29 ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻟﯩﺰ ﺟﯧﺪ ﮔﺮﻭﻣﺒﺮﯨﺞ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﺭﻧﯟﺍﻝ ﯞﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ. ﻟﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 190 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﭘﯘﺗﻰ ﺑﺎﺭ.
(ﻟﯩﺰ)
ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﻟﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺵ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ، ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻣﯩﺴﻰ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ.
(ﻟﯩﺰ)
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯧﮕﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯗﻕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻛﯩﻦ، ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻟﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﻙ ﺋﺎﺳﺎﻥ. ﺋﯘ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ «ﺋﺎﻳﺎﻝ ﮔﯩﮕﺎﻧﺖ ﺋﺎﺩﻩﻡ» ﺩﻩﭖ ﺋﺎﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺗﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ، ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ-ﭼﯜﺷﺸﻪﻙ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭﯨﺪﺍ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ.
ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ، ﺋﯚﺳﯜﭖ ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ، ﻟﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺷﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺩﻩﯞﺭﯨﻤﺪﻩ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﻪﯓ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﺪﯨﻢ، ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 15 ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﻩ ﻣﻪﻥ 182 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮﻏﺎ ﻳﻪﺗﺘﯩﻢ، ﺳﺎﯞﺍﻗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﮪﻪﺭﺧﯩﻞ ﻟﻪﻗﻪﻡ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﻣﯧﻨﻰ ﺑﻪﻙ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ. ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﮪﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﻣﺮﺍﻕ، ﺋﯘﻻﺭ <ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ> ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﺷﯩﻖ-ﻣﻪﺷﯘﻗﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﻪﺱ.»
ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻟﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﭖ، ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭘﺎﺷﻨﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻛﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﭖ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ. ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺶ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ.
ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﮪﻪﻝ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ. ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﮪﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﺎﻳﺎﻝ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﻗﯩﺰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺧﯧﻠﻰ ﻳﯜﺯﻯ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭘﺎﺷﻨﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻛﯩﻴﺴﻪﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.»
ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘ ﺟﺎﻣﯧﺲ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ.
(ﻟﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﻰ)
ﺟﺎﻣﯧﺲ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺵ ﭼﻮﯓ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻛﭽﻰ. ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 172 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻟﯩﺰﺩﯨﻦ 18 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﭘﺎﻛﺎﺭ.
(ﻟﯩﺰ ﯞﻩ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﻰ)
ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻗﻮﻝ ﺗﯘﺗﯘﺷﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯜﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼﭖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻟﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ.
ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ ﭘﻪﺭﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻼ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ. ﻟﯩﺰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﭖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﺟﺎﻣﯧﺲ ﺋﯩﻜﻜﯩﻤﯩﺰ ﻛﻮﭼﯩﺪﺍ ﻣﺎﯕﺴﺎﻕ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﻤﯩﺰ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﺎﻣﯧﺲ ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﯩﮕﻪ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ. ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﺋﯘ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﻮﺭﯨﻐﺎ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ.»
ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﻩ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺟﺎﻣﯧﺴﻨﯩﯔ ﻟﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﻙ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﺷﯘﯕﺎ ﻟﯩﺰﻧﯩﯔ «ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪﺭ» ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ.
ﻟﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎﻣﯧﺴﺘﯩﻦ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﻨﻰ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ، ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ: «ﻣﻪﻥ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯚﺯﯛﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﻪﻥ، ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭘﺎﺷﻨﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻛﯩﻴﮕﯜﻡ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭘﺎﺷﻨﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻛﯩﻴﯩﻤﻪﻥ.»
ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺳﯜﺭﻩﺗﺘﻪ، ﻟﯩﺰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭘﺎﺷﻨﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ، ﺟﺎﻣﯧﺲ ﺑﯘ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﺎﻛﺎﺭ ﻛﯚﺭﯛﻧﮕﻪﻥ.
ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﺎﻣﯧﺲ ﻟﯩﺰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ.
ﺑﻮﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ 190 ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭘﺎﺷﻨﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﺳﯩﻤﯘ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﺳﯜﺭﻩﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﻤﯩﻐﺎﻥ.
ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﻗﻮﻻﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ﻳﻮﻕ ﺩﻩﭖ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ.
ﻟﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﻣﯧﺲ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎﻥ. ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ، ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﻗﻮﻝ ﺗﯘﺗﯘﺷﯘﺵ، ﺑﯘ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻟﯩﺰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﭘﺎﺷﻨﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺎﻍ ﻛﯩﻴﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﭗ ﺟﺎﻣﯧﺴﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ.
(ﻟﯩﺰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻝ ﺗﯘﺗﯘﺷﻤﺎﻗﺘﺎ)
ﺳﯚﻳﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺋﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﭖ ﻗﯩﺰ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ. ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺳﻪﻛﺮﻩﭖ ﺳﯚﻳﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ.
(ﻟﯩﺰ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚﻳﯜﺷﻤﻪﻛﺘﻪ)
ﺋﻪﯓ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﭘﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯩﺪﺍ ﺩﻩﺳﺴﻪﭖ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ، ﻗﯩﺰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯚﯞﻩﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚﻳﯜﺷﻜﻪﻥ.
ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﭖ ﺋﺎﺷﯩﻖ-ﻣﻪﺷﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﮪﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺕ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﯓ ﺑﻪﮪﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ-ﭼﯜﭼﯜﻙ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺩﯗﭺ ﻛﻪﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺯﯨﻴﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭖ ﺋﯩﻜﻪﻥ.
ﮪﯧﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ. ﻳﻪﻧﻰ: «ﻛﯩﻢ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﺴﻪ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩﻳﺪﯗ. ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ، ﺑﻪﺧﺘﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ﺑﻮﻟﺪﻯ.»
ﺋﯧﮕﯩﺰ-ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺋﺎﺷﯩﻖ-ﻣﻪﺷﯘﻗﻼﺭ: ﺳﯚﻳﯜﺷﻜﻪﻧﺪﻩ ﺑﻪﻙ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﻤﯩﺰ