يەنەمۇنداق سۈرەتكەچۈشەمسز؟ ئۇلارتويلۇق سۈرىتدەھاياتىدىن ئايرىلدى

文摘   2024-10-11 23:10   新疆  


شۇنداق قىلىپ يېڭى بىر جۈپلەرنىڭ توي قىلىدىغان ئالتۇن مەزگىلىمۇ كىلىپ قالدى. بەزىلەر ئاياللارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل دەقىقىسى سۆيگىنى ئۈچۈن توي كۆينىكى كەيگەن ۋاقتى دەيدۇ.
مانا مۇنداق رومانتىك دەقىقىلەر
چۈش كەبى، خۇددى چۆچەكلەردىن مېڭىپ چىققان مەلىكىگە ئوخشاش
گەرچە سىز كۆرگەن بۇ ھالەت چىرايلىق بولسىمۇ، پەقەت تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈپ باققانلارلا تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈشنىڭ قانچىلىك تەس ۋە خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەن.
قارىماققا مۇھەببەتكە تولغان ھەر بىر پارچە تويلۇق سۈرەتنىڭ ئارقىسىدا، بىر جۈپ قىز-يىگىتنىڭ جاپالىق سەرگۈزەشتىسى بولىدۇ.
چىرايلىققىنە كۆينەك كىيىپ، مەلىكىدەك ئولتۇرغان قىزنى دېڭىز دولقۇنى يوپۇرۇلۇپ كېلىپ سەگىتىپ قويدى.بۇ بىر جۈپلەر خىيالىدا، دېڭىز بويىدىكى خادا تاش ئۈستىدە، ئەتراپتىكى گۈل ۋە چايكىلار بىلەن بىللە رەسىمگە چۈشمەكچى ئىدى. فوتوگرافمۇ مۇكەممەل بىر سۈرەتكە تارتىپ، ئاشىق-مەشۇقلارنىڭ بەختىنى خاتىرىلەيمەن دەپ ئويلىغان بولغىيتتى.
ئەگەر قەھرىتان سوغۇقتا سۆرەتكە چۈشۈشنى تاللىسىغۇ بولدى،بەزى نادان قىزلار ئاپئاق قار ئۈستىدە ئوتقاشتەك قىزىل توي كۆينىكى كىيىپ رومانتىكىلىققا تولغان توي سۆرىتىنى خاتىرە قالدۇرىمەن دەپ ئويلايدۇ،لېكىن رېئاللىق تولىمۇ رەھىمسىز. ئەمىليەتتە ئۈستىدىكى جۇۋىسىنى سېلىشمۇ ئۇلارغا نىسبەتەن بىر غەلبە.
تەسەۋۇرۇمدا مېنىڭ سۆيگۈنۈم بىر ئاق ئاتلىق شاھزادە ئىدى. مەن ئات ئۈستىدە، ئۇنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇراتتىم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن شاھزادەم بىلەن بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرەتتۇق.
لېكىن رېئاللىقتا، شاھزادە ئاتا باقارغا ئايلىنىپ قالدى. مەن مۇسابىقە مەيدانىغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان چەۋەندازغا ئوخشاپ قالدىم.ئاھ ، كۆز يېشىم دەريا بولدى... خىيال بىلەن رېئاللىقنىڭ پەرقى شۇنچە چوڭ بولسىمۇ، رومانتىكىلىققا بولغان ئىنتىلىشىدىن ۋاز كېچىشكە ھەرگىز بولمايدۇ.
ئۇلار ئۆلۈمگە پىسەنت قىلمايدىغان ئەزىمەتلەرگە ئوخشاش، ھەر خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق مۇھەببىتىنى ئىزھار قىلماقتا.
ئادەتتىكى بىر پارچە چىملىقتىمۇ، ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان قىياپەت بىلەن، كىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان سۈرەتكە چۈشۈش كېرەك، بولمىسا «مەنمۇتويلۇق سۈرەتكە چۈشۈپ باققان» دېيىشتىن نومۇس قىلىپ قالىدىغان گەپ.
مەن بۇ ئىككەيلەننى سېرك ئارتىسىمىكىن دەپ گۇمان قىلىۋاتىمەن. بۇنداق قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى ھەرىكەتنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ قىلالىشى ناتايىن.يەنە بۇ بىر جۈپلەرگە قاراڭ.
قارىغاندا، قىزلار تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈشتىن بۇرۇن ئوبدان ئورۇقلىسا بولغۇدەك، بولمىسا رەسىمنى تارتىپ بولغۇچە يىگىتنىڭ بېلى قايرىلىپ كەتمىسۇن يەنە، ئەسقاتىدۇ.
بۇ سۈرەتكە ئۈچ مىنۇت قاراپ ئولتۇردۇم. لېكىن يەنىلا چۈشىنەلمىدىم. قانداقمۇ بۇ قىياپەتنى ساقلاپ سۈرەتكە چۈشەلىگەندۇ؟
ئاكا، سېرك ئۆمىكىگە كىرىپ ئىشلەڭ جۇمۇ، قالتىس ماھارىتىڭىز بار ئىكەن.
چوڭقۇر ھېسسىياتنى ئىپادىلەش ئۈچۈن 360 گرادۇسلۇق ئايلانما قىياپتىدە سۆيۈشۈش كېرەك ئەلۋەتتە. قاراڭلار، تۆگىچاقمۇ بۇ كۆرۈنۈشنى كۆرۈپ ھەيرانۇ ھەس قاپتۇ.

