ئاياللارنىڭ سىھرىي كۈچى چىرايلىقلىقىدىن ئەمەس بەلكى....

文摘   2024-10-01 21:54   新疆  


ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ رىسقى قوشۇلىشى تەقدىر پىشانىدىن بولىدۇ ، ئىككى ئادەمنىڭ ئىناق ئۆتىشى سەمىمىيلىككە تايىنىدۇ


كۆڭلىڭىزدىكى كىشىگە ئېرىشىش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ، بىرى بىر كۆرۈپ ئاشىق بىقارار بولۇپ قېلىش، يەنە بىرى چۈشىنىش جەريانىدا ئاشىق ـ بىقارار بولۇش

بۇ دۇنيادا بىرسى بىرسىگە يۈز كېلەلمەيدىغان ئىش بولمايدۇ، ئادەملەر ئارىسىدا پەقەت بىر ـ بىرىنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغانلارلا مەۋجۇت خۇددى قەدرىمىز ئۆتۈلمەمدۇ، بۇ شەھرىڭدىن كەتكەندە دېگەنگە ئوخشاش

 

ئەرلەرنىڭ سېھرىي كۈچى قانچىلىك پۇلدار بولىشىدىن ياكى قانچىلىك كېلىشكەن بولىشىدىن ئەمەس بەلكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشقا جۈرئەتلىك بولۇشتىن كېلىدۇ

ئاياللارنىڭ سېھرىي كۈچى چىرايلىق بولىشىدىن ئەمەس بەلكى مۇلايىم ۋە كەڭ قورساق بولىشىدىن كېلىدۇ


ھاياتتا مەيلى دوستلۇق، ئۇرۇق ـ تۇققاندارچىلىق ۋە ياكى سۆيگۈ ـ مۇھەببەتتە بولمىسۇن سىزدىن ئايرىلماي سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولغان كىشى ئەڭ گۈزەل ھېسابلىنىدۇ

ھەققىي باھادىر قۇلاق ھەر قانداق ئاۋازنى ئاڭلىيالايدۇ، ھەقىقىي باھادىر كۆز بولسا قەلبىڭىزنى تېشىپ ئۆتۈپ ئىچكى دۇنيارىڭىزدىكنى كۆرۈپ يېتەلەيدۇ

كۆرگىنىڭىز كۆرگەن ھېسابلانمايدۇ ، كۆرگەن تەقدىردىمۇ ماھىيىتىنى كۆرەلىشىڭىز ناتايىن

ئېنىق كۆرگىنىڭىز چۈشەنگەنلىك ھېسابلانمايدۇ، چۈشەنگىنىڭىز ماھىيىتىگە يەتكىنىڭىز ئەمەس


باشقىلارغا ئازار بەرمەڭ، ھەتتا ھاشارەتلەرمۇ شۇنىڭ ئىچىدە، سىزگە زىيان يەتكۈزمىگەن ھەر قانداق جانلىققا ئازار بەرسىڭىز، بۇ قىلغىنىڭىز ئاخىر بىر كۈنى ئۆزىڭىزگە يېنىپ قالىدۇ

 

يۈز - ئابروينى بەك چوڭ بىلمەيدىغان بولغان ۋاقىتتا ئاندىن ئۆزىڭىزنىڭ ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىڭىزنى ھېس قىلىسىز

بىرسىنى ئۇچرىتىشنىڭ ئۆزى دۇنيادىكى گۈزەل ئىش ھېسابلىنىدۇ، ئۇچرىشىش سىزگە بەخت ئېلىپ كېلىدۇ

مەيلى دوقۇرۇپ ئۆتۈپ كەتكەن كىشى بولسۇن ۋە ياكى سىز بىلەن بىر ئۆمۈر بىللە ئۆتكەن كىشى بولسۇن ھەممىسى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى، سىز ھايات مۇساپىڭىزدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان بۇ دەقىقىنى قەدىرلىشىڭىز كېرەك

ھايات بىر قېتىملىق سەپەرگە ئوخشايدۇ، سەپەر داۋامىدا كىمنى ئۇچرىتىشڭىزنى بىلمەيسىز، ئەمما بىرسى بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ ئۆزى بىر مۆجىزە

مەن مېنى دوستۇم دەپ ئاتىغان ھەر قانداق كىشىنى قەدىرلەيمەن، ئۇلارغا قەلب تۆرۈمدىن ئورۇن بېرىمەن



DUTTAR NAHXiLiRi
مەخسۇس دۇتتار مەمبۇر ناخشىلىرى يوللايدىغان سالۇن قۇرۇلدى تىزدىن كىرىپ ئەزا بۇلۇڭ ناخشىلار سەرخىل
 最新文章