ئاياللاركىچىدە قانچە «ئەسكى» بولغانسېرى، ئەرلەر شۇنچە ياقتۇردۇ

文摘   2024-08-31 22:52   新疆  

1. «ئەسكى ئايال» ئالدى بىلەن ئۆزىنى سۆيىدۇ، ئاندىن ئۆزگىنى سۆيىدۇ. 

«ئەسكى» ئاياللارنىڭ ماھىيىتى ئۆزىنى ئائىلە ۋە سۆيگۈنىنىڭ ئالدىغا قويۇش بولۇپ، ئۇلار باشتىن-ئاخىر باشقىلارغا بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭمۇ ئۆزىنى سۆيۈش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا بولىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. ئەگەر ئۆزىنى ئۆزى سۆيمىسە، مۇھەببەتنىڭ مەنبەسى قۇرۇپ كېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا مۇھەببەت ئوزۇقى بولمىغاچقا ئاستا-ئاستا مەۋجۇتلىقىنى يوقىتىدۇ.

2. تەلەپ قىلىپ ئېرىشىشنى بىلىدىغان ئاياللارنىڭ بەختى ئۆزلۈكىدىن چېچەك ئاچىدۇ.كىشىلىك مۇناسىۋەتتە، مۇۋاپىق تەلەپ قىلىش قارشى تەرەپنى ئۆزىنى سۆيۈشكە تەكلىپ قىلىش ئۈچۈندۇر. 

مۇۋاپىق تەلەپ قىلىشنى بىلىدىغان ئايال سۆيۈملۈك ھەم مۇستەقىل بولىدۇ. ئۇلار مۇناسىۋەتنى ياخشى ئىگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئېنىق تونۇپ يېتەلىگەن بولىدۇ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بەدەل تۆلەش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىچ ئاغرىتىشىغا ئېرىشىشنى ئويلىمايدۇ.ھەقىقىي سۆيۈشنى بىلىدىغان ئاياللار ھېسسىياتنىڭ پەقەت بەدەل تۆلەشلا ئەمەس، يەنە تەلەپ قىلىش ۋە ھۇزۇرلىنىش ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ھەر ئىككى تەرەپ تەڭ كۈچ چىقىرىپ ئېرىشكەن بۇ ھېسسىياتنى قەدىرلەيدۇ؛

3. ئاياللار قانچە «ئەسكى» بولغانسېرى، شۇنچە بەختلىك بولىدۇ. 
ئاياللار ئىچ مىجەز خاھىشلىق جانلىق بولۇش سۈپىتى بىلەن دائىم ئۆزىنىڭ ھەقىقىي ئوي-خىيالى ۋە ئارزۇسىنى يوشۇرۇشنى تاللايدۇ، بولۇپمۇ ئۆزىنى قۇربان قىلىش بەدىلىگە ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىم مۇناسىۋەتنى قولغا كەلتۈرگەندە، تەلەپ قىلمايدىغان ئاياللارنىڭ قەلبىدە يېتەرلىك ئىشەنچ كەمچىل بولۇپ، ئۆزى تەلەپ قىلغاندىن كېيىن رەت قىلىشقا ئۇچراشتىن، ھەتتا قارشى تەرەپنىڭ نارازى بولۇشىدىن ئەنسىرەيدۇ. ئۆزىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغان ھەمدە مۇۋاپىق تەلەپ قىلغان «ئەسكى ئايال»، ئۇلار ئۆزىنىڭ قىممىتىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، باشقىلارغا بېقىنماي مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، خاتىرجەم ياشايدۇ، ئۆزىگە ئىشىنىدۇ ۋە سەگەك بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۆزىنىڭ ئېھتىياجىنى ئۇدۇللا ئېيتسىمۇ، بۇ ئىككى ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ئازادە قىلىدۇ. 

قانداق قىلغاندا بىر «ئەسكى ئايال» بولۇپ، ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە بەختلىك ياشىغىلى بولىدۇ؟ 
1. ئۆزىنى قەدىرلەش
«ھاياتتا يېنىكلىككە بەرداشلىق بەرگىلى بولمايدۇ» دېگەن كىتابتا مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار: «ئۇنى بىزار قىلىدىغىنى دۇنيانىڭ بەتبەشىرىلىكى بولماستىن، بەلكى بۇ دۇنيانىڭ چىرايلىق نىقابى.» 
2. ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش
توردا مۇنداق بىر ھېكمەت بار: «ئۆز قىممىتىڭىز بولغاندىلا، ئاندىن دوستلىرىڭىز ھەتتا ناتونۇش كىشىلەرمۇ بۇرۇلۇپ سىزگە ھەمراھ بولۇشنى خالايدۇ. دۇنيانىڭ رېئاللىقىدىن ئاغرىنماڭ، ئۆزىڭىزنى يۈكسەلدۈرگەندىلا ئاندىن ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆزىڭىز بېرەلەيسىز.» ئۆزىنى يۈكسەلدۈرۈش جەريانى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى تەدرىجىي ئاشۇرۇش جەريانىدۇر. 
3. ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش 
ئۆزىنىڭ سۆيۈلۈشكە ئەرزىگۈدەك ئادەم ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەندىلا، ئاندىن ئىللىق مۇھەببەتنى ئۈزلۈكسىز جەلپ قىلغىلى بولىدۇ. مۇھەببەت- بىر خىل ھەرىكەتچان ماگنىت مەيدانى. ئۆزىنى ئېتىراپ قىلىش، ئۆزىنى ئەركىن قۇش دەپ قاراش ئارقىلىق ھاۋادەك راھەت، ساپ مۇھەببەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.


DUTTAR NAHXiLiRi
مەخسۇس دۇتتار مەمبۇر ناخشىلىرى يوللايدىغان سالۇن قۇرۇلدى تىزدىن كىرىپ ئەزا بۇلۇڭ ناخشىلار سەرخىل
 最新文章