ﺟﯩﻨﺲ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺑﺎﻱ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ

文摘   2024-10-12 23:29   新疆  


ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ، ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻛﯚﯕﻠﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ، ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ، ﺗﻮﺭ ﭘﺎﻳﭙﺎﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ، ﻗﯩﺰﻻﺭﺩﻩﻙ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﺭﯗﻕ-ﺗﯘﻏﻘﺎﻥ، ﺩﻭﺳﺖ-ﺑﯘﺭﺍﺩﻩﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﺳﯘﺷﻰ ﯞﻩ ﺋﯚﺭﭖ-ﺋﺎﺩﻩﺕ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ، ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻗﺘﺎ. ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ﻳﻪﯞﺍﻟﻐﺎﻥ، ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺗﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯩﻨﺲ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﭖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ.

ﺗﺎﺭﺍﺗﻘﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﯞﻳﯧﺘﻨﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﺟﯩﻨﯩﺲ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﭖ، ﺑﯩﺮ ﭘﯘﻟﺪﺍﺭ، ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻻﻡ ﺧﺎﻧﭽﻰ (Lam Khanh Chi) ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻜﻰ، ﻳﻮﭘﻜﯩﺴﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﺸﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ، ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﺯﯗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ.

ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻧﺎﻡ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺗﺎﻳﻼﻧﺪﻗﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺟﯩﻨﺲ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺲ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ. ﺟﯩﻨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺭ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯞﻩﺗﻜﻪﻥ. (ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯚﺯﻟﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﻼﺭ ﮪﻪ)


ﮪﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﻗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺟﻨﯩﺲ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺎﻟﺴﯩﻤﺎﻥ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﻛﯩﻤﻤﯘ ﺋﺎﻻﺭ ﺩﻩﭖ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ، ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﺎﺵ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﺭﯗﻏﺎﻥ. ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﺎﻱ، ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﻟﻪﻱ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺰﻻﺭﻏﯩﻤﯘ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ. ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ، ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ.

ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ، ﺋﯩﻜﻜﯩﻴﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﯞﻩ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﻰ ﺋﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ-ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ، ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﮪﻪﻡ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮﻱ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ.

ﺟﯩﻨﺲ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﺗﺴﯩﻴﻪﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ، ﻻﻡ ﺧﺎﻧﭽﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﭙﯧﺮﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﯕﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺗﻮﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯘﺧﯘﻡ ﺋﺎﺭﯨﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ. ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﻩ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ، ﻻﻡ ﺧﺎﻧﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﺎﻕ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﻼﭖ، ﮪﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮪﻪﻳﺮﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ.


ﮪﺎﻟﺒﯘﻛﻰ، ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻥ، ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻻﻡ ﺧﺎﻧﭽﻰ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺳﯘﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﻟﺪﯨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺟﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ، ﮪﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻝ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ، ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺑﺎﻻ ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ. ﺗﻮﺭﺩﺍﺷﻼﺭ ﺑﻪﺱ-ﺑﻪﺳﺘﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻠﮭﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ، ﻗﻪﻳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ.


DUTTAR NAHXiLiRi
مەخسۇس دۇتتار مەمبۇر ناخشىلىرى يوللايدىغان سالۇن قۇرۇلدى تىزدىن كىرىپ ئەزا بۇلۇڭ ناخشىلار سەرخىل
 最新文章