راستىنى دېسەم بۇ رەسىم تارتىلىپ بولغاندىن كىيىنكى ھالىتى قانداق چىقىدىغاندۇ بەكمۇ بىلىپ باققۇم كىلىۋاتىدۇ دېسى


ئاخىرىدا بۇلار ئىككىسى ئوڭۇشلۇق سۇدىن ئۈزۈپ چىقالىغانمىدۇ

ئاپىراتچى سىزمۇ كۆپ جاپا چەكتىڭىز، مانا بىر پارچە سۈرەت ئۈچۈن 10 ئادەم پايپېتەك بولىدىغان گەپكەن

يىگىت تۇيۇقسىز سۇغا چۈشۈپ كەتكەنمۇ ياكى ئۇلار شۇنداق رەسىمگە چۈشمەكچىمۇ 

ئەسلى بۇلار چىرايلىق بىر پارچە رەسىمگە چۈشمەكچى ئىدى، كىلىنچەك سىمىزمۇ ياكى يىگىت پالاكەتمۇ؟  ئىشقىلىپ ئۇلار مۇۋاپپىقىيەتلىك بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈش ئۈچۈن ئاز دىگەندىمۇ 10 قېتىم كىلىشى ئېنىق.

كەيپىياتىمنى تەڭشەي دەپسىزدە ، شاش كىلىنچەككەنسىز

ھاي ھاي ئورمانلىققا ئوت قويماڭلار، ھە ئەسلى بۇ يالغان بۇسمىتى بىلمەي قاپتۇق.....

