز كېرەك.

Uy健身平台
。。。。。。。
 最新文章