8ئايلىق بالسنى ئۆلتۈرۋەتكەن ياپۇنىيەلىك ئانا،ئاياللارنى يىغلاتتى

文摘   2024-11-21 17:35   新疆  


ئويلاپ بېقىڭ، تېلۋېزورنى ئەمدى ئېچىپ كۆرگەن ۋاقتىڭىزدا بىر ئاپىنىڭ مۇنچىدا سەككىز 

 ئايلىق بولغان بالىسىنى تۇنجۇقتۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قويغىنىنى كۆرسىڭىز قانداق ھېسياتتا بولىسىز؟ ئاچچىقلامسىز؟ ئۆز بالىسىنى ئۆلتۈۋەتكەن ئاپىنى  قاتتىق تىللامسىز؟ 

يېقىندا دوستلار چەمبىرىكىنى بىر ئالغان ياپونىيە تېلۋېزىيە-تىياتىرى 《坡道上的家》دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش قورقۇنۇشلۇق ئاپىنىڭ ئۆز بالىسىنى ئۆلتۈرۋېتىش دىلوسى سۆزلەنگەن.



لېكىن بۇنى كۆرگەندىن كىيىن نۇرغۇن ئاياللار بۇ ئاپىغا ئىچ ئاغرىتىشتى.

نۇرغۇن تورداشلار بارلىق خانىم-قىزلارنىڭ بۇ ڧىلىمنى بىر كۆرۈپ بېقىشنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. مەنچە ئېلىپ ئېيتقاندا قىز-ئاياللارلا ئەمەس، بارلىق ئەرلەرمۇ چوقۇم بىر كۆرۈپ بېقىش كېرەك.

ئايال باش پىرسوناژ لى شازى  سوتتا ئۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ باش جىنايەتچى ئەن تېڭ ئادەتتە بالىسىغا قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۇنى ئەيىپلىشىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىدى، بىرى ئەن تېڭنىڭ ئۆزى يالغۇز بالىغا قاراپ ھېرىپ ھالىدىن كىتەي دىسىمۇ قىيىنئاپىسىنىڭ ياردىمنى رەت قىلدى، بالا يىغلاپ كەتكەندە بالىغا ئاچچىقلاپ ۋارقىرايدۇ، ياكى بالا بىلەن كارى بولماي تېلۋېزور كۆرۈپ ئولتۇرىۋېرىدۇ دىدى.

بالىنىڭ يىتىلىشى باشقىلاردىن ئاستا بولغاچقا ئەن تېڭ كۆپ ۋاقىتتا ئاچچىقىنى بالىدىن ئالاتتى، ئۇراتتى، ئەتراپىدىكىلەر ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشغا چىداپ بولالمىغان، بۇنداق ئايالنىڭ قانداقمۇ ئاپا بولۇش سالاھىيىتى توشسۇن دەپ ئەيىپلەشكەن.

ئەن تېڭنىڭ يولدىشى بولسا كىشىلەرنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ گۇناھسىز زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئىدى، ئۇ سوتتا بۇ ئىشتا ئۆزىنىڭمۇ خاتالىقى بارلىقىنى ئېيتقان، ئۇ: ئايالىمنىڭ بالىنى بۇنداق قىينايدىغانلىقىنى بالدۇرراق بايقىغان بولسام بۇنداق تىراگىدىيە يۈز بەرمەيتتى. مەن ئىزچىل دەم ئېلىشلاردا ئايالىمغا ياردەملىشىپ كەلدىم، بالىغىمۇ قارىشىپ بەردىم.

ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلار ئۇنى بىر مەسئۇلىيەتچان دادا دەپ بىلەتتى.

لېكىن ئەمەلىيەت راست شۇنداقمىدۇ؟ ئۇنىڭ بايانلىرى بىلەنلا بۇ ئاپا پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكمۇ؟ 

ئادوۋكاتلارنىڭ بىر-بىرلەپ سورىقى ئاستىدا بۇ دادىنىڭ ئەپتى-بەشىرىسى ئاخىرى ئېچىلغان، ئۇ ئەزەلدىن دادىلىق بۇرچىنى ئادا قىلىپ باقمىغان بولۇپ بىر ھەپتىدىكى 5 خىزمەت كۈنىدە ئۇ كۈندە كەچ سائەت 11دىن كىيىن ئۆيگە قايتىدىكەن، بەزىدە قايتىپ كەلمەي سىرىتتا قونۇپ قالىدىكەن.

دەم ئېلىش كۈنىدە بولسا ھېچ ئىش بىلەن كارى بولماي ئۇخلايدىكەن.

نۇرغۇن قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن تۇغۇتتىن كىيىنكى خامۇشلۇق كېسىلى بولۇپ قالىدۇ، ئەن تېڭمۇ شۇنداق ئىدى، بەزىدە ئۇدا نەچچە كېچىلەپ ئۇخلىيالمايتتى، سۈتى يېتىشمەي بالىسى يىغلاپ بالىنى بەزلەپ بولالماي ھېرىپ ھالىدىن كىتەتتى، لېكىن ئۇنىڭدىن ھال سورايدىغان بىرىمۇ يوق ئىدى، قىيىنئاپىسى ئۇنىڭغا قاخشاپ بىر بالىنىمۇ ئوڭشاپ باقالمامسىز دەپ ئۇنى ئەيىپلەيتتى. يولدىشى بولسا: ھەممە ئاياللار بالا تۇغۇپ بالا باقىدۇ، بۇلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، ئەجىبا سىزلا بۇلارنى قىلالمامسىز؟ دەپ تىللايتتى.

كىشىنى تېخىمۇ بىئارام قىلغىنى ئەن تېڭ بۇلارغا چىدىيالماي ئاران تۇرغاندا يولدىشى بىر قىزنى ئۆيگە باشلاپ كەلگەن، بۇ قىز ئۇنىڭ بۇرۇنقى قىز دوستى ئىدى. 

يولدىشى ئەن تېڭغا: بۇ مىنىڭ ئالىي مەكتەپتە ئارلاشقان قىز دوستۇم سىز ئۇنىڭدىن قانداق بالا بېقىشنى ياخشى ئۆگىنىڭ دىگەن. كۆز ئالدىدىكى بۇ چىدىغۇسىز ئەھۋال ئەن تېڭغا تېخىمۇ چوڭ زەربە بولغان.. 

ئەن تېڭ ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئۇلار ئۈچۈن بىر بالا تۇغۇش قورالى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان، بارا-بارا ئۇنىڭ روھىيتىىن مەسىلە چىقىپ خامۇشلۇق كېسىلى ئېغىرلاپ كەتكەن، روھىي جەھەتتە مەسىلە چىققان بىر ئاپا بالىغا قانداقمۇ جايىدا قارىيالىسۇن؟ 

سالونىمىزنى قوللاش يۈزسىدىن تۆۋەندىكى ئېلاننى بىر چېكىۋېتىپ ئاندىن داۋامىنى ئوقۇغان بولسىڭىز تولىمۇ مىننەتدار بولاتتۇق.



بەلكىم بۇ جەرياندا ئەن تېڭ كۆيۈنۈش ۋە ياردەمگە ئېرىشكەن بولسا، ئەتراپىدىكىلەر ئۇنى چۈشىنىپ ئۇنىڭغا ياردەم قىلغان بولسا، يولدىشى ئەن تېڭغا كۆڭۈل بۆلۈپ ئۇنىڭ نورمالسىزلىقىنى بالدۇر بايقىغان بولسا بەلكىم بۇ تىراگىدىيە كېلىپ چىقماس ئىدى.

بۇ ڧىلىمدىكى باش پىرسوناژ لى شازى بۇلارنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئەن تېڭ بىلەن ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان، ئۇمۇ كۆپ قىسىم ياپونىيە ئاياللىرىغا ئوخشاش توي قىلغاندىن كىيىن خىزمىتىدىن ئىستىپا بېرىپ ئۆيدە بالىغا قارىغان. يولدىشى ئۇنىڭ قەتئيلا ياردەملەشمەيتتى.

ڧىلىمدىكى يەنە بىر جۈپ ئەر-ئايالمۇ ئوخشاش ئەھۋالدا ئىدى، ئايال سوتچى بىر كۈن ئىشلەپ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە يولدىشى ئۇنىڭغا: باشقا خىزمەت تېپىڭ، بالىغا قاراشقا ۋاقت چىققۇدەك خىزمەت تېپىڭ دەيدۇ.

 ئايالى: بىز ئىككىيلەن بىللە خىزمەت قىلىمىز، بالىغا تەڭ قارايمىز دېيىشكەنغۇ؟ 

يولدىشى: مەن تېخى سىزنى بالا تۇغقاندىن كىيىن قارارى ئۆزگۈرەمدىكىن دەپتىمەن.

ئايالى: ئەگەر سىزنىڭ بۇنداق دەيدىغىنىڭىزنى بىلگەن بولسا ھازىرچە بالا تۇغماسكەنمەن..

مانا بۇ ئۇلار ئوتتۇرسىدىكى ئاددىي بىر دىئالوگ.

بىر قىسىم مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى يوق ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ئايالى ئىككىسى باراۋەر ئەمەس،  ئۇلار ئاياللارنىڭ ئۆزى يالغۇز بالا بېقىشى چوقۇم قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دەپ ئويلاپ ئۇلارغا بېسىم قىلىدۇ، ئايالىغا بارلىق مەسئۇلىيەتنى ئىتتىرىپ قويۇشتىن يانمايدۇ، ئايالىنى خۇددى بالىغا ئۆزى قارىمىسا ھەممىسىگە يۈز كېلەلمەيدىغاندەك ھېسياتقا ئەكىلىپ قويىدۇ.

ئاياللار بولسا بۇ بېسىم ۋە ھېرىپ-چارچاشلار ئاستىدا بارا بارا ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، ھەتتا ئېغىرراق بولغاندا روھىيىتىدىن مەسىلە چىقىدۇ. نۇرغۇن ئەرلەرنىڭ بالىلىق بولغاندىن كىيىن سىرىتقا قاراپ قېلىشى دەل مۇشۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان.

لېكىن بەزى كىشىلەرنىڭ بالا تۇغۇش بېقىش ئاياللارنىڭ مەجبۇريىتى، مەيلى قانداق قىيىنچلىق بولسا چىشىنى چىشلەپ ئۆتكۈزۋېتىش كېرەك، نېمە تۇغۇتتىن كىيىنكى خامۇشلۇق دىگەنلەر مەۋجۈت ئەمەس، ھەممىسى باھانە دېيىشلىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ ھەم غەزىپىنى قوزغايدۇ.

يەنە مۇنداق بىر ھەقىقەت بار:

بىر ئاپا بىر مىنۇت بالىغا ياخشى قارىيالماي ياكى بىر كۈن ئۆينى تازلىيالماي، تاماق ئەتمەي قالسا ياخشى ئاپا، ياخشى ئايال بولۇشقا لايىق ئەمەس دەپ ئەيىپلىنىدۇ، لېكىن بىر ئەر تېلڧۇنىنى قويۇپ بىر مىنىۇت بالىغا قاراپ قالسا ياخشى دادا دەپ تەرىپلىنىپ كېتىدۇ، مانا بۇ پەرىق.

توي قىلىپ، بالا تۇغۇپ بالا باققۇچە بولغان بۇ جەرياندا بىر قىسىم ئاياللار پۈتۈنلەي ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدۇ، بۇ خىل روھىي ئازاپ بالا تۇغۇش جەريانىدىكى ئاغرىقتىنمۇ قورقۇنۇشلۇق. مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن شۇ نۇقتا ئېنىق بولۇش كېرەك: تويدىن كىيىنكى تۇرمۇش ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق كۈچ چىقىرىشى بىلەن تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ، ئاياللار ھەرگىزمۇ بالا تۇغىدىغان ھەم بالا باقىدىغان قورالغا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك، بالىلارنى بېقىش تەربىيلەشتە ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇريىتى بار، ئىككى تەرەپ تەڭ كۈچىگەندە بۇ ئائىلە ئاندىن ئىناق ھەم بەخىتلىك ئائىلە بولىدۇ.

ئەرلەرنىڭ بالىغا قارىشى ياردەملىشىش بولماستىن بەلكى ئۇ بىر مەسئۇلىيەت. ھەر بىر قىز،  ھەر بىر ئاپا: سىز ئايال ئاتىلىشتىن ئىلگىرى بىر ئادەم، سىز مۇكەممەل بولمىسىڭىز بولىدۇ، لېكىن سىز مۇھەببەتكە ۋە كۆيۈنۈشكە ئېرىشىشكە ئەرزىيسىز!

DUTTAR NAHXiLiRi
مەخسۇس دۇتتار مەمبۇر ناخشىلىرى يوللايدىغان سالۇن قۇرۇلدى تىزدىن كىرىپ ئەزا بۇلۇڭ ناخشىلار سەرخىل
 最新文章