يۈرەك يېشىڭىزنى ئۆلچەپ ، بالدۇر قېرىش خەۋپى بار - يوقلۇقىغا قار

文摘   2024-07-24 10:30   新疆  

بۇ ئامىللار يۈرەكنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

 يۈرەك يېشىڭىزنى ئۆلچەپ ، بالدۇر قېرىش خەۋپى بار - يوقلۇقىغا قاراپ 

بېقىڭ




ئېلان سۆزىدە «30 ياشلىق ئادەمنىڭ 80 ياشلىق يۈرىكى» دەپ مۇبالىغە قىلىنغان، ئالدىراش شەھەر تۇرمۇشىدا بۇ گەپنىڭ داۋلىسى يوق ئەمەس، خىزمەت بېسىمى، ئائىلىدىكى ئۇششاق ـ چۈششەك ئىشلار، دەم ئېلىش قالايمىقانلىشىش، ئۇيقۇ يېتەرلىك بولماسلىق ...... بۇلارنىڭ ھەممىسى يۈرەك سوقۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدىغان پۇتلىكاشاڭ بولۇپ، يۈرىكىمىز «غاراس-غاراس» قىلىپ، يۈرىكىمىزنىڭ «قارشىلىق» قىلىۋاتقان ياكى يۈرەك كېسىلى قوزغىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغانلىقىدىن ئەنسىرەيمىز. بىزنىڭ يۈرەك ساغلاملىقىغا تېخىمۇ ياخشى كۆڭۈل بۆلۈشىمىز ئۈچۈن ،ئەنگلىيە دۆلەتلىك داۋالاش مۇلازىمەت سىستېمىسى ( NHS ،National Health Service ) بىلەن ئەنگلىيە يۈرەك فوندى جەمىيىتى بىرلىكتە يۈرەك يېشىنى ئۆلچەش ئەسۋابىنى ياساپ چىقتى. ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» ( Daily Mail ) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ،تورغا چىقىرىلغاندىن بۇيان 1 مىليون 900 مىڭ ئادەم توردا تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ،30 ياشقا توشقان تەكشۈرۈش ئوبيېكتى ئىچىدە ،78 %ئادەمنىڭ يۈرەك يېشى ئەمەلىي يېشىدىن چوڭ بولۇپ ،«بالدۇر قېرىش» ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن.







سانلىق مەلۇمات %89 ئەرلەرنىڭ يۈرىكى ساغلام ئەمەس

بۇ ھەقسىز قورال ئارقىلىق يۈرەكنىڭ يېشىنى مۆلچەرلىگىلى بولىدۇ، ئاساسلىقى 30 ياشتىن ئاشقان، تېخى يۈرەك مەسىلىسى دەپ دىئاگنوز قويۇلمىغان كىشىلەر توپىغا قارىتىلغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، يۈرەك يېشى يۈرەكنىڭ ساغلاملىق ئەھۋالىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان ئاتالغۇ بولۇپ، كىشىلەرنىڭ يۈرەكنى ئاسراش دەرىجىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى ۋە ئومۇمىي ساغلاملىق ئەھۋالىنىڭ پەرقى تۈپەيلىدىن، يۈرەك يېشى بىلەن ئادەمنىڭ ئەمەلىي يېشى پۈتۈنلەي بىردەك ئەمەس ئىكەن. تورغا چىقىرىلغان ئۈچ يىلدىن بۇيان،1 مىليون 900 مىڭ ئادەمگە چېتىلىدىغان توردا تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە،30 ياشقا توشقان تەكشۈرۈش ئوبيېكتلىرى ئىچىدە،78 %ئادەمنىڭ يۈرەك يېشى ئەمەلىي يېشىدىن چوڭ بولۇپ، «بالدۇر قېرىش» ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرغان. بۇنىڭ ئىچىدە %34 ئادەمنىڭ يۈرەك يېشى ئەمەلىي يېشىدىن بەش ياش چوڭ، %14 ئادەمنىڭ يۈرەك يېشى ئەمەلىي يېشىدىن 10 ياش چوڭ. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا،40 ياشتىن تۆۋەن ئەرلەر ئىچىدە،89 %ئادەمنىڭ يۈرىكى ساغلام ئەمەس ئىكەن، ئاياللار ئىچىدە بولسا، بۇ نىسبەت ئاران 41 %ئىكەن. تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، تېخىمۇ چاتاق بولغىنى،40 نەچچە ياشلىق نۇرغۇن كىشىلەردە «60 ياشلىق يۈرەك» بار ئىكەن.







 ئاساسلىقى توردا سىناق قىلىشقا ئاساسەن يۈرەك يېشىنى مۆلچەرلەيدۇ، تەكشۈرۈلگەن تۈرلەر بەدەن ئېغىرلىقى، بوي ئېگىزلىكى ۋە تۇرمۇش ئادىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئولتۇراقلاشقان رايون، دائىم تاماكا چېكىدىغان - چەكمەيدىغانلىقى، ئىرقى ... شۇنىڭدەك يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى ياكى سەكتە بولۇش خەۋپىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بارلىق ئامىللار. سىناق مەزمۇنى 16 مەسىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، يۈرەكتىكى يوشۇرۇن مەسىلىلەرنى ئۆلچەپ چىققىلى بولىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بىر قىسىم تەكلىپ ۋە ئارىلىشىش تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەپ، كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشىنى ئەسكەرتىدۇ. مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېيىشتى:يۈرەكنىڭ يېشى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرىراق بولۇۋاتقان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، بۇ ئۆلچەش قورالى ناھايىتى زۆرۈر، «بۇ بىر قىممەتلىك پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، كەسپىي خادىملار بىلەن يۈرەك ساغلاملىق مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغىلى بولىدۇ». دۇنيا يۈرەك بىرلەشمىسىدىكى جوئاننا راستون مۇنداق دېدى:«يۈرەك يېشى قورالى كىشىلەرگە بىر ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بەردى، تۇرمۇش ئۇسۇلىمىزنى ئۆزگەرتىشىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى». ئەنگلىيە ئاممىۋى ساغلاملىق جەمىيىتىدىكى جېم ۋوتېر مۇنداق دېگەن:«گەرچە ھېچقانداق كېسەللىك ئالامىتى بولماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئەگەر يۈرەك يېشى ئەمەلىي يېشىدىن يۇقىرى بولسا، ئۇنداقتا ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى ئاشىدۇ»






يۈرەك ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئاساسلىق خەۋپ - خەتەر ئامىلى

يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ ئاساسلىق خەتەرلىك ئامىللىرى يۇقىرى قان بېسىم، تاماكا چېكىش، يۇقىرى خولېستېرىن، دىئابېت كېسىلى، چېنىقىش كەمچىل بولۇش، ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك، يۈرەك كېسىلى جەمەت تارىخى ياكى ئىرق ئارقا كۆرۈنۈشى بار. يۇقىرى قان بېسىم ئەنگلىيەدە قۇرامىغا يەتكەن ئۈچتىن بىر قىسىم كىشى يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولغان، ئۇ يەنە «ئاۋازسىز قاتىل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، چۈنكى ناھايىتى ئاز كۆرۈنەرلىك كېسەللىك ئالامىتى بار، ئەمما بەك بالدۇر ئۆلۈپ كېتىش ۋە مېيىپ بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان دائىم كۆرۈلىدىغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى. نورمال قۇرامىغا يەتكەنلەرنىڭ قان بېسىمى 140/90mmHg بولۇپ، بەك يۇقىرى بولۇپ كەتسە سالامەتلىككە خەۋپ يېتىدۇ. يۇقىرى قان بېسىمنى تۇرمۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، بۇ ئورۇقلاش، تۇزنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ئازايتىش، قەرەللىك چېنىقىش، ئىسپىرت كوففېئىننىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ئازايتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خولېستېرىن يۇقىرى خولېستېرىنمۇ يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ. ئۇ ئارتېرىيە دىۋارىغا يىغىلىپ، قاننىڭ يۈرەك، چوڭ مېڭە ۋە بەدەننىڭ باشقا قىسىملىرىغا ئېقىشىنى چەكلەيدۇ. ساغلام يېمەك - ئىچمەك ۋە ئاكتىپ بەدەن چېنىقتۇرۇش ھەمدە مۇۋاپىق دورا بىلەن داۋالاش ئارقىلىق خولېستېرىننى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ. بەدەن ئېغىرلىقى ئەگەر بەدەن سۈپەت كۆرسەتكۈچى ( BMI ) 25 تىن ئېشىپ كەتسە، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ياكى سېمىزلىك ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، يۈرەك يېشىنىڭ چوڭىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئادەمنى ئېغىر ساغلاملىق مەسىلىسى خەۋپىگە دۇچار قىلىدۇ، مەسىلەن:قەنت كېسىلى، يۈرەك كېسىلى ۋە بەزى راك كېسىلى. تاماكا چېكىش تاماكا چېكىش ۋە باشقا تاماكىلارمۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ مۇھىم خەتەرلىك ئامىلى، چۈنكى تاماكا تەركىبىدىكى توكسىن ئارتېرىيەنى زىيانغا ئۇچرىتىپ ۋە كىچىكلىتىپ، ئادەمنى ئاسانلا يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار قىلىدۇ. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، تاماكا تاشلاش بىر ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە نىسبەتەن قىلالايدىغان ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش ئىكەن. تاماكا تاشلاپ بىر يىلدىن كېيىن، يۈرەك كېسىلىنىڭ قوزغىلىش خەۋپى تاماكا چەككەندىكىنىڭ يېرىمىغا توغرا كېلىدۇ. دىئابېت كېسىلى دىئابېت كېسىلى بىر خىل ئۆمۈرلۈك كېسەللىك بولۇپ، قاندىكى قەنت مىقدارىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرى قان شېكىرى ئارتېرىيە دىۋارىغا زىيان يەتكۈزۈپ، ئاسانلا ياغ چۆكمىسىنى پەيدا قىلىپ، ئارتېرىيىنىڭ بوتقىسىمان قېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. نۇرغۇن 2 تىپلىق دىيابېت كېسىلى بىمارلىرىمۇ ئېغىرلىقى ئېشىپ ياكى سەمرىپ كېتىپ، يۈرەك كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. ئىرق ئىرقمۇ يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولۇشتىكى مۇھىم خەتەرلىك ئامىل، ئەنگلىيەدە جەنۇبىي ئاسىيالىقلارنىڭ تاجىسىمان يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى، ئافرىقا ۋە كارىب رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ سەكتە ياكى يۇقىرى قان بېسىمغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى بىر قەدەر يۇقىرى، ئۇنىڭ ئۈستىگە باشقا ئىرقلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا،2 تىپلىق دىئابېت كېسىلى كارىب ۋە جەنۇبىي ئاسىيا ئىرقىدا تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ ئىككى خىل كىشىلەرنىڭ يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپى يۇقىرى بولىدۇ. جەمەت كېسەللىك تارىخى يۈرەك كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك كېسەللىك جەمەت تارىخى بار كىشىلەردە ئاسانلا ساغلاملىق مەسىلىسى كۆرۈلىدۇ.





