زەمران
بۇ يەڭ بەلگىسى ئۇلارنىڭ جۇڭگۇغا بولغان قارا نىيىتىنى ئاشكارلاپ قويدى
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى يېقىندا ئاز ئۇچرايدىغان ئەزرائىل ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئىشقا سېلىپ، شەرقىي تىنچ ئوكياندا ئامرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلغۇچى قىسمى قاتارلىق قىسىملار بىلەن بىرلىكتە بىر مەيدان ئالاھىدە مانېۋىر ئۆتكۈزۈپ، بۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.مانېۋىرغا قاتناشقان ئەزرائىل بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمىدىكى ئالاقىدار خادىملارنىڭ جۇڭگو خەرىتىسىنىڭ شەكلى ئوخشاپ كېتىدىغان قىزىل رەڭلىك يەڭ بەلگىسى تاقىۋالغانلىقىنى ئاشكارىلاپ، بۇ قىسىمنىڭ نىشانىنىڭ ئاساسلىقى جۇڭگوغا قارىتىلغانلىقىدىن بېشارەت بەردى.
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە جەمىيىتى ئاستىدىكى ھاۋا ئارمىيە ژۇرنىلى دا جۇڭگونى نەزەردە تۇتۇپ، ئەزرائىل ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان بىلەن دېڭىزدا جەڭ قىلىشنى مەشىق قىلدى دېگەن تېمىدا بۇ قېتىمقى مانېۋىر خەۋەر قىلىندى.چاققان ئەزرائىل ناملىق مانېۋىرغا قاتناشقان ئامېرىكا ئەسكەرلىرى جۇڭگو خەرىتىسىنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قىزىل رەڭلىك كەسمە رەسىم بېسىلغان يەڭ بەلگىسىنى تاقىدىھاۋا ئارمىيە ژۇرنىلى تور بېكىتىنىڭ 24ـ ئىيۇن خەۋەر قىلىشىچە، چاققان ئەزرائىل ناملىق بۇ مانېۋىر 3ـ ئىيۇن باشلىنىپ 29ـ ئىيۇن ئاياغلاشقان. بۇ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ تۇنجى قېتىم تىنچ ئوكياندا قانات يايدۇرغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تاكتىكىسى مەشىق پائالىيىتى. خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ قىسىمنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن يۆتكەلگەنلىكىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئالاقىدار ھاۋا ئارمىيە خادىملىرىنىڭ فورمىسىغا جۇڭگو خەرىتىسىنىڭ شەكلىگە ئوخشاپ كېتىدىغان قىزىل رەڭلىك لېنتا بېسىلغان.
بۇ قېتىمقى مانىۋېرنىڭ خەنجەرنى جۇڭگوغا قارىتىشىغا قارىتا، ھاۋا ئارمىيە ژۇرنىلى مۇ بۇنى چۈشەندۈردى، بۇ پۈتۈنلەي قىسقارتىش كىرىزىسىگە دۇچ كەلگەن ئەزرائىل بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمىنىڭ ھاياتلىق ئىستىكى نى چىقىش قىلىپ، بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە قىسمىدىكى ئورنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بولغان. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەزرائىل ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقىدا 20 يىل ئېلىپ بارغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئاساسلىق قورالى بولۇپ، ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى بۇ ئادەمسىز ئىقتىدارنىڭ يەنە بىر قېتىم رول ئوينىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. چۈنكى ھەربىي تەرەپ بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى پىلانلاۋاتىدۇ، ھەمدە باشقا سەپلىمە ئايرۇپىلانلارنى ئىزدەشكە باشلىدى. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى ئەزرائىل بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ رۇسىيە ۋە جۇڭگو قاتارلىق چوڭ دۆلەتلەر ھاۋا ئارمىيسى بىلەن تىركىشەلىشىدىن بارغانسېرى گۇمانلىنىۋاتىدۇ، چۈنكى بۇ دۆلەتلەر بۇ خىل كۆرۈنمەس ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۋېتەلەيدۇ ياكى ئۇنىڭغا كاشىلا قىلىشى مۇمكىن، ئامېرىكا ھەربىي تەرەپ ئەزرائىل ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ زىيادە ئاجىز بولۇپ، جەڭ مەيدانىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا زۆرۈر بولغان كۆرۈنمەس ئىقتىدار، ئېلېكتىرونلۇق كاشىلا مۇداپىئە ئىقتىدارى ھەمدە يۇقىرى سۈرەتتە ئۇچۇش ئىقتىدارىنىڭ كەمچىل بولۇشى بۇ ئايروپىلاننىڭ پات ئارىدا شاللىۋېتىلىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئەزرائىل بەلگىلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمىنىڭ قوماندانى داۋېس ئۆتكەن ئۈچ يىلدا بۇ ۋەزىپە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئىزچىل مۇزاكىرە قىلىپ كەلدى، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھاۋا مۇداپىئە تەھدىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ ئالدىنقى ۋەزىپىسىدىمۇ ئۆزگىرىش بولۇشقا باشلىدى.داۋىس يەنە تولۇقلاپ مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ھازىرقى نۇرغۇن ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىنىڭ ناھايىتى يىراق مۇساپىنى ئىشقا ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى كۆزىتەلەيمىز، ئەمما ئەزرائىل قىسمىمىز ناھايىتى يىراققا ئۇچالايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە سۇ يۈزىدىكى پاراخوتلارنىمۇ پەرقلەندۈرەلەيدۇ، بۇ مەزگىلدە ماي قاچىلاش ئايروپىلانى ياكى باشقا ئارقا سەپ تەمىنات ياردىمىگە موھتاج ئەمەس، بىز مانېۋېر ئارقىلىق بەش بۇرجەكلىك بىناغا بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ يەنىلا كۈچلۈك. ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويىشىمىز لازىم دېدى.
