پەننى ئومۇملاشتۇرۇش كۆپ ئۇچرايدىغان ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى
كۆپ ئۇچرايدىغان ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كېسەللىكلىرى
ھەزىم قىلىش سىستېمىسى ھەزىم قىلىش نەيچىسى ۋە ھەزىم قىلىش بېزىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تەركىب تاپىدۇ. ھەزىم قىلىش نەيچىسى ئېغىز بوشلۇقىدىن باشلاپ يۇتقۇنچاق، قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، ئىنچىكە ئۈچەي، چوڭ ئۈچەي، مەقئەتكە تۇتىشىدىغان ناھايىتى ئۇزۇن مۇسكۇل خاراكتېرلىك تۇرۇبا بولۇپ، ئېغىز بوشلۇقى، يۇتقۇنچاق، قىزىلئۆڭگەچ، ئاشقازان، ئىنچىكە ئۈچەي ( ئون ئىككى بارماق ئۈچەي، ئاچچىق ئۈچەي، يانپاش ئۈچەي ) ۋە چوڭ ئۈچەي ( سوقۇر ئۈچەي، بوغماق ئۈچەي، تۈز ئۈچەي ) قاتارلىق قىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەزىم قىلىش بېزى كىچىك ھەزىم قىلىش بېزى ۋە چوڭ ھەزىم قىلىش بېزىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بولىدۇ. كىچىك ھەزىم قىلىش بېزى ھەزىم قىلىش نەيچىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ نەيچە دىۋارىغا تارقالغان، چوڭ ھەزىم قىلىش بېزىنىڭ ئۈچ جۈپ شۆلگەي بېزى ) گۈرەن بېزى، تۆۋەنكى جاغ ئاستى بېزى، تىل ئاستى بېزى (، جىگەر ۋە ئاشقازان ئاستى بېزى بار، ئۇلار نەيچە ئارقىلىق ئاجرالمىلارنى ھەزىم قىلىش نەيچىسىگە قويۇپ بېرىدۇ.
ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى
كونىلاردا ئون ئادەمنىڭ توققۇز ئاشقازىنى بولىدۇ دەيدىغان گەپ بار، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى شۈبھىسىزكى ھەزىم قىلىش كېسەللىكلىرى بۆلۈمىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بىرى بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئاشقازان ئەينىكىدە تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويۇلىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 90 %كە يېقىنلىشىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى ھەر خىل كېسەللىك سەۋەبى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاشقازان شىللىق پەردىسى ئاستا خاراكتېرلىك ياللۇغلىنىش ياكى يىگىلەش خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى:تاشقى مەنبەلىك ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسى بىلەن يۇقۇملىنىش، يېمەك - ئىچمەك ئامىلى ئوزۇقلۇق تەكشى بولماسلىق، ئاچچىق - چۈچۈك يېمەكلىكلەرنى يېيىشنى ياخشى كۆرۈش قاتارلىقلار ، تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، دورا ( سېتروئىدسىز ياللۇغقا قارشى دورا، ھورمون ) قاتارلىقلار؛ ئىچكى مەنبەلىك يېشى، ئىرسىيەت ئاسان يۇقۇملىنىشچانلىقى، ئۆت سۇيۇقلۇقى يېنىش، دىئابېت كېسىلى قاتارلىقلار. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ۋە ئەڭ مۇھىم كېسەللىك سەۋەبى ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىدىن يۇقۇملىنىش بولۇپ، %95 ~ %80 ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان بىمارلارنىڭ ئاشقازان شىللىق پەردىسىدە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيىسىدىن يۇقۇملىنىش بولىدۇ.شۇڭا ئومۇمىي جەھەتتىن «HP ئاشقازان ياللۇغى» ۋە «غەيرىي HP ئاشقازان ياللۇغى دەپ ئايرىلىدۇ. ئۇزاق مۇددەت يۇقۇملىنىشتىن كېلىپ چىققان ياللۇغ، ئىممۇنىتېت رېئاكسىيەسى قىسمەن بىمارلاردا ئاشقازان شىللىق پەردىسى يىگىلەش ۋە ئۈچەي مېتاپلازىيەسى پەيدا قىلىدۇ. كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆپ ساندىكى ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلاردا روشەن كىلىنىكىلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى بولمايدۇ، ئاز ساندىكى بىمارلاردا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن، قورساقنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قىسمى بىئارام بولۇش، كېكىرىش، ئاچچىق سۇ يېنىش، كۆڭلى ئېلىشىش قاتارلىقلار. ئادەتتىكىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغىغا دىئاگنوز قويۇشتا ئاساسلىقى ئاشقازان ئەينىكى ۋە تىرىك توقۇلما ئېلىپ ھىستولوگىيىلىك تەكشۈرۈشكە تايىنىدۇ.
ئاشقازان جاراھىتى
ئاشقازان يارىسى ئاشقازاننىڭ چىقىش ئېغىزى بىلەن ئاشقازان كىرىش ئېغىزى ئوتتۇرىسىدا يۈز بېرىدىغان ئاستا خاراكتېرلىك يارىنى كۆرسىتىدۇ، كېسەللىك قوزغىلىش مېخانىزمى ئاشقازان كىسلاتاسى، ئاشقازان ئاقسىل فېرمېنتىنىڭ چىرىتىش رولى بىلەن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى يوقىتىپ، ئاشقازان كىسلاتاسى شىللىق پەردىنى ئۆز - ئۆزىنى ھەزىم قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاشقازان چىقىش ئېغىزى بۇرمىسىمان تاياقچە باكتېرىيەسى بىلەن يۇقۇملانغاندا، ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ ئۆز - ئۆزىنى قوغداش توسۇقى ئاجىزلاپ، زەخىملىنىپ شەلۋەرەشتىن يارا شەكىللىنىدۇ. ئەگەر ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى تەكشى بىر پارچە يەرگە ئوخشاتساق، ئاشقازان يارىسى خۇددى يەرگە ئورەك كولىغانغا ئوخشايدۇ، دەسلەپتە پەقەت توپىنى بوشىتىش يەنى شەلۋەرەش بولىدۇ، توپىنى بوشاتقاندىن كېيىن ئورەك كولاش يارا بولىدۇ، بۇمۇ يارا بىلەن شەلۋەرەشنىڭ پەرقى. ئادەتتە يارىنىڭ پەيدا بولۇشى شەلۋەرەشتىن ئىبارەت بۇ جەرياننى بېسىپ ئۆتىدۇ، لېكىن بارلىق شەلۋەرەشنىڭ ھەممىسى يارىغا ئۆزگىرىپ كەتمەيدۇ. ئاشقازان شىللىق پەردىسىنىڭ زىيانغا ئۇچراش سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ:روھىي جىددىيلىك، دورا غىدىقلاش، غىدىقلىغۇچى يېمەكلىك، ھەددىدىن زىيادە كۆپ يەپ-ئىچىش، ئىسپىرت، قاتتىق كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش، ئاشقازاندىكى يات ماددا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى شەلۋەرەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەرەققىي قىلىپ يارىغا ئايلىنىشى مۇمكىن.
ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچتىن تەتۈر ئېقىش
ئاشقازان - قىزىلئۆڭگەچتىن يېنىش كېسىلى ئاشقازاندىكى 12 بارماق ئۈچەيدىكى ماددىلارنىڭ قىزىلئۆڭگەچكە تەتۈر ئېقىپ كىرىشىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇنىڭ يۈز بېرىشى تەتۈر ئېقىشقا قارشى مۇداپىئە لىنىيىسى بىلەن تەتۈر ئېقىشنىڭ ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارى ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇققا باغلىق بولىدۇ. ئەگەر ئاشقازاننى قەلئەگە ئوخشاتساق، ئۇنداقتا قىزىلئۆڭگەچ قەلئەگە يېمەكلىك توشۇيدىغان بىردىنبىر تاق يۆنىلىشلىك يول بولۇپ، ئاشقازان بىلەن قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاشقازان كىرىش ئېغىزى دەپ ئاتىلىدىغان بىر قوۋۇق بار، ئاشقازان كىرىش ئېغىزىنى يەنە قىزىلئۆڭگەچنىڭ ئاستىنقى قورۇغۇچى مۇسكۇلى قوغدايدۇ، ئۇلار بۇ يولنىڭ تەرتىپىنى ئورتاق ساقلايدۇ، قەلئەدىكى يېمەكلىك ياكى ئاشقازان كىسلاتاسى سىرتقا چىقماقچى بولغاندا قەتئىي توسىدۇ. لېكىن بەزى كىشىلەرنىڭ ئاشقازان كىرىش ئېغىزى تۇغما سەزگۈر، ئاجىز بولۇپ، غىدىقلىنىشقا ئۇچرىسىلا ئاسانلا تولۇق يېپىلماسلىق ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ؛ بەزى كىشىلەر يېشىنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ ئاشقازان كىرىش ئېغىزىنىڭ يىغىش كۈچىمۇ ئاجىزلايدۇ؛ يەنە بەزىلەر نامۇۋاپىق يېمەك - ئىچمەك سەۋەبىدىن ئاشقازان كىسلاتاسى كۆپىيىپ كېتىدۇ ئاشقازان كىرىش ئېغىزىغا قايتا - قايتا ھۇجۇم قىلغاندا، ئاشقازان كىرىش ئېغىزى يېرىلىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئاشقازان كىسلاتاسى يېمەكلىكنى قىسىپ تەتۈر ئېقىمغا قارشى ئۆرلەپ، قىزىلئۆڭگەچ ۋە يۇتقۇنچاق - كېكىردەككە ھۇجۇم قىلىپ، قىزىلئۆڭگەچ ياللۇغى، يۇتقۇنچاق - كېكىردەك