سۈرەتتىكى رومانتىكىلىق يالغان. لېكىن سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن ئاققۇزغان ياش راست.
ئويلىمىغان «ۋەقە»لەرنىڭ چىقىپ تۇرىدۇ ئەلۋەتتە.
ــ خوتۇن، ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، مەن سىزگە ھەمراھ بولاي.
بىر  پارچە چىرايلىق تويلۇق سۈرىتىنىڭ ئارقىسىدا، يىگىتنىڭ ئېچىنىشلىق ھېكايىسى، قىزنىڭ بەربات بولغان چۈشى بولۇشى مۇمكىن.
ئەلۋەتتە، جۈرئەتلىكلا بولسىڭىز، ھاياتىڭىزدا ئۇنتۇلغۇسىز تويلۇق سۈرەتكە چۈشەلەيسىز.
گېلىڭىز قېقىلىپ كۆزىڭىزنى ئاچالمىسىڭىزمۇ، ئىس-تۈتەك چىقىرىش ئارقىلىق سۈرىتىڭىزگە سېھىرىي تۇيغۇ ئاتا قىلالايسىز.
«ئاسمان ئۆرۈلۈپ، زېمىن گۇمران بولسىمۇ، سىزدىن مەڭگۈ ئايرىلمايمەن» دېگەن مۇھەببەتلىك دىئالوگلار ئېسىڭىزدىمۇ؟
قاراڭ، بۇ بىر جۈپلەر تويلۇق سۈرىتىدە مۇشۇ ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپتۇ.
ــ خوتۇن، بۇ تاغنى بىز پارتلاتتۇق.
ــ قەدىرلىكىم، بىز بىر ئۆمۈر بىللە بولايلى.
مۇھەببەت ئەمەسمۇ، داغدۇغىلىق بولسا، ئاندىن مەنىلىك بولىدۇ.
خىيال بەك گۈزەل، رېئاللىق بەك ئېچىنىشلىق. لېكىن ساداقەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، بۇنداق چېكىدىن ئاشقان ئۇسۇلنى قوللىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. تاسادىپىيلىق يۈز بېرىپ، تويلۇق سۈرەت «ئاخىرقى سۈرەت»كە ئايلىنىپ قالمىسۇن. بولمىسا يىغلاشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەيدىغان گەپ.
تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈش ئۈچۈن بەزىلەر سەنياغا بارىدۇ، بەزىلەر ئورمانلىققا بارىدۇ. بەزىلەر بالى ئارىلىدا رومانتىكىلىق ئىزدەيدۇ. بەزىلەربولسا تەۋەككۈل قىلىپ تىك ياردىن خەتەر ئىزدەيدۇ.
بۇلارغا قاراڭ. بىخەتەرلىك ئۈسكۈنىلىرى يوق ھالەتتە، ئارغامچىغا ئېسىلىپ تۇرۇپتۇ. بۇنداق چاغدا كاستۇم-بۇرۇلكا ۋە توي كۆينىكى پۇتلىكاشاڭ بولىدۇ. ئۆزىنى چېڭلوڭ چاغلاپ قالدىمۇ بۇلار،نېمىدىگەن خەتەرلىك! بۇنداق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق، راستىنلا ھاجىتى يوق. كەسپىي تاغقا ياماشقۇچى بولغان تەقدىردىمۇ، ھاياتنى دوغا تىكىپ سۈرەتكە چۈشسە بولمايدۇ-دە.
بەزىلەر ئوت بىلەن، بەزىلەر سۇ بىلەن ئويناشماقتا. «يالقۇنلۇق توي كۆينىكى»نى كۆرۈپ باققانمۇ؟ بۇنى جاننى دوغا تىكىپ سۈرەتكە چۈشۈش دەيمىز.
كېلىنچەكنىڭ كۆينىكىگە ئوت يېقىلدى. ئوت بارغانسېرى ئۇلغىيىپ كەتتى. كېلىنچەك ئېكرانغا قاراپ بەختلىك كۈلۈمسىرىدى. مۇھەببەت ئوتى لاۋۇلداپ كۆيمەكتە! بۇ رىۋايەتلەردىكى«ئۆلسىمۇ ۋاز كەچمەسلىك» دېگەن شۇمۇ؟
توي كۆينىكى ئەسلىدىنلا ئاسان ئوت ئالىدىغان نەرسە. كېلىنچەكنىڭ ئۇچىسىدا ئوتنى توسىدىغان باشقا كىيىم يوق ئىكەن. ئەگەر ئوت ۋاقتىدا ئۆچۈرۈلمىسە، كۆيۈپ يارىدار بولۇشى مۇمكىن.
گۈزەل دەقىقىلەرنى خاتىرلەش ئۈچۈن، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشنىڭ ئورنى يوق.
بىز ئاڭلىغان تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈش ۋەقەسى ئاز ئەمەس.
تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈش ئەسلىدە بىر خۇشاللىق ئىش. لېكىن بەزىدە دەپنە مۇراسىمى بىلەن ئاخىرلىشىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ.
ئىلگىرى بىر خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ۋېنجۇدىكى بىر جۈپلەر ئەگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويغان دېڭىز بويىدا تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈۋاتقاندا، غايەت زور دولقۇن كېلىپ يىگىت، قىز ۋەگىرىمچىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئېقىتىپ كەتكەن. شۇنداق قىلىپ، ئۇلارنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ گۈزەل كۈن ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بولۇپ قالغان.
دېڭىز قىرغىقى رايونىدا سۈرەتكە چۈشكەندە گەرچە چىرايلىق چىقسىمۇ، بىراق خەتىرى بار. مۇخبىرنىڭ بايقىشىچە، ھەتتا بەزىلەر مەخسۇس تەيفىڭ بورىنى چىققان كۈننى تاللاپ دېڭىز رايونىغا بېرىپ تويلۇق سۈرەتكە چۈشىدىكەن. 
توردا تارقالغان سۈرەتكە ئاساسلانغاندا، ئەينى ۋاقىتتا ئۇچىسىغا توي كۆينىكى كېيىۋالغان بىر ئايال يەردە ئوڭدىسىغا ياتقان بولۇپ، يېنىدا بىر ئەر ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇراتتى. بىراق دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىزلا كۈچلۈك دېڭىز دولقۇنى يېتىپ كەلدى-دە ئۇلارنى يۇتۇپ كەتتى، ئەينى ۋاقىتتا تەيفىڭ بورىنى چىقىۋاتقان بولۇپ، دېڭىز دولقۇنىمۇ ناھايىتى ئېگىز ئىدى. 

نەق مەيداندىكى كىشىلەر دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلغان بولۇپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى يىتىپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق دېڭىز دولقۇنى بەكلا كۈچلۈك بولغاچقا، قۇتقۇزۇش كېمىسى دېڭىزدا ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئامالسىز قالغان.
تەبئىيەت مەنزىرىسى ناھايىتى گۈزەل،لېكىنبى خەتەرلىكنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. يېڭىلىققا ئىنتىلىش توغرا، لېكىن ھاياتىڭىزغا چاقچاق قىلماڭ.
ئاددىي ئۇسۇللار بىلەنمۇ گۈزەل دەقىقىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ. مەسىلەن مۇھەببەتكە تولغان كەچلىك تاماق، بىر قېتىملىق ساياھەت، بىر پارچە خاتىرىلەش ئەھمىيىتى بار سوۋغات....
تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق-چۈچۈكىنى بىر قېتىم تويلۇق سۈرەتكە چۈشۈش ئارقىلىق تېتىپ چىققىلى بولىدۇ. تۇرمۇش ئاسان ئەمەس، ھاياتىڭىزنى ۋە سۆيگىنىڭىزنى قەدىرلەڭ



DUTTAR NAHXiLiRi
مەخسۇس دۇتتار مەمبۇر ناخشىلىرى يوللايدىغان سالۇن قۇرۇلدى تىزدىن كىرىپ ئەزا بۇلۇڭ ناخشىلار سەرخىل
 最新文章