شۇنداقمۇ كىشىلەر باركەن ، ئۇخلاپ قوپۇپ ، ئورۇنىنى يىغمايدىغان ، چېچىنى مۇنداق بىر تۇرۇۋېلىپلا ئۇ يەر بۇ يەردە يۈرىدىغان ، باشقا ئىشى بولمىسا ئۆيدىن تالاغا چىقمايدىغان ، سىرتقا چىقىپ تاماق يېيىشمۇ ، كوچا ئايلىنىشمۇ خوش ياقمايدىغان ، شۇنداقتىمۇ يەنە بەزى ئىشلارغا خېلى ئىشتىياقى بار
مەسىلەن : رومان ئوقۇش ، رەسىملىك ھېكايە كۆرۈش ، كىنو كۆرۈش دېگەندەك . ئادەتتە ئۆلسىمۇ ئۆي تازلىمايدىغان ، ئاندىن مەلۇم بىر كۈنى تازىلىمىسا بولمايدىغان يېرىگە يەتكەندە ھېرىپ ئۆلەي دەپ قالدىغان ، مۇھەببەت كەچۈرمىشى بىلەن قىزغىنلىق دېگەن نەرسىدىن ئەسەرمۇ يوق ... ھىم ، بەلكىم بۇنداق كىشىلەرنى ھېچكىم ياخشى كۆرمەس
《 مۇھەببەت يولۇڭ ئوڭۇشلۇقمۇ ؟ 》
《 يولدا بىرمۇ ئادەم يوق ، شۇنداق راۋان ، شۇنداق ئوڭۇشلۇق 》
راست دەۋاتىمەن ، سېنى بەك سېغىندىم . تۇيۇقسىز بەكلا سېغىندىم . سېنى ئويلىغىنىمدا يۈرۈكۈم ئاغرىيدۇ ، كۆزلىرىم نەملىنىدۇ . بايا تېلېفوندىكى ئالبۇمۇمنى رەتلەۋېتىپ سېنى بۇرۇن يوشۇرۇن تارتىۋالغان رەسىملەرنى كۆردۈم ، بەزىلىرىنى يۇيىۋەتتىم ، يۇيغان چاغدا يۈرۈكۈم خۇددى پىچاق بىلەن بىر تال بىر تالدىن تىلىنغاندەك بولدى . ھەي ، سەن ئۇخلىغانسەنمۇ ، مەن ئۇخلىدىم ، خەيرلىك كەچ