ئاستىدىكى قۇيۇش بەلگىسىنى بىسىپلا كۆرۈڭ
ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﺘﺎ ﺋﻪﺭ-ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ﻧﺎﮪﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮﯓ، ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﮪﻪﻡ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻱ-ﺧﯩﻴﺎﻟﻰ، ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﯨﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭙﻼ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻩﺭ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﻳﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﺳﯚﻳﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯚﯞﻩﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺵ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﭼﯩﻦ ﺩﯨﻠﯩﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯩﺪﯗ.
ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﺳﯩﺰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻘﺎ ﻣﻮﮪﺘﺎﺝ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﯓ، ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﯓ، ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﯜﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺳﺎﻳﺎﮪﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﯞﺍﻗﺘﯩﯖﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﮪﻪﻣﺮﺍﮪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﯞﺍﻗﺘﻰ ﭼﯩﻘﻤﯩﺴﺎ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﻣﺎﻳﺪﯗ.
2. ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ
ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﮪﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻣﯘﯞﺍﭘﯩﻖ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ، ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯩﮕﯩﺖﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﯞﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺳﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﯩﻜﻰ ﺩﻭﺳﺖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﮪﻪﺭ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘ ﺳﯩﺰﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ، ﮪﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘ ﻳﯩﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﺭﻗﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺳﻘﯩﻨﻰ ﺩﻩﻝ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﮔﯩﻨﻰ ﮪﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ.
3. ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﯕﻠﯩﯖﯩﺰﺩﻩ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﺷﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ
ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻣﯘﮪﻪﺑﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﯕﻠﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﮪﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ، ﺋﯩﻜﻜﻪﻳﻠﻪﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ ﺩﻩﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﺷﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﻛﯧﺮﻩﻙ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ، ﺳﯩﺰﮔﻪ ﭘﻪﺭﯞﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯨﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ، ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ.
4. ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼﻧﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ
ﮪﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺋﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ، ﻛﯚﭖ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻗﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﯩﻼ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ، ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺩﯦﻤﻪﻳﺪﯗ،ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺴﯘﻥ ﺩﻩﻳﺪﯗ، ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﯚﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﮪﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﮪﯟﺍﻟﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯗ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﻮﻗﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﮪﯧﭽﻘﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ، ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ-ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻮﻏﯘﻕ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺴﺎ ﺋﯩﺶ ﻳﻮﻏﯩﻨﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ، ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﯞﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺰﺩﻩﭖ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯗ.
5. ﺑﻪﻙ ﮪﯧﺮﯨﭗ-ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ
ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﭼﺎﺭﭼﺎﭖ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺋﯘ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻛﻮﺗﯘﻟﺪﺍﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﺋﻪﻳﯩﺒﻠﻪﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ، ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺑﻪﺯﯨﺪﻩ ﮪﻪﺗﺘﺎ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎﺭﭼﺎﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ، ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﯓ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﮪﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚﺭﯨﺪﯗ.