بۇ بىر نەچچە خىل يېمەكلىكنى كۆپرەك يەپ، قالقانسىمان بەزنى قوغدا

文摘   2024-07-30 15:40   新疆  

كىچىككىنە قالقانسىمان بەز چوڭ ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك. بۇ بىر نەچچە خىل يېمەكلىكنى كۆپرەك يەپ، قالقانسىمان بەزنى  قوغداڭ.


قالقانسىمان بەز ئادەم بەدىنىدىكى ئەڭ چوڭ ئىچكى ئاجراتما ئەزاسى بولۇپ، بويۇن قىسمىدىكى بۇغدىيەكنىڭ دەل ئاستى تەرىپىگە، كاناينىڭ ئىككى تەرىپىگە جايلاشقان. ئادەم بەدىنىدىكى %80 تىن ئارتۇق يودنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، ئاساسلىق ئىقتىدارى يودتىن پايدىلىنىپ قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنى ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت. دۆلىتىمىزدە قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى بىنورمال بولغان كىشىلەر 200 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، قالقانسىمان بەز كېسەللىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىت، لېكىن بىلىش نىسبىتى ئاران %18.

چۈنكى چۈشەنمىگەنلىكتىن كېسەللىك بەك قورقۇنچلۇق ھېس قىلىدۇ


كۆپ ئۇچرايدىغان قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرى قايسىلار؟




قالقانسىمان بەز فۇنكسىيىسى نورمالسىز بولۇش

قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى ئۆرلەش ،يەنى كىشىلەر دائىم دەيدىغان قالقانسىمان بەز كۈچىيىشنى كۆرسىتىدۇ، بۇ خىل ھالەتتە ئادەم بەدىنىدىكى ھورمۇن ئېشىپ، بارلىق مېتابولىزم سۈرئىتىنى تېزلىتىدۇ. بىماردا بىئارام بولۇش، تەشۋىشلىنىش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، پۈتۈن بەدەن ماغدۇرسىزلىنىش، ئۇيقۇسىزلىق، كۆپ تەرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇنداقلا ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش، ئىچى سۈرۈش، ئورۇقلاش، قولى تىترەش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. قالقانسىمان بەزنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەش قالقانسىمان بەز ئاجىزلاش دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ چاغدا ئادەم بەدىنىنىڭ مېتابولىزمى ئاستىلاپ، كەيپىياتى تۆۋەن بولۇش، سوغۇقتىن قورقۇش، قورساق كۆپۈش، قەۋزىيەت، ئىچى سۈرۈش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ. مېتابولىزم ئاستىلىغانلىقتىن، قاندىكى مېتابولىزم ماددىلىرى يىغىلىپ قالىدۇ ( بۇ خۇددى بەدەندىكى «ئەخلەت» نى چىقىرىۋەتمىگەنگە ئوخشاش )، قاندىكى ماي مىقدارى ئېشىپ كېتىپ، ئاسانلا يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىدا نورمالسىزلىق پەيدا قىلىدۇ، ھەتتا ئىقتىدارى زەئىپلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.








قالقانسىمان بەز قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش

ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى، تۈگۈنچە ئىككى خىل بولىدۇ، بىر خىلى ياخشى سۈپەتلىك تۈگۈنچە؛ يەنە بىر خىلى يامان سۈپەتلىك تۈگۈنچە، يەنى قالقانسىمان بەز راكى بولۇپ، تەخمىنەن %10 نى ئىگىلەيدۇ.








قالقانسىمان بەز كېسەللىكىنىڭ قوزغىلىش سەۋەبى

بەلگىلىك ئىرسىيەت ئامىلى بار. رايونلارمۇ ئاسانلا قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىل، مەسىلەن، قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى، قالقانسىمان بەز ئۆسمىسى، بولۇپمۇ ئەمچەك توپچىسىسىمان راك، دېڭىز بويىدىكى يود تەركىبى يۇقىرى رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ كېسەل بولۇش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يود تەركىبى تۆۋەن رايونلاردا قالقانسىمان بەزنىڭ كۆپ يۈز بېرىدىغان تۈگۈنچىلىرىنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىمۇ كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ. قالقانسىمان بەز كۈچىيىش تۇغۇتتىن كېيىن ياكى سېزىمچانلىق ئەھۋالى ئاستىدا، روھىي كەيپىياتنىڭ نورمالسىزلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. قالقانسىمان بەز ئاجىزلاش ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق ياللۇغلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ئوپېراتسىيە ياكى باشقا تاسادىپىيلىقلار قالقانسىمان بەز ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.








قالقانسىمان بەز كېسىلىنى قانداق داۋالايدۇ؟

 

