01
دادىسى
توي قىلىپ مەلۇم مەزگىلگە بارغاندا بەلكىم ئەرلەرنىڭ ئايالىغا بولغان كۆڭلى ئۆزگىرىشى مومكىن، شۇڭا ئاياللار دائىم ئېرىنى دادىسى دېگەن ئاتالغۇدا چاقىرسا، ئېرىنىڭ يۈرەك تارىسىنى چىڭىتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئەرلەرنىڭ ئائىلە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تىكلىشىگە تېخىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.
ھەر ۋاقىت ئېرىنى دادىسى دېگەن ئاتالغۇدا چاقىرغاندا ئېرىنىڭ بىر ئەرلا ئەمەس دادا ئىكەنلىكىنى، ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئائىلە مەسئۇليتىنىڭ ئېغىرلىقىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، مەلۇم دەرىجىدە ئەرنىڭ سىرتقا قارىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ.
02
سۆيۈملۈكۈم
سۆيۈملۈكۈم دېگەن نام ئەر-خوتۇن ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزىگە خاس يېقىنلىق تۇيغۇسىنى ئىپادىلەيدۇ، سۆيۈملۈكۈم دېگەن بۇ ئاتالغۇ تەبىئىي ھالدا ھېسسىيات يەتكۈزۈش ئۈنۈمىگە ئىگە، سۆيۈملۈكۈم دېگەن بۇ نامىنىڭ ياش چەكلىمىسى يوق، مەيلى توي قىلغىنىغا ئۇزاق بولمىغان ئەر-خوتۇن بولسۇن ياكى نەچچە ئون يىل توي قىلغان ئەر-خوتۇن بولسۇن، ھەممىسى ئورتاق قوللىنىشقا بولىدۇ.
سۆيۈملۈكۈم دېگەن بۇ ئاتالغۇ ھەم مەدەنىيلىكنى، ھەم ئاز-ئازدىن رومانتىكلىكنى نامايان قىلىدۇ، رومانتىك مۇستەھكەملەش ئاساسىدا داۋاملىشىدۇ.
03
ئەپەندىم
ئەپەندىم دېگەن ئىسىم ئاياللارنىڭ ئۆزگىچە سالاپىتىنى نامايان قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايال كىشىنىڭ ئېرىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ،ئەپەندىم دېگەن ئاتالغۇ مەدەنىي ئاڭلىندىغان بولۇپ، ئۆي سىرىتى ھەم ئۆي ئىچىدە چاقىرىشقىمۇ ماس كېلىدۇ.
ئەپەندىم دېگەن ئاتالغۇ ئېرىنىڭ تەربىيىلىنىش دەرىجىسىنى تەدرىجىي يۇقىرى كۆتۈرىدۇ بۇ خىل ئاتالغۇلارنى داۋاملىق قوللىنىش ئارقىلىق، ئاياللار ئېرىنى ئېسىلزادىلەرگە ياكى ئالىيجانابلارغا خاس تۇيغۇ شەكلەندۇرگىى بولىدۇ، ئېرىغا مەخسۇس نام قويۇش ئاياللارنىڭ ئېرىنىڭ كۆڭلىنى يارىتىش رولىنى ئوينايدۇ.
04
بوۋىيىم
بوۋىيىم دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتۇكى، قېرىغىچە بىللە ئۆتۈشتەك گۈزەل مەنىنى بىلدۈرىدۇ، ئەرلەر بىلەن ئاياللار قېرىلىقنى ئاڭلاشنى ياقتۇرمايدۇ، بوۋىيىم دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەرلەرنى بارغانچە ئۆزگىرەشكە، پىشىپ يىتىلدۈرۈشكە يىتەكلەيدۇ.
بۇ ئاتالغۇ ئاساسلىقى بەكرەك ياشانغان ئەر-خوتۇنلارغا ماس كېلىدۇ، بىراق ھازىر ياشلاردىمۇ ئەركىلەتمە ئاتالغۇ قىلىپ بوۋىيىم دەپ ئاتاش مودىغا ئايلانماقتا.
05
ئاكا
يىقىندىن بۇيان توردا بۇ خىل ئاتالغۇ ناھايىتى مودا بولدى.
ئەرلەر ئادەتتە ئۆزىنى چوڭ كۆرۈشنى ياخشى كۆرىدۇ، شۇنداقلا ئاكا دىگەن ئاتالغۇغا بەكرەك ئەھمىيەت بىرىدۇ. ئادەتتە ئەرلەر ئاياللاردىن چوڭ بولىدۇ، ئاياللار ئېرىنى ئاكا دېگەن ئاتالغۇ بىلەن چاقىرغاندا بۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە ناھايىتى ياش ۋە كېلىشكەن ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ، كۆپىچە ئەرلەر بۇ ئاتالغۇنى ياخشى كۆرىدۇ.
06
قەدىرلىكىم
توي تۇرمۇشى دېگىنىمىز ھەرقايسى تەرەپلەردە مۇكەممەل بولۇشقا تىرىشىش دېگەنلىكتۇر.
توي قىلىش مېھىر-مۇھەببەتنىڭ ئاخىرلىششى ئەمەس، بەلكى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ يېڭى باشلىنىش نوقتىسى، بەىتلىك بىر تۇرمۇش ياكى ئائىلە سەپىرى مېھىر-مۇھەببەتنىڭ داۋاملىششىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ئاياللار ئېرىنى قەدىرلىكىم دېگەن ئاتالغۇ بىلەن ئاتاش ئارقىلىق ئېرىڭىز بىلەن بولغان ھېسيات ئالماشتۇرۇش بولسۇن ياكى سۈركۈلۈشلەرنى ھەل قىلىش بولسۇن كۆپ ئاسان بولىدۇ، زىددىيەت ئاز بولىدۇ. ھەم بۇ ئارقىلىق ئېرىڭىزگە بولغان مۇھەببىتىڭىز ۋە قەلبىڭىزنى ئىنىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ.
شۇنداقلا بۇ ئاتالغۇ يەنە ئەرلەرنىمۇ بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ، ھەمدە ئۇنىڭ بىر كۈنلۈك كەيپىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
07
جىنىم
جىنىم دېگەن بۇ ئاتالغۇ كۆپىنچە ياشلار ئارسىدا كۆپلەپ ئومۇملاشقان بولۇپ، بۇ ئاتالغۇنى مەن ياخشى كۆرىدىغان ئەرنىڭ قىسقارتىلمىسى دېيىشكە بولىدۇ.
جىنىم دېگەن بۇ خىل ئاتاش، مەيلى مۇھەببەتلىشۋاتقانلار بولسۇن، مەيلى يېڭى توي قىلغان ئەر-خوتۇنلار بولسۇن ھەممىسى ئىشلەتسە بولىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دائىم ئىشلەتكەندە يەنە ەر-خوتۇنلار ئارسىدىكى ھېسسىيات يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.
توي قىلىپ بولغان ئەر-خوتۇنلار بولسۇن ياكى مۇھەببەتلىشۋاتقانلار بولسۇن، ئادەتتە قارشى تەرەپنىڭ ئىسىمىنى چاقىردىغانلار بەك ئاز دەپ قارايمەن، ئۇنداقتا سىزدىن سوراپ باقسام سىز ئېرىڭىز ياكى مۇڭھەببىتىڭىزنى نېمە دەپ چاقىرىشقا ئادەتلەنگەن؟