ياللۇغى، زىققا قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئەگەر ۋاقتىدا داۋالانمىسا، قىزىلئۆڭگەچ راكىغا گىرىپتار بولۇش خەۋپى تۇغۇلىدۇ. كېسەللىك سەۋەبى تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ماتېرىياللىرىدا كۆرسىتىلىشىچە ،GERD كېسىلىنىڭ قوزغىلىشى ياش ،جىنس ،سېمىزلىك ،تۇرمۇش ئۇسۇلى قاتارلىق ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن. رەسىم ئۈچەي ئاسان غىدىقلىنىش سىندرومى سوغۇق ئىچىملىك ئىچسىلا قورسىقى ئاغرىيدۇ، ئىچى سۈرىدۇ؛ ئىمتىھان مەيدانىغا كىرىپلا ھاجەتخانىغا بارغۇم بار سەھنىگە چىقىپلا تۇيۇقسىز قورسىقى ئاغرىپ چىدىيالماي قالدى. كۆپ ساندىكى كىشىلەر بۇنى ئاددىي ھالدا ئاشقازان - ئۈچەي ياخشى بولماسلىققا دۆڭگەپ قويىدۇ، ئەمما بۇ بەلكىم بىر خىل فۇنكسىيىلىك ئاشقازان - ئۈچەي كېسىلى - ئۈچەي ئاسان غىدىقلىنىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى ( IBS ) دىن كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن. ئۈچەي ئاسان غىدىقلىنىش سىندرومى «irritable bowel syndrome» دىن تەرجىمە قىلىندى irritable ئوكسفورد لۇغىتىدە «ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان، تېرىككەك» دەپ تەرجىمە قىلىنغان، شۇڭا ئۈچەي ئاسان غىدىقلىنىش سىندرومىنى «ئۈچەي ئاسان ھاياجانلىنىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتى» دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، يېگەن نەرسە ئۈچەينىڭ «ئىشتىھاسى» غا ماس كەلمىسە ياكى كەيپىياتنىڭ داۋالغۇشى بىر قەدەر چوڭ بولسا، ئۈچەي يولى «قالايمىقان ئاچچىقلىنىدۇ»، ئۈچەينىڭ لۆمۈلدىشى ۋە نېرۋا رېفلېكسى قالايمىقانلىشىدۇ ۋە سەزگۈرلىشىدۇ. كېسەللىك ئالامىتى ئۈچەي ئاسان غىدىقلىنىش يىغىندى ئالامىتىنىڭ ئاساسلىق كېسەللىك ئالامىتى ئەزا خاراكتېرلىك كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولمىغان ئەھۋالدا، قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش بولۇپ ئىپادىلىنىدۇ. قورساق ئاغرىقىنىڭ تۆۋىنىدىكى قورساق ۋە سول تۆۋەنكى قورساقتا كۆپ كۆرۈلىدۇ، كۆپ ساندىكى بىمارلاردا قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش ئالامەتلىرى تەرەت قىلغاندىن كېيىن پەسىيىدۇ، قىسمەن بىمارلاردا تاماق يېگەندىن كېيىن ۋە كەيپىياتى ھاياجانلانغاندا قورساق ئاغرىش، قورساق كۆپۈش كۈچىيىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، دائىم تەرەت قىلىش ئادىتى ۋە ( ياكى ) چوڭ تەرەت شەكلىنىڭ ئۆزگىرىشى، شىلىمشىق تەرەت قوشۇلۇپ كېلىدۇ، قىسمەن بىمارلاردا قەۋزىيەت ۋە ئىچى سۈرۈش نۆۋەتلىشىپ كۆرۈلىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى ئۈچەي ئاسان غىدىقلىنىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىنىڭ كېسەللىك سەۋەبى ئاساسلىقى ئۈچەي يولىدىكى باكتېرىيە توپىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى، روھىي پىسخىكا، يېمەك - ئىچمەك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. كۆپ قوزغىلىدىغان كىشىلەر توپى ئېلىمىزدە ئۈچەي ئاسان غىدىقلىنىش يىغىندى كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تەخمىنەن %12 ~ %7 بولۇپ، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ئاساسلىقى ئوتتۇرا ياش ۋە ياش كىشىلەر توپى، ئاياللار كۆپ ساننى ئىگىلەيدۇ، جەمەت توپلىشىش خاراكتېرىگە ئىگە.
ساغلاملىق توغرىسىدا ھەر قانداق باش قېتىنچىلقىڭلار بولسا ساغلاملىق يىتەكچىسىنىڭ ئۈندىدارىنى قۇشۇپ ، ساغلاملىق توپىمىزغا قۇشۇلۋېلىڭلار ، ھەقسىز دەرىس ئاڭلاشتىن بۇرۇن قىزىل بولاق ئالاليسىلەر