ئەگەر دوختۇر قالقانسىمان بەز كۈچىيىش كېسىلى دەپ دىياگنوز قويغان بولسا، نۆۋەتتە خەلقارادا تەۋسىيە قىلىنغان داۋالاش ئۇسۇلى قالقانسىمان بەزگە قارشى دورىلار بىلەن داۋالاش، يود - 131 بىلەن داۋالاش ۋە ئوپېراتسىيە قىلىپ داۋالاشتىن ئىبارەت. دوختۇر بىمارنىڭ كونكرېت ئەھۋالى ۋە ئارزۇسى قاتارلىق ھەر قايسى تەرەپلەردىكى ئەھۋاللارغا ئاساسەن داۋالاش ئۇسۇلىنى دەڭسەپ كۆرىدۇ. ئەگەر قالقانسىمان بەز كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولسىڭىز، ھودۇقماڭ. ئالدى بىلەن توغرا يولنى تاللاپ مۇناسىۋەتلىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىگە ئېرىشىش، ئاساسىي چۈشەنچىگە ئىگە بولغاندىن كېيىن يەنە كېيىنكى داۋالاشنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن تاللاش كېرەك. دوختۇرغا ئىشىنىپ، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسىگە ئەمەل قىلىپ، قەرەللىك دىئاگنوز قويۇش كېرەك. مۇتەخەسىسلەر ئاممىنىڭ قالقانسىمان بەز كېسەللىكىگە قارىتا نۇرغۇن چۈشەنمەسلىكى، ھەتتا خاتا قاراشلىرى بارلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن دوختۇر ۋە كەسپىي خادىملارنىڭ ئامما ئۈچۈن تەشكىللىك پەننى ئومۇملاشتۇرۇشىغا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. قالقانسىمان بەز كېسىلىنى داۋالاشتا كۆپ خىل پەن كوللېكتىپىنىڭ باشقۇرۇشىغا توغرا كېلىدۇ، ھەر بىر كەسپىي ساھەدىكى مۇناسىپ كەسپىي بىلىم نۇقتىلىرى ۋە ئالاھىدىلىكلەرنى بىرلەشتۈرۈپ ئاندىن ئىپادىلىگەندىلا، ئاندىن كۆپچىلىككە ھەقىقىي چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.








بەش خىل يېمەكلىك قالقانسىمان بەزنى قوغدايدۇ

باشقا ئەزالارغا سېلىشتۇرغاندا، قالقانسىمان بەز ئىزچىل ئانچە ئېتىبارغا ئېلىنمايدىغاندەك قىلىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ چېكىنىشى ( قالقانسىمان بەز ئاجىزلاش ) كۆز تۇرۇپ قېلىش ۋە ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تۇرمۇش سۈپىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئامېرىكا MSN تۇرمۇش تورى ماقالە ئېلان قىلىپ ،قالقانسىمان بەزنىڭ ساغلاملىقىنى ياخشىلايدىغان يېمەكلىكلەرنى يەكۈنلەپ چىقتى. ئالما. ئالما قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ تەركىبىدىكى مول مېۋە يېلىمى زەھەرنى ھەيدەش ئۈنۈمىگە ئىگە بولۇپ، قاندىكى سىماب قاتارلىق زەھەرلىك بىرىكمىلەرنى سۈيدۈك ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىدۇ. بىراق، كۆپ ساندىكى پېكتىن مېۋە پوستىدا بولغاچقا، ئالمىنى ئەڭ ياخشىسى پاكىز يۇيۇپ، پوستى بىلەن قوشۇپ يېيىش كېرەك. ئوستېر قۇلۇلىسى. ئوستېر قۇلۇلىسى سىنكنىڭ مۇھىم يېمەكلىك مەنبەسى. ئادەم بەدىنى يېتەرلىك سىنك ئارقىلىق قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى قوزغىتىشقا مۇھتاج. ساغلام قالقانسىمان بەز يېتەرلىك سىنكتىن ئايرىلالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنىمۇ يېتەرلىك قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ سىنكنى سۈمۈرۈشىگە موھتاج. توخۇ گۆشى. توخۇ گۆشىدە ئامىنو كىسلاتاسى مول، بولۇپمۇ قالقانسىمان بەز ھورمۇنى ھاسىل قىلىشتا كەم بولسا بولمايدىغان تىروزىن ۋە دوپامىن بار. يېمەك - ئىچمەكتە تىروزىن كەمچىل بولسا قالقانسىمان بەز ئاجىزلاشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، دوپامىن كەمچىل بولسا ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەۋېلىش ۋە سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. توخۇ گۆشىدە يەنە ۋىتامىن B12 مول بولۇپ، قالقانسىمان بەز ئاجىزلاپ كەتكەن بىمارلارمۇ ئوخشاشلا بۇ خىل ئوزۇقلۇق ماددىسىنى تولۇقلىشى كېرەك. قېتىق. قېتىق تەركىبىدە تەبىئىي ۋىتامىن D بار. خەلقارا ساغلاملىق ئىلمى ژۇرنىلى ' ' دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ۋىتامىن D كەمچىل بولسا ئاسانلا سېمىزلىك ۋە قالقانسىمان بەز كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. ھاشىموتو قالقانسىمان بەز ياللۇغى ( بىر خىل ئۆز بەدەن ئىممۇنىتېتلىق كېسەللىك ) گە گىرىپتار بولغان 90 %تىن ئارتۇق بىمارنىڭ تېنىدە ۋىتامىن D كەمچىل ئىكەن. رەڭلىك بېلىق. سالمون بېلىقى، تۇننۇس بېلىقى ۋە ماككېرېل بېلىقى قاتارلىق چوڭقۇر دېڭىز سېمىز بېلىقلىرىدا ئومېگا 3 ياغ كىسلاتاسى مول بولۇپ، ياللۇغقا قارشى تۇرۇش رولىغا ئىگە. «ئوزۇقلۇق بىئوخىمىيە ژۇرنىلى» دا ئېلان قىلىنغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، سالمون بېلىقىنى دائىم يەپ بەرسە، بەز ياللۇغىنى ئازايتىپ، قالقانسىمان بەزنىڭ ساغلاملىقىغا پايدىلىق ئىكەن.






康士健健康咨询服务中心
健康中国,我们在行动。全民健康,共享幸福。ساغلام جۇڭگو ھەرىكىتىگە ئاتلاندۇق، ئومۇمىي خەلق ساغلام بولۇپ، بەختتىن ئورتاق بەھرىمەن بولايلى
 最新文章