ئەگەر ئۇلارنىڭ دادىسى ياكى ئاكا - ئۇكىلىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندا 55 ياشتىن كىچىك، ئانىسى ياكى ئاچا - سىڭىللىرى يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغاندا 65 ياشتىن كىچىك بولسا، ئۇنداقتا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكىنىڭ جەمەت تارىخى بار دەپ قارىلىپ، ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. جىنسى ئەرلەر ئاياللارغا قارىغاندا ئاسانلا يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۈرەك كېسىلى ۋە سەكتە بولۇپ قالىدۇ. يۇقىرى مايلىق يېمەك - ئىچمەك ياغنىڭ ئارتېرىيە تومۇرىغا يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، يۇقىرى خولېستېرىن ۋە يۇقىرى قان بېسىمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىسپىرت كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش خولېستېرىن ۋە قان بېسىمىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ.





يۈرەكنى قۇۋۋەتلەش سىرى تەۋسىيە

ھەر كۈنى يۈرەكنى ئاسراش گىمناستىكىسى ئىشلىگەندە ۋاقىت چىقىرىپ يۈرەكنى ئاسراش گىمناستىكىسى ئىشلىگىلى بولىدۇ، بەزى يۈرەك كېسىلى بىمارلىرى مەندىن يۈرەكنى ئاسراش ئۇسۇلىنى سورىغاندا، مەن بۇ بىر يۈرۈش كۈتۈنۈش گىمناستىكىسىنى ئۇلارغا ئۆگىتىپ قويىمەن، بۇ يۈرەكنىڭ ئارام ئېلىشى ۋە ئارام ئېلىشىغا پايدىلىق. ئالدى بىلەن ئىككى قولنىڭ ئالقىنىدىكى لاۋگۇڭ پەللىسىنى 3 ~ 4 مىنۇت ئۇۋۇلاپ، ئىككى ئالقاننى قىزىتساقلا بولىدۇ، بۇ يۈرەكنىڭ ئىقتىدارىنى تەڭشەشكە ناھايىتى پايدىلىق. ئالقاننى ئۇۋۇلاپ قىزىتقاندىن كېيىن، ئىككى قولنى جۈپلەپ، ئالقاننىڭ چوڭ بېلىقسىمان مۇسكۇلىنى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قارىتىپ كۆكرەكتىكى ئىككى سۈت ئارىسىدىكى شەنجۇڭ پەللىسىنى بەش مىنۇت ئۇۋۇلاپ بەرسە، ئوتتۇرا پەللىنى قىزىتىپ، كۆكرەكنى كېڭەيتىپ، قۇۋۋەتنى تەڭشەپ، يۈرەك، ئۆپكىنى تەڭشەشكە ياردىمى بولىدۇ. شەنجۇڭ پەللىسىنى ئۇۋۇلاپ بولغاندىن كېيىن ئالىقان تۈۋى بىلەن شەنجۇڭ پەللىسىدىن تۆۋەنگە ئىتتىرىپ، ئىككى قولنى ئالماشتۇرۇپ جەمئىي بەش مىنۇت ئىتتىرگەندە، قۇۋۋەتنى تەڭشەش رولىنى ئوينايدۇ. بىر يۈرۈش گىمناستىكىغا 15 مىنۇت ئەتراپىدا ۋاقىت كېتىدۇ، ناھايىتى قولايلىق. شوۋىگۈرۈچ قايناتقاندا ئازراق ياۋا چىلان مېغىزى، ياۋا چىلان مېغىزى يۈرەكنى تىنچلاندۇرىدىغان ياخشى يېمەكلىك بولۇپ، شوۋىگۈرۈچ قايناتقاندا ئازراق سالسا يۈرەكنى ئاسراشقا پايدىلىق. دورىخانىدىن ياۋا چىلان مېغىزى سېتىۋېلىپ، ھەر قېتىم ئۇماچ ئەتكەندە 20 - 30 گىرام قوشۇپ ئىچسە بولىدۇ، ئۇيقۇسى ياخشى بولمىغانلار يەنە ئازراق نېلۇپەر ئۇرۇقى سېلىپ بەرسە، يۈرەكنى تازىلاپ نېرۋىنى تىنچلاندۇرسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئازراق بىجىق سۈيى قاينىتىپ، بەدەندىكى ماينى پەسەيتىپ، توسالغۇلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىسسىقنى قايتۇرۇپ، يۇتقۇنچاقنى راۋانلاشتۇرۇپ، قاننى سوۋۇتۇپ، زەھەرنى قايتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ، يۈرەكنى ئاسراشتىمۇ ساقلىقنى ساقلاش رولىنى ئوينايدۇ. 10 ~ 15 تال بىجىق پوستىنى سويغاندىن كېيىن،200 مىللىلىتىر سۇ قۇيۇپ، بىجىق پىشقاندىن كېيىن تەييار بولىدۇ، بىجىق سۈيىنى قاينىتىپ بولغاندىن كېيىن ئازراق ئاپتاپقا سېلىپ، ئاندىن ئازراق ھەسەل سالساقلا ئىچىشكە بولىدۇ. ھەر ئايدا ئۈچ پارچە شاكىلات يېگەندە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىر تۈرلۈك ئەڭ يېڭى تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ھەر ئايدا ئۈچ پارچە شاكىلات يېگەندە يۈرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى 23 %تۆۋەنلەتكىلى بولىدىكەن، شاكىلاتنى زىيادە كۆپ ئىستېمال قىلغاندا بولسا بۇ خەۋپنى 17 %ئاشۇرغىلى بولىدىكەن. بۇ قېتىمقى تەتقىقاتقا قاتناشقان ئادەم سانى 575 مىڭ 853 ئادەم قېتىمغا يېتىپ، جەمئىي بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن. تەتقىقاتچىلار يەنە تېخىمۇ كۆپ تەجرىبە ئارقىلىق شاكىلات ئىستېمال قىلىش بىلەن يۈرەك ساغلاملىقىنىڭ مۇناسىۋىتى ئۈستىدە ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. يېقىندا بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ميۇنخېندا ئېچىلغان ياۋروپا يۈرەك كېسەللىكلىرى ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ يىغىنىدا ئېلان قىلىندى. ئامېرىكا نيۇيورك ئىكان تېببىي شۆيۈئەنىنىڭ دوكتورى چايا كوررېت كورىتال ۋاڭ چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:شاكىلات فلاۋوننىڭ مۇھىم يېمەك ـ ئىچمەك مەنبەسى، فلاۋون ياللۇغنى پەسەيتىپ، پايدىلىق خولېستېرىننى كۆپەيتىدۇ، يەنە ئادەم بەدىنىدىكى ئازوت ( Ⅱ ) ئوكسىدىنىڭ مىقدارىنى ئاشۇرۇپ، قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شاكىلاتتا يەنە كۆپ مىقداردا تويۇنغان ياغ بار، شۇڭا مۇۋاپىق مىقداردا قارا شاكىلات ئىستېمال قىلىش سالامەتلىككە پايدىلىق.


ساغلاملىق توغرىسىدا ھەر قانداق باش قېتىنچىلقىڭلار  بولسا ساغلاملىق يىتەكچىسىنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇپ ، ساغلاملىق توپىمىزغا قۇشۇلۋېلىڭلار ، ھەقسىز دەرىس ئاڭلاشتىن بۇرۇن قىزىل بولاق ئالاليسىلەر 


康士健健康咨询服务中心
健康中国,我们在行动。全民健康,共享幸福。ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىگە ئاتلاندۇق، ئومۇمىي خەلق ساغلام بولۇپ، بەختتىن ئورتاق بەھرىمەن بولايلى
 最新文章