قانچىڭلار مابىتىڭلار بىلەن مانداق پۇل تۆلەپ تاماق يەپ باققان

文摘   2024-08-31 22:52   新疆  


چۈشلۈك تاماق ۋاقتىمۇ بولۇپ قاپتۇ

بىللە تاماق يەمدۇق، قېنى تاماق تىزىملىكىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان تاماقنى تارتىنماي بۇيرۇتۇڭ

مەن مېھمان قىلىمەن

قانچىڭلار مانداق پۇل تۆلەپ تاماق يەپ باققان

يۇقارقى تاماق تىزىملىكتىن سىز ياقتۇرىدىغان تاماق بولمىسا تۆۋەندىكى تىزىملىكتىن بۇيرۇتساڭلارمۇ بولىدۇ ھە

تاماق بۇيرۇتۇشقا سەۋىيە تاقاشتى شۇنداقمۇ

ھەرخىل گۆش ، بۇ ئاشخانىنىڭ تامىقىنى يېيىشكىمۇ جۈرئەت قىلالمىدىڭىز ھەقاچان 

1.鬼肉拉面

2.等等炒面

3.逃散米饭

4.干煸自己肉

5.浪半整整狗

6.杜甫炒肉

7.播送炒面

8.肌肉版面

9.据塞肉版面

10.许娟羊肉

11.加强豆腐

12.辣椒摩尔炒肉

。。。。

يۇقارقى تاماقلارنى چۈشىدە كۆرگەن بۇ يىگىتنىڭ ئېغىزىدىن شۆلگەي ئاققىلى تۇردى مانا

قارىماققا تاماق بەك ئوخشايدىغان چىراي

ھەممىمىز بىرلىكتە يۇقارقى تاماق تىزىملىكىدىن ئېسىمىزدە قالغىنى بۇيىچە توغرىسىنى ئىنكاس رايۇنىغا يىزىپ چىقمايمىزمۇ باللا

قېنى كىم ئەڭ جىق ئەڭ توغرا يىزىپ چىقالايدۇ

يېقىندا توردا بەزى دۇكانلارنىڭ ئىسمىمۇ قىززىق نوقتا بولدى، چۈنكى كۆپىنچە دۇكان ناملىرىنى سىز مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالماسلىقىڭىز مۇمكىن. 

ئەگەر پۈتكۈل مەملىكەتتىكى ئالاھىدە دۇكان ناملىرىنى رەتكە تۇرغۇزىدىغان ئىش بولۇپ قالسا، شىنجاڭ بىرىنچىلىككە ئېرىشىشى مۇمكىن. 


بەزى دۇكان ناملىرىنىڭ تەرجىمىسىمۇ ناھايىتى ياخشى كەلگەن. 
قارىغاندا بۇ يەرگە جاپا مۇشەققەتتىمۇ بىرگە بولىدىغانلار يىغىلىدىغان جاي بولىشى مۇمكىن
بەزى دۇكانلارنىڭ ئىسىملىرى بىراقلا ئىشتىھايىڭىزنى ئېچىۋېتىشى مۇمكىن. 

تورداشلار ھاياجانلانغان ھالدا: «شىنجاڭنىڭ دۇكان ناملىرى بەك قالتىس» دېيىىشپ كەتتى. 

كۆپىنچە ناۋايخانىلار ** نان شاھى دېگەندەك ئىسمىنى قويۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ ناۋايخانا  «ھوزۇر نانلىرى » دەم نام بېرىش ئارقىلىق، ناننىڭ ئىستېمال قىلىشقىلا ئىشلىتىلىدىغان ئەمەس، بەلكى ئادەمگە ھوزۇر ئاتا قىلالايدىغان ئالىي دەرىجىلىك يېمەكلىك ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى.

ھەتتا بىر سۇلياۋ خالتا توپ سېتىش دۇكىنىنىڭ ئىسمىمۇ ناھايىتى دەبدەبىلىك قويۇلغان. 

لېكىن بەزى دۇكان ناملىرىنىڭ ئوماقلىقىدىن ئىختىيارسىز كۈلۈپ سالىسىز. 
مەسىلەن: ماروژنى ساتقۇچى كىچىك گۈلى ،ئەجىبا بۇ نام «سەرەڭگە ساتقۇچى قىز» دېگەن ئىسىمدىن ئىلھام ئېلىنىپ قويۇلغانمىدۇ؟
ئەگەر بودەكلەر كىيىملىرى دەپلا قويۇلغان بولسا بەلكىم بىر قاراپ قويۇپلا ئۆتۈپ كېتىشىڭىز مۇمكىن، ئالدىغا ئالاھىدە قوشۇلغاندىن كېيىن بودەكنىڭ دەرىجىسى بىر دەرىجە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. 
بۇنىڭدا ئىملا خاتالىقى ۋە سۆزلۈكنىڭ ئۆلچەملىك ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى ھەممەيلەن ئوبدان بىلىمىز لېكىن كىشىگە بىرخىل يۇمۇرستىك تۇيغۇ بېغىشلىغاچقا، بىر تورداش بۇنى رەسىمگە تارتىپ تورغا يوللىغان. 
بەزى شۇئارلارتېخى دۇكان ئىسىملىرىدىنمۇ ۋەھشىي!
ئاسماندىن پوشكال چۈشمەيدۇ، پورتمالىمىزنى چىڭ تۇتايلى...  
ئەگەر بىر تامچە سۇ 5كوي بولسا بىر ماشىنىنى يۇيۇپ بولغىچە قانچە پۇل كىتەر، بولدى ماشىنامنى يۇغۇزماي ئېرىق بويىغا بېرىپ ئۆزەم يۇيىۋالاي
بەزى تەرجىمىلەر ھەقىقەتەن توغرا، لېكىن تەرجىمە قىلىنىپ چىققاندىن كېيىن ئادەمگە يەنە بىرخىل باغلاشمىغاندەك تەسىر بېرىدۇ.  
تىجارەت ۋاقتىنى ۋىۋىسكىسىدىلا ئەسكەرتىۋەتكىنىگە قارىغاندا بۇ بەلكىم كەچتە تىجارەت قىلىدىغان دۇكان بولسا كېرەك؟
بۇ بەلكىم ئاخسا باللار يىغىلىدىغان ئاشخانا بولۇشى مۇمكىن. 
ئاخىرى يېگىلى بولىدىغان تاۋاقنى كۆردۈم!
ياشىغىنىم بىكارغا كەتمەپتۇ! 
ماۋۇ دۇكاندا بىر كېلىن راڭپىزا، بىر كېلىن كاۋاپ، يەنە بىر كېلىن چاي چىقىرىدۇ.
ئاداش نەدە كۆرۈشىمىز؟ 
تېپىلغۇسىز لەڭپۇ-راڭپىزا دۇكىنىدا!
ماۋۇ چوقۇم دوكتۇر ئاشتى دەرىجىلىك تەرجىماننىڭ تەرجىمىسى !
ئۇيغۇرچىسى كەلسە خەنزۇچىسى كەلمىگەن... 
ئۇستام سىلى بۇنداق تەرجىمە قىلىشنى نەدىن ئۆگەنگەن؟ 
ئاغىنە كەچتە ئىشتىن چۈشۈپ مەمەتساۋۇت ئۇستامنىڭ ئوغلىنىڭ پولۇخانىسىغا بېرىپ پولو يەپ كىلەمدۇق.

كۆڭلى ئاق سەتىراچ ئۇستام چېچىمنى چالا تەرجىماندەك ياساپ قويسىڭىز بوپتىكەن. 

ماۋۇ ئاشخانىدا تاماق يېسىڭىز كەلگۈسىڭىز پارلاق بولۇپ كېتىدۇ. 
بەزى ئىسىملارنىڭ تېخى ۋىۋىسكىغا پاتماي قېلىشلىرىمۇ بار تېخى!
ئاشخانىمىزدا ئۆمرىڭىزدە يەپ باقمىغان تاماقلار بار مېھمان!
ئالۋاستى گۆشى لەڭمىنى، توختاپ تۇرۇڭ سومەنلىرى...
ئەگەر كۆڭەللىرى تاتمىغان بولسا ئۆزۈمنىڭ گۆشىنى قۇرغاق قورۇپ ئەپ چىقايما؟ 
ئاشخانىدىن يېنىپ سىرتقا چىققاندىن كېيىن تامدىكى سەۋدايى ئاشىقلارنىڭ كۆڭۈل ئىزھار قىلىش خەتلىرىنى كۆرۈسىز تېخى!
ھەقىقەتەن شىنجاڭنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئېسىل سوۋغاتلىق بولالايدۇ

بۇ ئىسىمدىن يولدىن ئۆتكەنلەر نىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان ئورۇن ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قالارمىكىن دەپ ئويلاپ قالدىم

ئەگەر مەن بولسام بۇ داكانغا قەدەم باسمايتىم، بىر قېتىم ئۈمىدسىزلەنسەم يەنە نىمە قىلىمەن 

ئاداش بۈگۈن بەك ھاردىم، كەچتە بىللە يىراق جايغا بېرىپ ئەنمو قىلدۇرۇپ كىلەمدۇق ، ئەگەر ئاغىنىڭىز بۇ دۇكاننىڭ ئىسمىنىڭ «يىراق جاي»ئىكەنلىكىنى بىلمىسە چۇقۇم كۆڭلىدە دەلتىمۇ بۇ تىللىۋېتىشى مۇمكىن.


يەنە بەزى دۇكانلار بالون قاپىيە ئويناپ قۇيىدۇ.

ئىشقىلىپ بۇ رىستۇرانغا كىرگەنلەرنىڭ ھەممىسى قاملاشقان قىزلار كېلىشكەن ئوغۇللار 

لېكىن بۇ دۇكان-ساراي ناملىرى قېلىپلىشىپ قالغان مەنىسىز ئىسىملاردىن بەكراق ئېسىڭىزدە قالىدۇ، بەزىدە تۇيۇقسىز ئوماق بىلىنىپ كېتىدۇ. 
ئەگەر پۇرسەت بولساچىۋەر قىزلار تىككەن كىيىمنى كىيىپ ئاق كۆڭۈل سەتىراچخانىسىدا چاچنى ياسىتىۋېتىپ چىقىپ ئالۋاستى گۆشى لەڭمىدىن بىرنى يەۋېتىپ تويمىغان يەرگە مەمەتساۋۇت ئۇستامنىڭ ئوغلىنىڭ پولۇخانىسىغا بېرىپ پولو يەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ماروژنى ساتقۇچى كىچىك گۈلىنىڭكىدىن بىر تال ماروژنى يەپ كېلەمىز!
سىز يەنە قانداق قىزىقارلىق دۇكان ناملىرىنى ئۇچراتقان؟ 


DUTTAR NAHXiLiRi
مەخسۇس دۇتتار مەمبۇر ناخشىلىرى يوللايدىغان سالۇن قۇرۇلدى تىزدىن كىرىپ ئەزا بۇلۇڭ ناخشىلار سەرخىل
 最新文章