قان بېسىمى قانچە تۆۋەن بولسا شۇنچە ياخشىمۇ؟

文摘   2024-08-13 13:15   新疆  

قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكىنى قانداق تەڭشەش كېرەك؟





ئادەم بەدىنىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى تەن ساغلاملىقىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم كۆرسەتكۈچ. قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشى بىزنىڭ ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىزغا مۇھتاج، تۇرمۇشتا نۇرغۇن كىشىلەردە قان بېسىمى يۇقىرى بولۇش ئەھۋالى مەۋجۇت، شۇنىڭ بىلەن قان بېسىمى تۆۋەنلەش يولىغا ماڭىدۇ. قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر قان بېسىمىنى قانچە تۆۋەن چۈشۈرسە شۇنچە ياخشى دەپ قارايدۇ. لېكىن، ئەمەلىيەتتە، قان بېسىمى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسىمۇ بەدەنگە ناچار زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، شۇڭا قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىشكە دىققەت قىلىش كېرەك، قان بېسىمى بەك تۆۋەن بولۇپ كەتمەسلىكى كېرەك







نورمال قىلىپ ئېيتقاندا، چوڭلارنىڭ نورمال قان بېسىمى mmHg 90-140/60-90 بولسا بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىش جەريانىدا، ئەڭ تۆۋەن قان بېسىم قىممىتى ئەڭ ياخشىسى 90 / 60 mHg دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، ئەگەر بەك تۆۋەن بولۇپ كەتسە، باش قېيىش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسقۇسى كېلىش قاتارلىق بىئاراملىق كېلىپ چىقىدۇ، سالامەتلىككە پايدىسىز. بىراق قان بېسىمى پەسىل، ياش پەرقىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ. مەلۇم دائىرىدە قان بېسىمىنىڭ ئۇزۇن ۋاقىت بەك تۆۋەن بولۇشى بەدەنگە قان يېتىشمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، قان بېسىمىڭىز يۇقىرى ياكى بەك تۆۋەن بولسا، ئامال قىلىپ قان بېسىمىڭىزنى نورمال ھالەتتە كونترول قىلىشىڭىز كېرەك، بولمىسا ۋاقىت ئۇزىراپ كەتسە، يۈرەك قان تومۇرىغا نىسبەتەن ئىنتايىن چوڭ يۈك بولۇپ قالىدۇ.



ئورۇقلاش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ۋە سېمىزلىك قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى خەتەرلىك ئامىل، سېمىز كىشىلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك ئادىتى ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بەدەن ئېغىرلىقىنى كۆڭۈلدىكىدەك ھالەتكە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، تۇزنى، ماينى، شېكەرنى ئازايتىشقا دىققەت قىلىش، تاماقنى ئاز يېيىش، ئامال بار مايسىز يېمەك-ئىچمەكنى ئاساس قىلىش كېرەك.

كالىي تولۇقلاش، قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر ۋاقتىدا ئوزۇقلۇق تولۇقلاشنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەك، نۇرغۇن كىشىلەر قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغاندىن كيىن، ئۇنى يېيىشكە، بۇنى يېيىشكە پېتىنالمايدۇ، نەتىجىدە قان بېسىمى تۆۋەنلىمەي، بەدىنى كاردىن چىقىدۇ. قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر ھەر كۈنى تۆت گىرام كالىي تولۇقلىشى، يېڭى مېۋە ۋە كۆكتاتلارنى كۆپرەك يەپ، يېتەرلىك كالىي ھاسىل قىلىش قان بېسىمىنى تەڭشەشكە پايدىلىق. ھەر كۈنى كەچتە بىر ئىستاكان سۈت ئىچسە ئۇيقۇغا پايدىلىق.







2. 

ئۈمىدۋار بولۇش، خاراكتېر بىلەن قان بېسىمىنىڭ يۇقىرى بولۇشىمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك، ئەگەر بىر ئادەمنىڭ مىجەزىدە ئۆزگىرىش چوڭ بولسا، دائىم غەمكىن يۈرۈشمۇ قان بېسىمىنى كونترول قىلىشقا پايدىسىز. دائىم ئالدىراقسانلىق قىلىش، بۇرۇقتۇرما بولۇش بەدەندىكى ھورمۇنلارنىڭ كۆپلەپ ئاجرىلىپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، قان تومۇرلار قىسقارغاندىن كېيىن، قان بېسىمى ئۆرلەپ، قان بېسىمىنىڭ داۋالغۇشى چوڭ بولۇشى مۇمكىن. كەيپىيات ياخشى بولسا، قان بېسىمىنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلغىلى بولىدۇ.

ھاراقنى تاشلاش، كۆپ مىقداردا ھاراق ئىچىش جىگەرنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي، قان تومۇرلارنى غىدىقلىشىمۇ ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ئىسپىرت قان تومۇرنى كېڭەيتىدۇ، بەزىلەر ھاراق ئىچكەندىن كېيىن قان بېسىمىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى بايقاپ، خاتا ھالدا ھاراق ئىچسە قان بېسىمىنى تۆۋەنلىتىدۇ، دەپ قارايدۇ. لېكىن ئەمەلىيەتتە، بۇ پەقەت بىر خىل ساختا كۆرۈنۈش. شۇڭا قان بېسىمى يۇقىرى بولغان دوستلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئامال بار ھاراق تاشلىغىنى ياخشى.

ھەرىكەت، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، قانۇنىيەتلىك ھەرىكەت قان بېسىمىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ، قان بېسىمى يۇقىرى كىشىلەر توپىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە 40 مىنۇت بەدەن چېنىقتۇرۇش كېرەك. ھەر ھەپتىدە ئاز دېگەندە بەش كۈن ئاستا يۈگۈرۈش، تېز مېڭىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ.




康士健健康咨询服务中心
健康中国,我们在行动。全民健康,共享幸福。ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىگە ئاتلاندۇق، ئومۇمىي خەلق ساغلام بولۇپ، بەختتىن ئورتاق بەھرىمەن بولايلى
 最新文章