يەڭ بەلگىسىگە كەلسەك باشقۇرۇش جەھەتتە، ئامېرىكا ئارمىيىسىنى باشقۇرۇشمۇ بىر قەدەر چېچىلاڭغۇ بولۇپ، ھەر قايسى قىسىملار ئۆز ئالدىغا يەڭ بەلگىسى لايىھىلەپ، ياسىسا بولىدۇ، بىرلىككە كەلگەن قېلىپلاشقان ئۆلچەم ۋە قاتتىق تەكشۈرۈش ئۆلچىمى يوق، بۇمۇ بىر قىسىم ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ يەڭ بەلگىسىدە ئازراق چەكتىن ئېشىپ كەتكەن ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ.
بۇ يىل 6ـ ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئامېرىكا ھەربىي ئىشلار تور بېكىتىدە، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ فورد ناملىق ئاۋىياماتكىسىدىكى بىر ئۇچۇش مەشىق ئەترىتىنىڭ ئۇچقۇچىلىرىنىڭ نامۇۋاپىق يەڭ بەلگىسى تاقىغانلىقىنى، بۇ يەڭ بەلگىسىنىڭ تۆۋەنكى يېرىمىغا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋىياماتكىسى دەپ يېزىلغانلىقىنى ھەمدە فورد ناملىق ئاۋىياماتكىنىڭ كەسمە سۈرىتى سەپلەنگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان؛ ئالدىنقى يېرىم قىسمىغا بولسا جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋىياماتكىسى دەپ يېزىلغان بولۇپ، ئۇنىڭغا بىر شەپەرەڭنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن. شۇ چاغ دەل يېڭى تاجىسىمان ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پۈتۈن دۇنيادا تارقالغان پەيت بولۇپ، شەپەرەڭنىڭ باش سۈرىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.بۇ يەڭ بەلگىسىنىڭ پەيدا بولۇشى ئارقىدىنلا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى باشقۇرۇش قاتلىمىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى بۇ ئۇچۇش مەشىق ئەترىتىگە ھوقۇق بېرىلمىگەن ھەم مۇۋاپىق بولمىغان يەڭ بەلگىسى تاقىغان دەپ چارە كۆرگەن ۋە ئۆزگەرتىشكە بۇيرىغان.
ئامېرىكا ئاتلانتىك ئوكيان فىلوتى ئاۋىئاتسىيە قىسمىنىڭ باياناتچىسى، پودپولكوۋنىك كىراگ ئەينى چاغدا بىر پارچە ئېلخەتتە: بۇ يەڭ بەلگىلىرى تازا مۇۋاپىق ئەمەس، دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ فورمىغا بولغان باشقۇرۇش بەلگىلىمىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دېگەن.توردا ئاشكارىلانغان جۇڭگۇ خەرىتىسى چۈشۈرۈلگەن يەڭ بەلگىسى ئامېرىكا ئارمىيەسى مانېۋىر ئارقىلىق بۇ ئايروپىلاننىڭ ئۇرۇش قىلىش يوشۇرۇن كۈچىنى تېخىمۇ كۆپ قېزىپ، بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قىسمىنى ساقلاپ قالماقچى ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ دېقىتىنى تارتىپ قىسىمنى تارقىتۋېتىشنىڭ.ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئوينىغان ئويۇنى.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەر شارى ۋاقىت گېزىتى نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق دېدى: بۇ خىل جۇڭگو ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇزۇن سەپەر قىلغاندا كۆزىتىش ـ زەربە بېرىش بىر گەۋدىلەشكەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ مۇداپىئە ئىقتىدارى بىر قەدەر ناچار بولۇپ، ئاساسىي جەھەتتىن تۇيۇقسىز مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارى يوق، تۆۋەن دەرىجىدىكى توقۇنۇشقا ئىشلىتىلسە بولىدۇ، لركىن بۇ ئايرۇپېلان سەپەر قىلغاندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تۆۋەن دەرىجىدىكى توقۇنۇشتىمۇ ئارقا ـ ئارقىدىن ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن.2017ـ يىلىدىن 2019ـ يىلىغىچە،قۇسەي قوراللىقلىرى ئىلگىرى ئاز دېگەندە ئۈچ ئەزرائىل ناملىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرگەن، ھەتتا مۈرىسىگە تىرەپ ئاتىدىغان مىنامىيۇت بومبىسىمۇ بۇ ئايرۇپېلاننى ئېتىپ چۈشۈرۋەتكەن.
ئەجىرىمىز ئۈچۈن ئاستىدىكى ئىلاننى بىر قېتىم بىسىپ قويۇڭ! رەھمەت!!!🌹🌹