بەزى مېۋىلەرنى پىشۇرۇپ يېسە ئوزۇقلۇقى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ

文摘   2024-08-19 12:30   新疆  




















مېۋىنى پىشۇرۇپ يېسە خام يېگەندىن ياخشى بولامدۇ؟ 

قىش پەسلىدە زىيادە سوغۇق مېۋىلەر ئاسانلا ئاشقازان-ئۈچەينى بىئارام قىلىدۇ، ئەگەر پىشۇرۇلسا، ئاشقازاننىڭ بىئارام بولۇش تۇيغۇسىنى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، ھەتتا ئوزۇقلۇق دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

 جۇڭگو يېزا ئىگىلىك داشۆسى يېمەكلىك ئىلمى ۋە ئوزۇقلۇق قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ دوتسېنتى جۇ يى مۇنداق دېدى : مېۋىنى پىشۇرۇش β كاروتېننىڭ سۈمۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، مانگو، ئاناناس قاتارلىق قىزغۇچ سېرىق رەڭلىك مېۋىلەرنى چايناش بىلەنلا β كاروتېننى قويۇپ بەرگىلى بولمايدۇ، ئەگەر ئۇنى قىزدۇرسا مېۋە توقۇلمىلىرى تولۇق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ، بەدەنگە قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن ۋىتامىن A غا ئۆزگىرىدۇ، بۇ چارچاشنى پەسەيتىپلا قالماي، كۆزنى ئاسراشقىمۇ پايدىلىق.























ئەگەر سىز تال ۋە ئاشقازىنى ئاجىزلارغا تەۋە بولسىڭىز، مېۋىنى قىزدۇرسىڭىز سوغۇق مېۋە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشقازان-ئۈچەي مەسىلىسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، قىزدۇرۇلغان مېۋىلەرنىڭ تەمى بىۋاسىتە يېگەنگە قارىغاندا تېخىمۇ ياخشى بولۇپ، ئىشتىھا ئېچىش ئۈنۈمىگە يەتكىلى بولىدۇ، بۇ چىشلىرى ياخشى بولمىغان كىشىلەرگە نىسبەتەنمۇ ياخشى تاللاش ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، كىشىلەر مېۋىنى ئىسسىتقاندىن كېيىن ئوزۇقلۇقنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن، سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇنداق قىلغاندا پەقەت ئاز مىقداردا ۋىتامىن C ئېقىپ كېتىدىكەن، بۇ %10 تىن %25 كىچە بولىدىكەن، بۇنى ۋىتامىن C مول بولغان يېسىۋىلەك، سەرەبىل، نېلۇپەر قاتارلىق كۆكتاتلار ئارقىلىق تولۇقلىسا بولىدىكەن.

مېۋە پىشۇرۇشنى سىناپ باقماقچى بولغان دوستلار كۆرۈپ باقسا بولىدۇ، بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ مېۋە يېلىمى مىقدارى يۇقىرى بولۇپ، كۆپ مىقداردا ئىستېمال قىلىشقا بولمايدۇ.





















1. ئالقات، نەشپۈت سۈيى: كۆز ئاسراش، ئۆپكىنى سىلىقلاش

نەشپۈتنىڭ پوستىنى ئاقلاپ، ئۇرۇقىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن توغراپ، ئالقات بىلەن بىللە سۇدا قاينىتىپ، ئالقات پوستى پۈتۈنلەي يېيىلىپ، نەشپۈت پىشقاندا ئېلىپ ئىستېمال قىلىشقا بولىدۇ.

2. دولانا ئالما دۈملىمىسى: ئىشتىھانى ئېچىپ، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ.

1-2 تال دولانا ۋە بىر تال ئالمىنىڭ پوستىنى ۋە مېغىزىنى ئېلىۋەتكەندىن كېيىن قاچىغا سېلىپ، قازاندا دۈملەپ پىشۇرۇشقا بولىدۇ.


دوستلىرىڭىزغا ۋە چەمبىرىكىڭىزگە ھەمبەھىرلەپ قۇيۇڭ ، ھەممەيلەن بىرلىكتە ساغلام بولايلى 


康士健健康咨询服务中心
健康中国,我们在行动。全民健康,共享幸福。ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىگە ئاتلاندۇق، ئومۇمىي خەلق ساغلام بولۇپ، بەختتىن ئورتاق بەھرىمەن بولايلى
 最新文章